ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1969|ئىنكاس: 15

مەسلىھەت بەرسىڭىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت دۇختۇر ،سىزنىڭ مەسلىھەت  سورىغانلارغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سەمىمى جاۋاب بېرىۋاتقنىڭىزغا رەھمەت!  ئۇلۇغ ئاللاھ تەنلىرىنى سالامەت قىلسۇن ! ئامىن !
مەقسەتكە كەلسەم ، مەن بۇيىل 27ياش،ئىگىزلىكىم170 سانتىمېتىر ،ئېغىرلىقىم70كىلوگرام، توي قىلمىدىم،خىزمىتىم ئاساسەن كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرىمەن. بۇرۇن ئۇزۇن مۇددەت ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان،ئاساسەن شەھۋەتنى پەسەيتىش مەقسىتىدە. لىكىن  مۇشۇ توربەتنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ ئىشنىڭ زىيىنىنى تۇنۇپ يىتىپ تاشلىدىم( مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە ۋە مۇشۇ توربەتكە كۈچ قۇشۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن).ھازىر ئۈزۈل-كىسىل تاشلىغىلى ئۈچ ئايدىن ئاشتى. تاشلاش جەريانىدا بىر تىۋىپقا تۇمۇر تۇتقۇزۇپ مەجونى ئەپئى، مەجونى لوبوبى كەبىر، مەجونى ئېمساك، مەجونى قۇۋۋىتى باھ يەنە ئىسمى يېزىلمىغان ئىككى خىل دورا (بۇ ئىككىسىنىڭ مىقدارى ئازراق) قاتارلىق دورىلارنى تۆت باسقۇچ يىدىم،ھەربىر باسچۇچتىن كىيىن تۇمۇر تۇتۇپ دورا بەردى،دورىنىڭ تۈرى ئۆزگەرمىدى . ئاخىرقى ئىككى باسقۇچتا مەجونى چۆپچىن نى قۇشۇپ بەردى، تۆتىنچى باسقۇچلۇق دورىنى بەرگەندە مۇشۇنىڭ بىلەن داۋالاش تۈگەيدۇ دەپ بەرگەن،ھازىر تۈگەيدىغانغا ئىككى ئۈچ كۈن قالدى. ھازىر مەندىكى ئالامەت بولسا سىيىپ بولۇپ تۇرۇپ كىتىپ بىردەمدىن كىيىن بىر تىمىمدەك سۇيدۈك تىمىپ قالىدۇ،مەندە ھىچقانداق سىزىم بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال سۇغوقتا قالسام،ياكى ئاچچىق نەرسە يەپ سالسام ئېغىرلىشىدۇ. يەنە ھاياجانلىنىپ قالسام سۇيدۈكتىن كىيىن رەڭسىز شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ قالىدۇ، بىر ئىككى قىتىم شۇنداق بۇلۇپ ئوڭشىلىپ قالىدۇ. سىيگەندە ئىچىشىش،ئاغرىش يوق، ئاندا ساندا سۇيدۈك يولىنىڭ ئېغىزى چاپلىشىپ قىلىپ سىيگەندە ئېچىلىپ كىتىدۇ. باشقا ئالامەت يوق ،بۇرۇن چۈشنى كۆپ كۆرىدىغان ،ئاسان چارچاپ قالدىغان ئەھۋاللار ئازراق باتتى،ئاللاھ قا شۈكرى ھازىر ياخشى بۇپ كەتتىم.
بىر ئاي بۇرۇن بۇغدا دۇختۇرخانىسىدا تەكشۈرتسەم مەزى بىزى سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرەپ ،مەزى بىزى دە ئازراق ياللۇغ باكەن،چوڭ ئۆچەي تاياقچە باكتىرىيەسى بىلەن ياللۇغلىنىپتۇ دەپ دىئاگۇنوز قويغان.شۇ سۇيدۈك تامچىلايدىغان ئىش بىشىمنى بەك ئاغرىتتى،مۇنتىزىم بىر داۋالىناي دىگەن. مەن بۇ توربەتتىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى ھەممىنى كۆرۈپ بولدۇم. سىزنىڭ " مەزى بىزى ياللۇغى ۋە داۋالاش لاھىيەسى" دىگەن تېمىڭىز بۇيىچە دورا يەيمۇ دەپ ئويلىغان،لىكىن بەزى يەرلىرىنى چۇشەنمەي قالدىم ھەم قەيەردىن ئىشەنچىلىك دورا ئېلىشنىمۇ بىلەلمىدىم. شۇڭا يەنىلا سىزدىن مەسلىھەت سوراپ سىزدىن دورا سېتىۋىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ماڭا بىر داۋالاش لاھىيەسى تۈزۈپ دورا ئەۋەتىپ بىرەلەسىزمۇ ؟ سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم.


ۋاقتى: 2014-4-17 11:12:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئالدى بىلەن بۇ نىجىس ئىشتىن قۇتۇلغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.
ئاندىن سىزگە دورا بەتگەندە تەرتىپلىك بولمىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. يەنى ئاۋال ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاندىن قۇۋەتلەيدىغان دورا بىرىش كىرەك ئىدى. چۈنكى ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلار  خۇسۇسىيەت جەھەتتىن تۇسالغۇ ئاچقۇچى ياكى سۈرگۈچى دورىلار بۇلىدۇ. قۇۋەتلىگۈچى دورا دىگەن تۇتقۇچى دورا بۇلىدۇ. ئىككىسىنى بىرگە ئىشلىتىشنىڭ ئۈزىمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس ئىدى. بىراق ياللۇغ قايتۇرىدىغاننى ئاخىرىدا بەرگىنى پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى.
بىز ئادەتتە بىر ئۆيگە بىر گىلەم ئالدۇق دەيلى. ئاۋال ئۆينى تازلاپ ئاندىن گىلەمنى سالامدۇق ياكى گىلەمنى ئەخلەت ئۆيگە سېلىپ ئاندىن ئۆينى تازلامدۇق؟  ئىنىقكى ئۆينى پاكىز تازلاپ بوپ ئاندىن گىلەم سالىمىز.
دورا ئىشلىتىشتىمۇ باشتا مۇنزىچ، مۇسھىل ئاندىن ياللۇغ قايتۇرغۇچى، ئاغرىق پەسەيتكۈچى، ئاندىن ئىقتىدارىنى كۈچەيتكۈچى، قۇۋەتلىگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. مانا بى تېبابىتىمىزنىڭ ئەۋزەللىكى. ئەگەر بىزمۇ خەخلەردەك ئاغرىسا ئاغرىق پەسەيتسەك، ئىشىسا ئىششىق ياندۇرساق سەۋەبىنى، يىلتىزنى يوق قىلمىساق نىمە قىلىمىز ئۇيغۇر تېبابەتنى؟
سىزدىكى ئەھۋالغا قارىتا 1- ئەرقى چۆبچۈن، مەجۈنى چۆبچىن، قۇرسى كاكنەچ، شەربىتى مىكو دىگەن دورىلاردىن 15 كۈن ئەتىراپىدا ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن ھەببى ئازاراقى، ماددىتۇل ھايات دىگەن دورىلاردىن 20 كۈن ئەتىراپىدا ئىستىمال قىلسىڭىز كۇپايە. بۇ جەرياندا سوغوق تەبىئەتلىك يىمەكلىك ۋە يەللىك يىمەكلىكتىن يىراق بۇلىسىز.  يەنە مەزىبىزى ياللۇغىنى داۋالاش دىگەن تېمىدىكى زىماد ۋە ۋاننا دورىللىرىنى ئىشلەتسىڭىز ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-17 14:13:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈپۈرگە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-17 14:15  
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 11:12
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئالدى بىلەن بۇ نىجىس ئىشتىن قۇتۇل ...


چۇشەندىم،رەھمەت سىزگە.
ھازىر مەندە ۋاننىغا چۈشۈشكە شارائىت يوق، زىماد چىپىشنى سىناپ باقاي . سىزنىڭ "مەزى بىزى ياللۇغى ۋە داۋالاش لاھىيەسى" دىگەن تېمىڭىزدىكى زىمادى مەزى نى  ئىشلىتىش ئوسولى ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى چۇشەندۈرۈپ قويسىڭىز بۇپتىكەن.بۇ زىماد نى ئاۋۋالقى 15كۈندە چاپامدىم ياكى پۈتۈن داۋالاش جەريانىنىڭ ھەممىسىدىمۇ؟  يەنە سىز دىگەن يەللىك يىمەكلىكلەر قايسىلارنى كۆرسىتىدۇ؟
مەن ئۈرۈمچىدە ئىدىم. سىز دىگەن دورىلارنى ئەۋەتىپ بىرەلەسىزمۇ ؟  ياكى سىزگە قۇلايسىز بۇپ قالسا ئۈرۈمچىدىكى سىز بىلىدىغان بىرە تىۋىپ ياكى دورىخانىنى تەۋسىيە قىلامسىز؟


ۋاقتى: 2014-4-18 00:26:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈپۈرگە يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 14:13
چۇشەندىم،رەھمەت سىزگە.
ھازىر مەندە ۋاننىغا چۈشۈشكە ش ...

دەسلەپكى 15 كۈن ئىشلىتىسىز.  يەللىك يىمەكلىك ياڭيۇ، پىياز، كالاگۈشى، لازا، قىزىل قۇغۇن...... قاتارلىقلار. دورىلارنى بىز ئەۋەتىپ بەرسەكمۇ ياكى شۇ يەردىكى تېۋىپلاردىن ئالسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-19 13:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 00:26
دەسلەپكى 15 كۈن ئىشلىتىسىز.  يەللىك يىمەكلىك ياڭيۇ، پى ...

چۈشەندىم،رەھمەت.
ئۇنداق بولسا مەن مۈشۇ يەردىنلا سېتىۋالاي . زىماد نىڭ نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بۇپتىكەن .يەنە سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم .


ۋاقتى: 2014-4-19 19:20:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىمادى مەزى
تەركىبى: گۈل بىنەپشە، شۇمشا ئۇرۇقى، بابۇنە، ئاقلەيلى ئۇرۇقى، زىغىر، ئەفسەنتىن، قىزىلگۈل، قەسبۇلزەرىرە، ئاق سەندەل، ئەككىمىلىك، سۇمبۇل، خىيارشەنبەر، يەرلىك شوخلا ھەر بىرى 15 گىرامدىن. سېرىق چىچەك ئۇرۇقى 25 گىرام، ئىسپىغۇل 30 گىرام، قىزىلگۈل مېيى 200 مىللىلىتىر.
تەييارلىنىشى: ئىسپىغۇلدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش: مۇۋاپىق مىقداردىكى تالقاننى ئېلىپ ئىسپىغۇل لۇئابىدا (ئىسپىغۇلنى سۇغا چىلاپ قويغاندىن كىيىن چىقىدىغان شىلىمشىق سۈيۈقلۇقى) يۇغۇرۇپ خېمىر ھالەتكە كەلگەندىن كىيىن گۈل مېيى بىلەن ياغلاپ كىندىكنىڭ ئاستىغا(دوۋساق ئۇدىلىغا) تېڭىلىدۇ. تېڭىپ كەم دىگەندە 2 سائەت تۇرىشى كىرەك. tdp قاتارلىق ئۈسكىنىلەردە ئىسسىق ئۆتكۈزسا تېخىمۇ تاخشى بۇلىدۇ.
تەسىرى: يەرلىك ئۇرۇندىكى ماددا ئالمىشىشنى تىزلىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش تەسىرى بار بولۇپئاساسلىق مەزىبىزى ياللۇغى ۋە مەزىبىزى ئۈسۈكچىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-22 22:11:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 19:20
زىمادى مەزى
تەركىبى: گۈل بىنەپشە، شۇمشا ئۇرۇقى، بابۇنە ...

رەھمەت سىزگە!
بۇنى خىمىر ھالاتكە ئەكىلىپ بىر قىتىم چاپلاپلا تاشلىۋىتەمدىم ياكى كۆپ قىتىم ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟ يەنە مەجۇنى چۆپچىن بىلەن ئىتتىرفىل چۆپچىن ئۇخشاشمۇ،بۈگۈن دورا ئالغاندا ئىككىسى ئۇخشاش دەپ ئىتتىرفىل چۆپچىننى تۇتقۇزۇپ قويدى.
يەنە سىزنى ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم


ۋاقتى: 2014-4-22 23:01:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلاپ ئىشلىتىسىز. بىر قېتىم ئىشلەتكەننى 2- قېتىم ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئۇ ئىككىسى ئاساسەن ئوخشاش.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-24 22:28:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 23:01
مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلاپ ئىشلىتىسىز. بىر قېتىم ئىشل ...

رەھمەت چۈشەندىم.
مەن زىمادنى تەييارلىغاندا سۇقۇلغان دورىلارنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يۇغۇرۇپ تەييارلىۋىلىپ ،ھەرقىتىم مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ ئىشلىتىشنى ئويلاشقان. قىزىلگۈل يېغىنى شۇ دورىلارغا قۇشۇپ يۇغۇرۋەتسەممۇ بۇلامدۇ؟ ھەرقىتىم مايلاش بىر ئاز قۇلايسىز بۇپ قالىدىكەن.
يەنە ئەرقى چۆپچىن بىلەن شەربىتى مىكو نى ئادەتتىكى تمپىراتورىدا ئىچىۋىرەمدىم ياكى ئىسسىتىپ ئىچەمدىم.


ۋاقتى: 2014-4-27 22:07:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈپۈرگە يوللىغان ۋاقتى  2014-4-24 22:28
رەھمەت چۈشەندىم.
مەن زىمادنى تەييارلىغاندا سۇقۇلغان  ...

زىمادنى ئامال بار كۈندە يۇغۇرۇڭ. دورىلارنى نورمال تىمپىراتۇردا ئىچىۋەرسىڭىز بۇلىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش