ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 989|ئىنكاس: 2

يۇقۇرى قان بېسىمى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،  ئەلسىھەت ئۇستاز!
مەن بۇ يىل 38 ياشتا.  يەتتە سەككىز يىل بولدى،  يۇقۇرى قان بېسىم بوپ قالغان، باشتا سېستىمىلىق داۋالىنىش قىلماپتىمەن. ھازىر خېلى جىق ئاماللارنى قىلساممۇ، چۈشمەيۋاتىدۇ. خېلى ئۆتكۈر غەرپچە دورىلاردىن بىر ئەمەس بىر نەچچە خىلنى بىرلەشتۈرۈپ يېسەممۇ ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ. ئۈنۈملۈك ساقايتىش ئۇسۇلى بارمىدۇ؟ ياكى ۋاقتىنچە بولسىمۇ كونتىرول قىلىپ پەسلىتىدىغان دورىلار بارمىدۇ؟ ئادەتتە 140~200......180~130 تا تۇرۇۋالىدۇ.   ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن!


ۋاقتى: 2014-4-17 10:59:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. قان بېسىمدىن باشقا قاندىكى ماي يۇقۇرلۇق ئەھۋالىمۇ بارمىدى؟  ئىرسىيەت خاراكتىرلىكمۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-21 00:44:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇستاز، مەندە قان قويۇقلۇق، قاندا ماي دېگەندەك ئەھۋاللار يوق. تەكشۈرتكەن.
ئاتا-ئانام باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبى بىلەن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇلار دېھقان، ئۇلاردا قان بېسىم يوققۇ، دەپ ئويلايمەن.
دوختۇرخانىلاردا ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىپمۇ باققان نەچچە قېتىم. ئەمما تۈزۈك ئۈنۈمى بولمىدى، قۇرۇق ئاسما ئوكۇلغا، دورىغا زورلاپ، ۋاقىتنى توشقۇزۇپ چىقىرىۋەتتى. ئاز ۋاقىتتىن كېيىنلا يەنە جايىغا كېلىۋالدى. سەۋەبىنى دوختۇرلارمۇ ئېنىقلىيالمىدى.
توردا يېڭىدىن بىر خىل رېتسىپنىڭ ئۇچۇرى تارقالدى. شۇ ئۇچۇر بويىچە ئۆزەم دورا ياساپ، ئىستىمال قىلىپ سىناپ بېقىۋاتىمەن.
ھېلىقى رېتسىپنىڭ تور ئادىرىسى مۇشۇ     http://bbs.misranim.com/thread-121975-1-1.html
اللە ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش