ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1062|ئىنكاس: 1

بىر نەچچە خىل كېسەللىكىم بار مەسلىھەت بەرسىڭىز.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
           ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟ ئەلسىھەت دوختۇر مەندە كۆپ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى بار مەسلىھەت بەرسىڭىز ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
           مەن بۇيىل 24 ياش بوي ئېگىزلىگىم 1.85مىتىر ئېغىرلىقىم 60كىلوگىرام ئەتراپىدابۇلىدۇ 65كىلوگىرامدىن ئېشىپ باقمىدىم رامزاندا 57كىلوگىرام ئەتراپىدا ئوتكەن يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرى توي قىلدىم ئاللاھ خالىسا ئايالىمنىڭ بۇيىدا بار 5ئايلىقتىن ئاشتى چىرايىم نۇرسىز پېشانەمگە ۋە چىكەمگە دانىخورەك كوپرەك چىقىدۇ،تېرەم قۇرغاق،بۇرتۇم ئەمدى ئازراق كورۈندىغان بولدى ساقىلىم بەش ئالتە تال چىقتى،بەك ئاز،ئەمچىكىم كىچىك بالىلارنىڭكىگە ئوخشاش بەك جانسىز ، ئانانىزىم بىلەن 3يىلدەك شۇغىللىنىپ قول ئۈزگىلى 2يىل بۇپ قالدى مەندە بۇلتۇر 4-ئايدا ئوپكە تىبىركىلىيوز كېسىلى بايقىلىپ 6ئاي كېسەللىكلەرنى ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ دورىسىنى يىدىم ,يەپ بۇلۇپ ئەھۋالىم ياخشى بۇلۇپ قالغان دورىنى توختىتىپلا توي قىلدىم 10-ئايدا(ئەسلى دورىنى يەنە 2~3ئاي يىسەم بۇلۇركەندۇق كۈچ-قۇۋۋىتىم ياخشى بولغان بىلەن كىسەللىك ئاسارىتى ئازراق باركەندۇق بۇنى كىيىن بىلدىم)تويدىن كىيىن مۇناسىۋەت قىلىشسام ئەر-ئايال ئىككىمىزلا شۇنداق رازى بۇلۇشتۇق ئۇڭۇشلۇق بولدى دىمەكچى لىكىن ئۇزۇنغا بارمىدى 2ئاي ئوتكەندىن كىيىن مۇناسىۋەتكە قارىتا رايىم يىنىپلا كەتتى خوشام يوق كەم ماغدۇر،كيىنرەك ئاشۇ تىبىركىلىيوز كېسىلىمدىن ئەنسىرەپ 12-ئايدا ئاپتۇنوم رايونلۇق كوكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا چىقىپ تەكشۇرتسەم ئوپكىدە توشۇك بار بۇلۇپ قاپتۇ دىمەكلىك بىلەن يەنە تېخىمۇ كۈچلۈك دورا ئېلىپ كېلىپ (دەسلەپتە 4خىل دورا يىگەن بۇ قېتىپ 7خىل دورا يىدىم جىگەر قوغداش دورىسى قوشۇلۇپ)يىدىم بۇقىتىم 4 ئاي يەپ تەكشۇرتسەم توشۇك ئېتىلىپتۇ ئەمدى 2ئاي دورا مىقدارىنى ئازلىتىپ يىسىڭىز ساقىيىپ كېتىسىز دىۋىدى مانا بىر ئاي بۇلاي دىدى .ھازىر مەندە بۇلۋاتقان ئالامەت 4ئايدىن بېرى ماغدۇرسىز دەسلەپكى بىر ئىككى ئاي ئىنتايىن ماغدۇرسىزلىناتتىم ھازىر تاماقنى جىق يەۋىلىپ جىسمانى ئەمگەك قىلساممۇ بۇلىدۇ ،لىكىن قورساق سەللا ئاچسا يەنە ماغدۇرسىزلىنىمەن بىر ئاي بۇلاي دىدى بېششىم ئاغرىيدۇ شۇنىڭ بىلەن تۇمۇر تۇتتۇرسام قان ئازكەن مىڭە يۈرەككە قان يىتىشمەسلىك باركەن دەپ قان تۇلۇقلاش داچىسى ئىچۋاتىمەن ھازىرمۇ بېشىم ئاغرىيدۇ ئارقى مىڭەم ياكى چوققام، مەنىي بالدۇر كېتىش بار،قايتا تىكلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن،يەنە ئىككى كېسىلىم بار،بىرى ئىككىلا پۇتۇمنىڭ ئاستى قىچىشىدۇ 4~5ئاي بولدى. ئىسسىق سۇغا پۇتۇمنى چىلاپ گۇڭگۈرت سۇردۇم ساقايمىدى،يەنە بىرى تۇمۇر تۇتىدىغان تىۋىپ بۇرادەرنىڭ دىيىشىچە مىكروپلۇق ئۇرقدان ياللۇغى باركەن (ئۆتكەن يىلى بوغدا دۇختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۇرتسەم ئۇرۇقنىڭ نىسبىتى تۈۋەنكەن دىدى ئۇرۇقداندا ياللۇغ باركەن دىمىدى،سىزنىڭ ئاۋۋال ئوپكىڭىز ساقايسا ئاندىن كەلسىڭز ئۇرۇقنىڭ نىسبىتىنى يۇقۇرلىتىشقا سەۋەب قىلىمىز دىگەن ،ئاندىن ئاشۇ تەكشۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىزگە yy دەرسخانىدىن ئەۋەتتىم ،سىزمۇ كۆرۇپ چاتاق يوقكەن دىگەن ،ئۇنىڭدىن كىيىن تەكشۇرتۇپ باقمىدىم،توڭرېن دوختۇرخانىسىغا بارسام ئۇلار مەزى بېزى ياللۇغى ئىكەن دەپ دىئاگۇنۇز قويغان )ئۇرۇقدىنىم بەك تاتلىق قىچىشىدۇ ،ئاستى تەرپى ياكى زەكىرىمنىڭ تۈۋى تەرپى بۇلۇپمۇ مۇناسىۋەتتىن كىيىن ،ياكى ئايالىم بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشماستىن يىقىن بولسام مەزىبزى سۇيۇقلۇقى چىققاندىن كىيىن بەكرەك قىچىشىدۇ،بۇ كېسىلىمنى بىلگەندىن كىيىن ئۇ بۇرادەردىن 2مىڭ يۈەندىن ئارتۇق 3~4ئاي دورا يىدىم قاننى تازلىساق ساقىيىدۇ دەپ قان تازلاش جەۋھىرى ئىچتىم ،يەرلىك ئورۇننى پاكىزە تۇتۇڭ دىۋىدى شۇلتا سۇيى دىگەندەك سۇيۇقلۇقلار بىلەن يۇيۇپمۇ باقتىم،ئىشقىلىپ ھەرخىل دورىلىرىنى يىدىم كورىنەرلىك ياخشىلانمىدى،ھازىرمۇ قىچىشىدۇ، ئۇ تىۋىپ ناۋادا  شۇ قچىشىش يەنى ئۇرۇقدان ياللۇغى ساقيمىسا بورەك قۇۋۋەتلەش دورىسى يىسىڭىز بولمايدۇ دىمەكلىك بىلەن بورىكىمنىمۇ قۇۋۋەتلىيالمىدىم ئەسلى تازا بىر قۇۋۋەتلەي دىگەن بۇ تىۋىپ قەتئي بەرگىلى ئۇنمىدى ئاۋۋال قىچىشقاقنى يوقىتىپ ئاندىن بۆرىكىڭىزنى قۇۋۋەتلەيمىز دەپ،بېلىم ئاغرىش،يازدا ئالقىنىم تەرلەش ،قىشتا پۇت—قۇلۇم مۇزلاش بۇلاتتى،ھازىرمۇ بۇلىدۇ،بەدىنىمنىڭ ئىسسىقى يوق يازدا ئىسسىق تۇرىدۇ قىشتا مۇزدەك تۇرىدۇ باشقىلارنىڭكى بىلەن سىلىشتۇرۇپ كوردۇم .تېخى يىقىندا چىش مىلىكى ياللۇغلىنىپ قىلىپ دورا يىدىم ئاغرىقى ئەمدى پەسەيدى لىكىن ياللۇغ يوقىمىدى،چىششىم مۇستەھكەم ئەمەس ئاسان چاتاق چىقىدۇ ،ھازىر سەزگۈرلۈكى ئېشىپ مۇزدەك يەكى ئىسسق نەرسىلەرنى يىسەممۇ چىششىم قامايدۇ،قۇدۇق سۇيىدە(سوغوق)  تاھارەت ئالسام بىردەمنىڭ ئىچىدىلا زۇكامداپ قالىمەن،نەشپۇت،ئانار،بانان،ئاپلىسىن دىگەندەك سوغوق مېيۋىلەرنى يىمەيمەن ،يىسەملا يوتىلىپ قالىمەندە ئۇزۇنغىچە توختىمايدۇ،ھىلىھەم بەلغەم بار يىنىك دەرىجىدە .10كۈن ئىلگىرى ئايالىم بىلەن بىللە بولغان تا ھازىرغىچە ئەسلىمگە كىلەلمىدىم كەم ماغدۇر ،پۇت -قۇلۇم تىتىرەيدىغان بۇلۇپ قالدى تېخى ،پۇت ياكى قۇلۇمنى بىر نۇقتىغا تۇتسام جىم تۇرالمايدۇ لىك لىك لىك......تىتىرەيدۇ.ئايالىممۇ ئىككى قات بولغانىكىن ئەمدى 3~4ئاي مۇناسىۋەت قىلماي دەم ئېلىش قارارىغا كەلدىم ،ھازىر مۇناسىۋەت قىلساممۇ بەدەن قۇۋۋىتىم يار بەرمەيدۇ ،ناۋادا ھىسياتىمغا بېرىلىپ مۇناسىۋت قىلىپ قويسام ئەتىگەنلىككىچە ئۆلۈپ قالارمەنمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن،ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۈمۈرۈمنى بەرىكەتلىك قىلىشىنى، جىسمانىي ۋە مەنىۋىي كىسەللىكىمگە شىپالىق ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن .ئەلسىھەت دۇختۇر سىزنىڭمۇ شۇنداق بۇلۇشىڭىزنى ۋە تور بېتىڭىزنىڭ تېخىمۇ تىز تەرەققىي قىلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمەن،ئاللاھ خالىسا ئىقتىسادىم تېخىمۇ ئاشسا تور بېتىڭزنىڭ تەرەققىياتىغاخالىس ياردەم قىلىمەن.
         مېنىڭ ھازىر يەۋاتقان دورام ئۆپكە تىبىركىلىيوزنىڭ دورىسى ۋە قان تۇلۇقلاش دانچىسى(تەركىۋى:ئانار،لىمون،تۇمۇر سىترات،ئالى سورتلۇق شېكەر). كۈندە دىگۈدەك ئۇستىخان شورپىسى ئىچۋاتىمەن ،بادام،خۇرما يەۋاتىمەن .ئۇمومىي بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان ھەرخىل ماركىدىكى،ھەرخىل مەھسۇلاتلار چىقىپ كېتىپتۇ لىللا شىركىتىنىڭ نونى 100%لىك شەربىتىدىگەندەك،بەدىنى ئاجىز،ئوپراتسىيە قىلدۇرغانلار،ئىمونت كۇچى ئاجىزلار،دائىم كىسەل بۇلىدىغانلار،ئۇزۇن مۇددەت خىمىيلىك دورا ئىستىمال قىلغانلار،بەدىنىنىڭ سوغوقى ئېشىپ كەتكەنلەرگە ماس كىلىدۇ دەيدۇ چۈشەندۇرۈشىدە.سىزدىن سورايدىغىنىم مەن قايسى سەۋەبنى قىلىپ داۋالىنىپ ئىمونت كۈچۈمنى ئاشۇرۇپ ،نورمال بەدەن ئېغىرلىقىمغىچە سەمىرىپ،كېسەللىك ئەھۋالىمنى ياخشىلايمەن(شىپا ئاللاھتىن،سەۋەب بەندىدىن)،مۇشۇ سۆزۈمگە ئاساسەن دورا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز بۇلامدۇياكى بىرە جايغا بېرىپ قايتا،يېڭىدىن تەشۇرتۇپ باقىمەنمۇ ۋەياكى ئۆزەم تۇرۇشلۇق رايوندىن(تۇرپان) تۇمۇر تۇتقۇزۇپ شۇلاردىن ئالامدىم؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


ۋاقتى: 2014-4-15 13:27:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. مەنچە سىز يەنىلا ئۆپكە كىسىلىنىڭ دورىسىنى يەپ بوپ ئاندىن باشقا دورا قىلسىڭىز ياخشى.
سىزنى سەمرىتىش، قۇۋەتلەش، ئىممونىت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋائى مىشكى مۆتىدۈل، لوبوبى كەبىر، جاۋارىش زەر ئۇنى، ماددىتۇل ھايات، ھالۋائىي بەيزە دىگەن دورىلارنى 40~60 كۇنگىچە ئىستىمال قىلىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ. بىراق ئۆپكە سىلىنىڭ دورىسى زىيادە سوغوق دورا بۇلۇپ يۇقارقى دورىلارنىڭ رۇلىنى كىسىۋىتىدۇ.
ئۇرۇقدان قىچىشىش ئالامىتىگە قارىتا قوينىڭ قۇرۇق مېيىدا 3 كۈن مايلاپ بېقىڭ. ئەگەر قىچىشىش ئېغىرلاشسا ھەقىقەتەن ئۇرۇقدان ياللۇغى، قىچىشىش ئوڭشالسا بۇ تىرىدىكى كىسەللىك.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش