ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1126|ئىنكاس: 5

چوڭ ئانامنىڭ كىسىلىگە مەسلەھەت سورايمەن.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چوڭ ئانام بۇ يىل 110ياش ، ھازىرغىچە چوڭ كىسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالمىغان،  چاچلىرىدىمۇ تۈزۈك ئاق يوق ئىدى ،كۆرۈش ئىقتىدارى ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. قىشتا زۇكام بولۇپ قېلىپ ، زۇكام ھۆتەلگە ئايلىنىپ بەك تەستە ساقايغان ، ئۈچ كۈن بۇرۇن تۇيۇقسىز بىئارام بولۇپ قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسغا ئاپارغاندا ئۇلار تەكشۈرۈپ تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى، يۈرەك زەئىپلەشكەن، يۈرەك ئىقتىدارى 4-دەرجىدە ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دەپ دىئاگىنۇز قويغان. ھازىر ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالى ئۇخلىيالمايدۇ، ئوڭدىسىغا ياكى يانچە ياتالمايدۇ، پەقەت يانچە دۈم ھالەتتە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئادەم تونىيدۇ، گەپ قىلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ، روھى-كەيپىياتى ئوچۇق.
لىكىن شۇ ئۇخلاپ ئارام ئالالمايۋاتىدۇ. قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-17 13:35:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يولۇچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-17 13:38  

بۇ دىئاگىنۇز قەغىزى


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
ۋاقتى: 2014-4-18 22:16:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاللاھ چوڭ ئانىڭىزنىڭ ئۆمرىنى تېخىمۇ ئۇزۇن قىلسۇن. بۇ ئەھۋالغا قارىتا چوڭ ئانىڭىزنىڭ تەن ساپاسى ياخشى بولسا مەتبۇخ ئەفتىمۇن دىگەن شەربەت دورىنى 10 كۈن ئەتىراپىدا ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن داۋائى مىشكى، مۇپەررىھ ئەۋرىشىم دىگەن دورىلارنى ئىستىمال قىلسا بۇلىدۇ.
ئەگەر تەن ساپاسى ئاجىز بولسا مۇپەررىر ياقۇت ئىچىملىكىنى 1 ئاي ئەتىراپىدا ئىستىمال قىلىپ باقسۇن.


ۋاقتى: 2014-4-20 15:17:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
110 ياش ..... ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۇپتۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-24 22:48:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك چوڭ ئانام 4-ئاينىڭ 22-كۈنى سەيشەنبە كەچ سائەت 9:30 ئەتراپىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ھەكىملەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت!


ۋاقتى: 2014-4-27 22:11:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولۇچى يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 22:48
رەھمەتلىك چوڭ ئانام 4-ئاينىڭ 22-كۈنى سەيشەنبە كەچ سائەت 9 ...

مەرھومنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن-ئامىن!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش