ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. مۇشۇ خىزمەت...خىزمەت...خىزمەت دەپ يۈرۈپ تور بەتكە تۈزۈك قارىيالمىدىم. شۇنداقتىمۇ تىمىلار يوللۇنۇپ تۇردى. بۇنىڭ ئۈچۈن مىنى قوللىغان ئەزمەت، ئاداش، ئالىم .... قاتارلىق دوسلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۈگۈن بىر تىما يوللاي دەپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېنى تىمىنى ئۇقۇپ باھا بىرىپ قۇياسىلەر.
يۈرەكنىڭ مىزاجىنىڭ نورمال بۇلىشى ئىنسان بەدىنىنىڭ ۋە يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىدىن بەلگە بەرسە، يۈرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشى يۈرەكنىڭ ھەم پۈتۈن بەدەن خىزمىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىغا بەلگە بىرىدۇ. يۈرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشى ئىسسىقتىن ھەم سوغوقتىن، ھۆللۈكتىن ھەم قۇرۇقلۇقتىن، ماددىسىز ھەم ماددىلىقتىن، يەلدىن بولغان دەپ بىر قانچە تۈرگە بۈلىنىدۇ.
1. ئىسسىقتىن بولغان يۈرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالامىتى: بەدەن قىزىق بولۇش، يۈرەك ھەرىكىتى ۋە نەپەس تىز بولۇش، ئۇسسۇزلۇق كۆپ بولۇش، سوغوق ھاۋانى خالايدىغان بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
2. سوغوقتىن بولغان يۈرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالامىتى: يۈرەك ھەرىكىتى ۋە نەپەس ئاستا بولۇش، بەدىنى سوغوق، روھى-ھالىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
3. قۇرۇقلۇقتىن بولغان يۈرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالامىتى: بەدىنى ئۇرۇق، ئۇيقۇ كام، قۇرۇق يۈتەل بولىدۇ.
4. ھۆللۈكتىن بولغان يۈرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالامىتى: بەدىنى سېمىز، تۇمۇرى يۇمشاق، تېز رىتىمسىز سوقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
5. يەلدىن بولغان يۈرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالامىتى: تۇتقاقلىق، سانجىپ، مۇجۇپ ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
يۈرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسۇلى: يۈرەك مىزاجىنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلىشى ماددىسىز بولسا سوغوق ھاۋادا تۇرۇش بىلەن، سوغوقتىن بولسا ئىسسىق ھاۋادا تۇرۇش بىلەن ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر يۈرەك مىزاجىنىڭ بۇزۇلىشى ئىسسىقتىن بولسا، سوغوق غېزائى داۋالارنى بىرىش بىلەن، سوغوقتىن بولسا، ئىسسىق غېزائى داۋالارنى بىرىش بىلەن ياخشىلىنىدۇ.
يۈرەكنىڭ ئىسسىق دورىلىرى: داۋائىمىشكى ھار، جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش مىشكى، ئەبرىشىم شەربىتى(ھار)، ماددەتۇلھايات، مەجۈنى ئۇد ھىندى، يەككە دورىلاردىن قەلەمپۇر، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ئۆشنە، ئۇستى قۇددۇس، لاچىندانە، سۇنبۇل قاتارلىقلاردۇر.
يۈرەكنىڭ سوغوق دورىلىرى: خېمىرى سەندەل، داۋائىمىشكى بارد، ئەرقى گۈل، ئەرقى سەندەل، بېھى، ئامۇت شەربەتلىرى، يەككە دورىلاردىن يۇمغاقسۇت، كافۇر، سەندەل، بىخ مارجان، بىدىمىشكى، نىلوپەر قاتارلىقلاردۇر.
يۈرەكنىڭ مۆتىدىل دورىلىرى: ئالتۇن، ياقۇت، گاۋزىبان، بالەنگۇ، گۈلدارچىن، مەرۋايىت، ئالما قاتارلىقلاردۇر.
يۈرەكنى زەھەردىن ساقلىغۇچى دورىلار: جىنتىيانا، ھەببى تەرياق قاتارلىقلاردۇر.
يەنە قۇلۇم تېلڭپ قالدى. مۇشۇ خەت بېسىش سۈرۈتۈم بەك ئاستا جۇمۇ-ھەي. داۋامى داۋاملىق يوللىنىدۇ.
بىزنى قوللاپ توربەت ئادىرسىمىزنى دوسلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلكىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز. تور دۇنياسىدىكى ئۈزىمىزنىڭ تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممەيلەن بىر مەقسەتتە قولنى قولغا تۇتۇشۇپ تىرىشايلى.