تاتلىق ئانار
甜石榴
[تۇنۇش] بۇ ئانار ئائىلسدىكى ھەمىگە تۇنۇشلۇق بولغان مەشھۇر مېۋلىك دەرىخ ئانارنىڭ پىشقان مېۋىسىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ئانار ئادەتتە شار شەكىللىك رەڭگى قىزىل ، مارجاندەك ئۇرۇق چىقىدۇ،ئۇرۇقى قىرلىق ،پارقىراق،شىرلىك ،تەمى تاتلىق كېلىدۇ،بۇ دەرەخنىڭ پىشقان مېۋسى ‹‹ ئانار دانە ›› ،مېۋە پوستى ‹‹ ئانار پوستى ›› نامىدا دۇرىغا ئىشلىتىلىدۇ.
[تەبىئىتى] بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
[خۇسۇسىيىتى] يۈرەك، جىگەر ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، ھارارەت پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، كۆكرەك ۋە گالنىڭ يىرىكلىكىنى ياخشىلاش، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش،سۈيدۈك ھەيدەش، ئىچنى توختىتىش، مەددە قۇرت ئۆلتۈرۈش ئۇزۇقلوق تولۇقلاش،يۆتەل تۇختىتش.
[ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر] يۈرەك ئاجىزلىقى، جىگەر ئاجىزلىقى، باھ ئاجىزلىقى،يۇقىرى قان بېسىم ، يەرقان،ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل ۋە گالنىڭ يىرىكلىكى، كەم قانلىق،ئىچى سۈرۈش،تولغاق، سوڭى چىقىپ قېلىش، چىش تۈۋى بوشاپ قېلىش، ئېغىز پىشلاقلىشىش، قۇسۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، كۆپ ئۇسساش، قىچىشقاق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
[ئىشلىتىش ئۇسۇلى]
1..تاتلىق ئانار سۈيىنى ئەرقى گۇل، ئەرقى سەندەل بىلەن ئىچسە يۈرەك چالاڭغۇراشقا شىپا بولىدۇ.
2.تاتلىق ئانارنىڭ سۈيىنى ئىسكەنجبىن ساددە بىلەن بىرگە ئىچسە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
3.ئانارنى كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بەرسە ،يۈرەك ۋە جىگەرنى قۇۋەتلەيدۇ،
[ئىشلىتىش مىقدارى] ئانار سۈيىدىن ياكى شەربىتىدىن 30 ~ 50 مىللىلىتىر.
[زىيانلىق تەسىرى] ئاشقازاندا سوغۇق يەل پەيدا قىلىدۇ. سۇغۇقىتن بۇلغان تەپ ،ئىستىسقا كېسەللىكلىرىگە بېرلىمەيدۇ،
[تۈزەتكۈچىسى] ئاشقازان كېسەللىكىگە شېكەر، تەپكە زەنجىۋىل، ئاچچىق ئانار سۈيى قوشۇپ بېرىلىدۇ.
[ئورۇن باسارى] ئاچچىق ئانار.
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت تورى يازمىسى.باشقۇرغۇچىلارنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بەتلەرگە يۆ مەڭ!تكى
|