ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 770|ئىنكاس: 2

تۆمۈر كېپىكى ھەققىدە چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۆمۈر كېپىكى
铁落

[تۇنۇش] بۇ تۆمۈرنى تاۋىلاىغاندا  چىققان زەررىچە شەكىلىك دېتى بولۇپ ،قىزىق تۆمۈرنى سەندەلدە سوقۇپ قۇيۇپ چىقىدۇ، ئۇ ھاۋاغا يولۇقۇپ ئاسانلا ئۇۋۇلىدۇ،ئاندىن ئۇنى يىغۋېىلىپ ،ئانىدىن ئۇنى ئوتتا قويۇپ قىزتىپ ناھايىتى يۇمشاق سوقۇپ تەييارلىندۇ.بۇ ئادەتتە ‹‹ تۆمۈر پوقى ›› نامدا دۇرىغا ئىشلىتلىدۇ.يۇمشاق تالقان بولۇپ ،رەڭگى قىزغۇچ كېلىدۇ،قانچە نېپىز بۇلسا شۇنچە ياخشى .
[تەبىئىتى]  ئىككىنچىدە دەرىجىدە ئىسسىق، ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق.
[خۇسۇسىيىتى]  قان كۆپەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ھەيىز تەڭشەش، ئۈچەي ۋە سۈيدۈك يولىدىكى يىرىڭلىق چاقىلارنى يوقىتىش، سۈيدۈك تۇتۇش بۆرەك ۋە مېڭىنى قۇۋەتلەش.
[ئىشلىتىلىدىغان كېسەللكلەر] كەم قانلىق، سۇلۇق ئىششىق (جىگەر ئاجىزلىقىدىن بولغان كېسەل)، ھەيز تۇتۇلۇش، ئىچ سۈرۈش، كونا ئۈچەي كېسىلى، ھەزىم بۇزۇلۇش، ئۈچەي قۇرتلىرى، بۆرەك ياللۇغى، جىگەر ۋە بەدەن ئاجىزلىقى، مەنىي تېز يۈرۈپ كېتىش كېسەللىرىگە ئىشلىتىلىدۇ، ھەمما ئۇنى بۆرەك قۇۋەتلەيىدىغان دۇرىلار بىلەن بىرىگە بىرشكە بۇلمايدۇ.
[ئىشلىتىش ئۇسۇلى]
1. مۇدەببەر قىلىنغان تۆمۈر دېتىنى ئېزىپ كۆزگە تارتسا، كۆز قارىچۇقىدىكى قاتتىقلىقنى، يىرىڭلىق يارىلارنى ۋە يىرىكلىكنى يوقىتىدۇ.
2. كۈشتە قىلىنغان تۆمۈر دېتىدىن يېرىم گرام ئېلىپ، توخۇ تۇخۇمىنىڭ سېرىقى بىلەن بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، جىنسىي ئاجىزلىققا مەنپەت قىلدۇ.
3. كۈشتە قىلىنغان تۆمۈر دېتىنى سىركە ۋە ئاچچىقسۇ بىلەن سىرتتىن زىمات قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقلارنى ۋە ئەمچەكتە قالغان سۈتلەرنى يۇمشىتىپ تارقىتىدۇ .
4. تۆمۈر دېتىگە 20 ھەسسە ھەسەل ۋە سۇ قۇيۇپ ئېزىپ قۇرۇتۇپ، ئاندىن قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيۇپ سۈيى تۈگەپ ياغ قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ ئېلىپ، زاغۇن تالقىنى ۋە ھەسەل بىلەن قوشۇپ يالانچۇق تەييارلاپ ھەر كۈنى ئىككى گرامدىن ئىستىمال قىلسا ياكى زەيتۇن يېغى بىلەن قاينىتىپ ئالغاندىن كېيىن، ھەسەل بىلەن مەجۇن تەييارلاپ كۈندە بىر ئازدىن ئىستېمال قىلسا، بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتىدۇ. ئۇنى يۇمشاق سوقۇپ چىنە ياكى ساپال قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە ناھايىتى ئاچچىق قېتىقنى قۇيۇپ ئاپتاپتا داۋاملىق ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ، ئەگەر قېتىق قۇرۇپ كەتسە يەنە قۇيۇلىدۇ. شۇ ئۇسۇلدا بىر قانچە قېتىم تەكرارلانسا يۇمشاق ھالەتكە كېلىدۇ. ئاندىن قۇرۇتۇپ سۇپۇپ،تەييارلاپ ئۇنىڭدىن 125~250 مىللىگرام سۇفۇپىنى يڭى قېتىق ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە يۇقىرىقى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ.
[ئىشلىتىش مىقدارى]  ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. كىچىك بالىلارغا ئىشلىتىلمايدۇ.
[زىيانلىق تەسىرى]  ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.
[تۈزەتكۈچىسى] ھەسەل، كەتىرا.
[ئورۇن باسىارى]  كۈشتە قىلغان تۇخۇم شاكىلى، پولات كۈشتىسى.
                         ئەلسىھەت ئۇيغۇر تېبابەت تورى يازمىسى.باشقۇرغۇچىلارنىڭ رۇخسىتىسىز باشقا تور بەتلەرگە يۆ مەڭ!تكى

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
ۋاقتى: 2014-4-12 22:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  يازمىدىكى (كۇشتە قىلغان)دىگەن نىمە مەنىسى بار گەپ؟

باھا سۆز

زەھەرسىزلەندۈرۈش، لايىقلاشتۇرۇش، ئادەم بەدىنىگە ماس كىلىدىغان قىلىش دى.  ۋاقتى: 2014-4-13 10:11
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش