ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1301|ئىنكاس: 3

ئوغلۇم ئالدىڭغا قارا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوغلۇم، ئېسىڭدە بولسۇنكى، ئاتا-ئاناڭ ساڭا مەڭگۈلۈك بولمايدۇ. ئۇلار سېنىڭ نامرات ۋەمۇھتاجلىقتا قېلىشىڭنى خالىمايدۇ. نامرات ۋە مۇھتاج دېگەن بۇ ھاقارەتلىك قالپاق ھەرگىز سېنىڭ بېشىڭدا تۇرۇپ قالمىسۇن. نامراتلىق ۋە مۇھتاجلىق ئىنتايىن ئېغىر ھاقارەتلەرنى ئېلىپ كېلىشكە قابىلدۇر. بالام، كۆرۈنۈشى پېقىر بولغان كىشىلەردە مۇھتاجلىق بولغانلىق ئۈچۈن ئۇنى گاداي دەيدۇ. بۇ ھەممە بالالارغا ۋە كىشىلەر ئارىسىدا خار ۋە ئېتىبارسىز بولۇپ قېلىشىڭغا سەۋەب بولىدۇ. ھەركىم مۇھتاجلىق يىپىغا باغلىنىپ قالسا،

«ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر»دېگەن كەلىمىمۇ سېنىڭ ھاياتىڭنىڭ ۋارىقىدىن ئۆچۈپ كېىدۇ. بۇنداق ئېغىر كۈنگە قالغان ئادەم ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ لەززىتى ۋە قىممىتى بولمايدۇ. ھاياتتتىن بىزار بولۇپ ئىزا ۋە زارلىققا ئۇچىرايدۇ . ئەقىل شامىمۇ يورۇماس بولۇپ ، زېھىن ۋە ئىقتىدارىغا غەم، نوقسان كەلتۈرىدۇ. تۇرمۇشۇڭدا شۇنداق بالالار سادىر بولىدۇكى ، توغرا تەدبىرىڭمۇ ساڭا زىيان- زەخمەت ئېلىپ كېلىدۇ، ھەرقانچە دىيانەتلىك بولساڭمۇ جىنايەت تۆھمىتىگە ئۇچىرايسەن، ھېكمەت بىلەن يۇغۇرۇلغان قىممەتلىك  پىكىرنى قىلساڭمۇ، ئەيىبلىك ھېسابلىنىسەن. بايلار قىلسا ماختاشقا، ئالقىشقا سازاۋەر بولىدىغان ئىشلارنى سەن قىلساڭ، تەنە ۋە ئەيىبلەشكە ئۇچىرايسەن، بۇ خۇددى بىرەر ئەمەلدار ياكى پۇلدارنىڭ  ئادەتتىكى بىر تەكلىپى پۈتۈن ئادەمنىڭ ھەرىكەت مىزانىغا ئايلىنىپ ئادەتتىكى بىر نامرات ئۇلۇغ ھېكمەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ  ئېتىبارغا ئېرىشەلمىگەنگە ئوخشاش.

يەنە رىئال تۇرمۇشقا قارا: نامرات بىرەر ئىشقا جۈرئەت قىلىشقا نىيەت قىلغان بولسا ، ئۆزىنى بىلمەي ھەددىدىن ئاشقىنىنى قارا، دەيدۇ؛ خەيىر- ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلاي دىسە ئىسراپخور ، دەپ ئەيىبلەيدۇ؛ ئەگەر ئېغىر- بېسىقلىقنى ئادەت قىلسا، بوشاڭلىقتا ئەيىبلەيدۇ؛ ئەگەر يالغۇزلۇقنى خالىسا «دەرۋىش بولماقچى ئوخشايدۇ» دەيدۇ؛ ئەگەر كىشىلەر بىلەن ئارىلاشماق بولسا، «بۇنىڭغىمۇ ھەۋەس پەيدا بولۇپ قاپتۇ» دېسە، كۈلىدىغان بولسا «مەسخىرۋاز » دەيدۇ؛ جىم ئولتۇرسا «ھېسىياتسىز كالىدەك ئولتۇرىدۇ» دەيدۇ.

ئىشقىلىپ مۇھتاج بولۇپ قالغان كىشى زامان ئەھلىنىڭ ئالدىدىمۇ ، ھەتتا ئۇرۇغ-تۇغقانلارنىڭ ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئالدىدىمۇ ئەيىبكار ۋە ئېتىبارسىز كۆرۈنىدۇ، ھەر قاچان قەددى كۆتۈرۈلمەيدۇ، يۈزۈڭمۇ يورۇق بولمايدۇ، ئەگەر موشۇنداق ھال بىلەن سەندە تەمە سادىر بولۇپ قالغۇدەك بولسا، ھەممە خالايىقنىڭ كۆڭلىگە دۈشمەنلىك سادىر بولىدۇ-دە، ھېچقانداق ھاجىتىڭ راۋا بولمايدۇ. پۇلدار ئادەم نەچچە مىڭ سوم سورىسىمۇ خۇرسەنلىك بىلەن بېرىپ تۇرىدىغان ئادەم ساڭا بىر موچەن بېرىپ تۇرۇشنىمۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەقىلسىزلىق ھېسابلايدۇ.

بەخىت -سائادەتنىڭ يىلتىزى ئەجىر بۇلىقىدىن سۇغۇرۇلىدۇ. ئەجىر -مېھنەتسىز دىدارىنى كۆرەلمەيسەن. ئەجىرسىز تەييارغا- ھەييار بولۇپ ئېرىشكەن بەختنىڭمۇ قەدرى- قىممىتى بولمايدۇ. كونىلارنىڭ شۇنداق سۆزى بار: «ئەجىرسىز ئېرىشكەن بۇغداي ناندىن ئەجىر بىلەن ئېرىشكەن تېرىق زاغرىسى لەززەتلىك بولىدۇ». جاپا-مۇشەققەتتىن قورۇقمايدىغان، تۇرمۇشتا پىشقان پەرزەنت خار بولمايدۇ. ھورۇنلۇق ۋە مېھنەتتىن قېچىش نامراتلىق، مۇھتاجلىققا سەۋەب بولىدۇ. ھورۇن ئادەم سەمىمىيەتسىز، يالغانچى بولىدۇ، ھورۇنلۇق يەنە خۇشامەتكە ۋە قۇللۇققا ئادەتلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئىنسانغا مۇھتاجلىقتىن ئېغىر بەخىتسىزلىك يوق. نامراتلىق شەرەپ ئەمەس، ئۇ بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىدىن مەھرۇم بولۇش دىگەن گەپ. نامراتلىق ۋە مۇھتاجلىق داغلىرىنى پەقەت ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئەجىر-مېھنەت بىرلەشتۈرۈلگەندىلا يۇيۇپ تازىلىغىلى بولىدۇ.

بالام ئۇيغۇرلاردا «ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە كۈچۈڭنى خارقىل» دېگەن مەردلىك خىتابى  بار . بۇ ھېكمەتنى يادىڭدىن چىقارما. ھورۇنلۇق بىلەن ئۆزۈڭنى يۇقارقىدەك خارلىق ۋە مۇھتاجلىق بالاسىغا مۇپتىلا قىلما. ئادەم دىگەن ئىش قىلغانغا ھېچ نەرسە بولمايدۇ. ئەمگەك سېنى قەيسەرلەشتۈرىدۇ ، ھۇجۇدۇڭنى جاسارەتكە تولدۇرىدۇ. سەن شۇنداق بىر
قانۇنىيەتنى ھاياتىڭنىڭ مىزانى قىلغىنكى، ئەمگەكسىز ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ. سەن ئىزدىنىۋاتقان، ئىجاد قىلىۋاتقان ۋە
مېھنەت سىڭدۈرىۋاتقان چېغىڭدىلا ئۆزۈڭنىڭ ھەقىقىي ئادەم ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولالايسەن. سەن ئەمگەكتىن،مېھنەتتىن نومۇس قىلما،ھەتتا ئۇ ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىلىك ئىش بولسىمۇ قىل. نومۇس قىلىش توغرا كەلسە بىكارچىلىقتىن ، ھارام تاماق بولۇپ قېلىشتىن نومۇس قىل.
(يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقنىڭ ئەقىل -پاراسەت ئەڭگۈشتەرلىرىىدىن ئېلىندى)


       
ۋاقتى: 2014-4-14 15:58:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپنى كىچىك ۋاختىمدا بىر ئۇقىغان ئىدىم. ھازىر  بۇ قۇرلارنى ئۇقۇپ بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ نەرسىلەرنى چۈشەنگەندەك قىلىمەن. رەھمەت سىزگە!
ۋاقتى: 2014-4-20 15:11:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئاكىمىزنىڭ  يازغان كىتاپلىرى ھەقىقەتەن يۇرەككە تىگىدۇ.
يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى دىگەن كىتابى كۆپ تەرەپلىك پىكىر يۇرگىرۇلگەن .قۇتادغۇبىلىكدىكى ئائىلە تەربىسى ۋە پەرزەت تەربىسىگە ئائىت مۇزمۇنلار ناھايتى چۇشۇنىشلىك ئىپادىلەنگەن ئىسىل كىتاپ. سەخسەن ئويلاپ قالدىم بۇ ئاكىمىز دىنى ۋە پەننى جەھەتتىن يىتىشكەن كاتتا يازغۇچى ئىكەن.
ۋاقتى: 2014-4-20 15:12:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئاكىمىزنىڭ  يازغان كىتاپلىرى ھەقىقەتەن يۇرەككە تىگىدۇ.
يۇسۇپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيىسى دىگەن كىتابى كۆپ تەرەپلىك پىكىر يۇرگىرۇلگەن .قۇتادغۇبىلىكدىكى ئائىلە تەربىسى ۋە پەرزەت تەربىسىگە ئائىت مۇزمۇنلار ناھايتى چۇشۇنىشلىك ئىپادىلەنگەن ئىسىل كىتاپ. سەخسەن ئويلاپ قالدىم بۇ ئاكىمىز دىنى ۋە پەننى جەھەتتىن يىتىشكەن كاتتا يازغۇچى ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش