ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 754|ئىنكاس: 2

كىسەللىك ئەھۋالىمغا مەسلىھەت بەرسىڭىز .

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت ئۇستاز ياخشىمۇ سىز ؟ مەندە جىنسى ئاجىزلىق ، مەنى بالدۇر كىتىش ۋە بەدىنىمدىكى ئالامەتلەرگە قارىغاندا مەزى بېزى ياللۇغى بار ئىدى . تەپسىلى دىئاگۇنۇزغا ئىرىشىپ داۋالىنىش قىلاي دىگەن .
ئەسلى جىنسىيەت مۇنبىرىگە تىما يازاي دىگەن باشقا ئالامەتلەرمۇ بولغاچقا تەپسىلى دىئاگۇنۇز ۋە داۋالاشقا ئىرىشىش ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە يازدىم .
ئۆزۈم 25 ياش  بوي ئىگىزلىگىم 1،75    ئېغىرلىغىم 84  كىلو  قان تىپىم  ئو  تىپلىق  .
مەن تەخمىنەن 12 ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھېلىقى نىجىس ئادەتنى يۇقتۇرۋالغان ئىدىم ، ئۇزۇن يىلدىن بېرى ماڭا ھەمرا بولۇپ ئاز بولمىغان زىيانلارنى كەلتۈردى .
ھازىر مەن توي قىلدىم بىر يىل بولدى. جىنسى ئىقتىدارىم بەكلا ئاجىز ئالەت بەكلا كىچىك ، مۇناسىۋەت ۋاقتىم بىر مىنۇتقىمۇ بارمايدۇ. ئالەتمۇ بىرخىل يىمشاق ھالەتتە قوزغۇلىدۇ ھەم تىزلا بوشاپ كىتىدۇ . داۋاملىق بىرخىل كىچىك تەرەت باردەك سىزىم بار، كىچىك تەرىتىمنىڭ رەڭگى داۋاملىق قىزغۇچ كىلىدۇ . شەھۋىتىم بەك تىز قوزغىلىدۇ ئايال كىشىگە قارىسام ياكى كىنولاردا شۇنداق يەرلەر چىقسا ھەۋىسىم بىردەمدە قوزغىلىدۇ دە ئالەتتىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كىلىدۇ . مۇناسىۋەتتە بەكلا ھارغىنلىق ھىس قىلىمەن، بىر كىچىدە ئۆزۈمنى زورلىسام ئىككى قېتىم مۇناسىۋەت قىلالايمەن. ئەمما ۋاقتى بەكلا قىسقا، ئايالىمنىڭ قېشىغا كەلسەملا ئۇيقۇ باسىدۇ، توي قىلغاندىن بېرى مۇناسىۋەتتىن ھەقىقى ھۇزۇر ئېلىپ باقمىدىم. بەلكىم ئايالىممۇ شۇنداقتۇ. ئەمەلىيەتتە ئايال كىشى بىلەن بىرگە بولغاندىن كۆرە فىلىملىدىن ياكى ئانالىزىمدىن ئازراق ھۇزۇر ھىس قىلغاندەك بولىمەن. پەقەت ئايالىمنى دەپلا ئۆزۈمنى زورلاپ بىرگە بولىمەن. مۇناسىۋەت ۋاقتىمىز ھەپتىدە بىر قېتىم ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ھەتتا ئايدا بىر قېتىممۇ بولدى. ھازىر ئايالىمنىڭمۇ بۇ ئىشقا ئانچە رايى يوق. ئادەتتە ئۆيدە ئارتۇق گەپ سۆزمۇ قىلىشمايمىز .
ئەمدى بەدىنىمدىكى باشقا ئەھۋاللار  پۇت قولۇم پەقەت ئىسسىمايدۇ ۋە بەكلا تەرلەيدۇ . ياز كۈنلىرى  يوتام، ساغرام، قورسىقىم، بىلىم ۋە كۆكرىكى ئىشقىلىپ ھەممە يىرىم مۇزدەك تۇرىدۇ ۋە سوغۇق تەرلەيدۇ. پۇت قولۇم ئۇيىشىدۇ سەھەرلىكى بىردەم ئالقىنىمنى چىڭ تۈرەلمەيمەن. بەزىدە ئالقىنىم ياكى تاپىنىم قاتتىق قىززىشىپ چىمىلداپ كىتىدۇ. تولاراق تاپىنىم . يۈگۈرسەم ياكى جىددى ھەركەت قىلسام يۈرۈگۈم سوقۇپ پۇت قولۇمدە ماغدۇر قالمايدۇ نەپەس ئالالماي قالىمەن .ئۆزۈمدىن كىچىك ياكى ئۇرۇق بالىلار بىلەن قول قايرىشساممۇ ئۆزۈمنى كۈچسىز ھىس قىلىمەن ھەركىتىم بىرخىل ئاستا . سوغۇق كۈنلەردىمۇ ئازراق ئىش قىلسام بەكلا تەرلەپ كىتىمەن . بىلىم بىرخىل يېقىمسىز ئاغىرىپ تۇرىدۇ بەك ئەمەس . ئېغىزمىنىممۇ شۇنداق بىرى تۇتۇپ قويسا يەڭگىللىشىپ قالىمەن دۈمبەمنى يەرگە چاپلاپ ئاسمانغا قاراپ ياتسام بىر خىل خوش ياقىدۇ  دائىملا ياتقىم ياكى ئولتۇرغۇم كىلىدۇ . مايلىق بىرنەرسە يىسەم بېشىمغا ماي ئۆرلىۋالغاندەك ھىس قىلىمەن . ئاچچىقسۇ لازا يىسەملا بەدىنىمگە يۈزۈمگە دانخورەكتەك بىر نەرسە ئۆرلەپ كىتىدۇ  بەك تىز تەسىر قىلىدۇ . چاي ئىچىپ قانالمايمەن شۇنچە ئىچىپ قورسىقىم تومپىيىپ كەتسىمۇ يەنە ئىچكىم كىلىدۇ سۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن . سۇغا بەك كۆپ چۈشسەم ياكى قولۇمنى بەك كۆپ سۇغا تىقسام ۋەياكى يامغۇر ياغقان بەزى كۈنلىرى قول بارماقلىرىم ئىششىپ قالىدۇ . بەزەن كۈنلىرى قاپاقلىرىم ياكى كالپۇكلىرىم ئازراق ئىششىپ قالغان ھالەتتە قوپىمەن. تىرەمگە بىرنەرسە سۈرۈلسە ياكى تەگسە ياكى ھاشارەت چاقسا شۇ يەر بىردەمدە قاپىرىپ قالىدۇ . يەنە بېشىم كىپەكتىن ئاجرىمايدۇ  قانچە يۇساممۇ . چېچىمنى چۈشۈرسەم ئاشۇ كىپەك چىقىدىغان يەرمۇ ئىشقىلىپ باشقىچە ئاق تۇرىدۇ .يەنە گەپ قىلساممۇ سەك ئاستاراق سۆزلەيمەن تىل تاۋۇشلىرىم بىرخىل تومراق چىقىدۇ ئۇچۇق ئەمەس . قان بېسىمىمنى تەكشۇرتسەم دائىم تۇۋەن بېسىم  بەك تۈۋەن يۇقىرىسى بەك يۇقىرى چىقىدۇ مەسىلەن 60   140  دىگەندەك  قوللىرىمنىڭ تۇمۇرى باشقىلارنىڭكىدەك كۆپۈپ تۇرمايدۇ بەكلا ئىنچىكە تۇمۇرۇممۇ بىرخىل بوش سۇقىدۇ . يۇرەك سوقۇشۇم ئادەتتە 60 دىن 65  ئەتراپىدا .بىر قېتىم مۇنچىدا يۇيۇنۇپ تۇرسام يۈرۈگۈم تۇيۇقسىز بەكلا تىز ھەم قاتتىق سېلىپ كەتتى ئۇنىڭدىن كىيىن ئالاھەزەل بىر مىنۇتلارچە سوقماي تۇرۇپ ئاندىن ئەسلىگە كەلدى شۇندىن كىيىن يۈرۈگۈمدىنمۇ بەكلا ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم .يەنە شۇنچە يىلدىن بېرى ئاساسەن ئىھتىلام بولمىدىم ( بۇنى ئۆزۈمنىڭ قەرەللىك چىقىرىۋېتىپ تۇرغىنىمدىن كۆرىمەن )
ئەمدى پىسخىك ھالەتلىرىم  بەكلا ھۇرۇن ئىش خوشياقمايدۇ، قورقۇنجاق، ئۇنۇتقاق، ئىرادىسىز، ۋە خىيالپەرەس  ھېچقانداق ئىشقا دىققىتىمنى مەركەزلەشتۈرۈپ قېتىرقىنىپ قىلالمايمەن . شۇڭلاشقىمىكىن ھازىرغىچە ھېچبىر ئىشنى باشقا چىقىرالماي ئۇ يەر بۇيەرلەردە خەقنىڭ قېشىدا  ئىشلەپ يۈرىمەن .
بىرنەچچە يىلنىڭ يانقىسى ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىكىم ۋە توي ئىشىمدىن ئەنسىرەپ ئانالىزىمدىن ئۆزۇمنى تارتقان ئىدىم ( لىكىن تەلتۈكۈس تارتالمىدىم ) بىرنەچچە قېتىم تىۋىپلارغا تۇمۇرۇمنى تۇتقۇزۇپ دورا ئېلىپ يىگەن ئۇلار ئاساسلىقى قان سۇغۇپ كىتىپتۇ جىگەر بۆرەك ئاشقازان سۇغۇپ كىتىپتۇ يۈرەككە قان يىتىشمەپتۇ  بەدەننىڭ ھۆللىكى زىيادە ئېشىپ كىتىپتۇ دىگەندەك دىئاگۇنۇزلارنى قويۇپ  ماددۇتۇل ھايات لۇبۇبى كەبىر قاتارلىق دورا شەربەتلەرنى بەرگەن دورا ئىستىمال قىلغان ۋاقتىمدا ھارغىنلىقىم يوقىغاندەك بىلىم ئاغىرمىغاندەك ھىس قىلغان ئىدىم ( ئەمما مۇناسىۋەتنىڭ ۋاقتىغا تەسىر قىلمىغان  مەنمۇ جىنسى ئەھۋالىمنى دىمىگەن) دورىنى يىمىگەندىن كىيىن ئەھۋالىم يەنە بۇرۇنقىدەك ھەم سوغۇق تەرلەيدىغان پۇت قولۇم ئىسسىمايدىغان ئىشلار ئوڭشالمىدى .
مەن بۇ ئالامەتلەرنى بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەپ ئويلايمەن  مىنىڭ سېستىمىلىق داۋالىنىپ روھى ۋە جىسمانى جىنسى جەھەتتىكى زەئىپلىكتىن تەلتۈكۈس قۇتۇلغۇم بار .ماڭا ياردەم قىلىشىڭىزنى سورايمەن .
دىئاگۇنۇزنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تەپسىلى يازدىم چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن .


ۋاقتى: 2014-4-22 09:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئەسلى تېمىڭىزنى تەستىقلىمىغان ئىدىم. تەكىرار يوللىغاچقا تەستىقلىدىم ۋە تەھرىرلەپ قويدۇم.  بەزى گەپلەرنى بەك ئۇچۇق دىۋەتمىسىڭىزمۇ چۈشىنىمىز. ئۇچۇق دىيىش زۈرۈر دىسىڭىز ئۇچۇر ئارقىلىق دىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. ئەمما ھەممە ئادەم كۈرەلەيدىغان قىلىپ يوللاشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەمدى سىزدىكى ئەھۋالغا كەلسەك ئانانىزىم تەسىرىدىن پۈتۈن بەدەن، پۈتۈن ئەزالار ئاجىزلاپتۇ.  لىكىن سۆزلىرىڭىزدىن قارىسام بۇ ئىشتىن تېخىچە قول ئۈزەلمىگەندەك قىلىسىز. شۇڭا بىردىن بىر نەسىھىتىم بۇ ئىشنى تامام تاشلاڭ. تۇلۇق تاشلاپ 2 ئايدىن كىين ۋاقىت چىقىرىپ بىز تەرەپلەرگە (ئاتۇش) كەلسىڭىز تەپسىلى ئەھۋاللاشساق بولغۇدەك.
سىز دورا بىلەن داۋالاشتىن بەكىرەك روھى داۋالاشقا، كۆڭلىڭىزنى خۇشال تۇتۇشقا مۇھتاجدەك تۇرىسىز.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-22 12:41:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭ ئۇستاز     كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا بولىدۇ دىگەندەك دىئاگۇنۇزنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن تەپسىلى يازدىم . بۇندىن ئىلگىرى باشقا تىۋىپلارغا بۇنچە تەپسىلى دىمىگەنتىم شۇڭا دورىنىڭ ئۈنىمى ۋاقىتلىق بوپ قالدىمىكى دەپ ئويلىدىم
ئەمدى ئاللا خالىسا ئىككى ئايدىن كىيىن پۇرسەت تېپىپ باراي ، ئۇنىڭغىچە ماڭا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كىلىش ۋە كىچىك تەرەت تامچىلاشقا قارىتا دورا تەۋىسىيە قىلسىڭىز .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش