ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 905|ئىنكاس: 3

چۈشكۈنلۈك كىشەنىدىن قۇتۇلۇڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گېنرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-10 12:22  


چۈشكۈنلۈك كىشەنىدىن قۇتۇلۇڭ


بەزىدە ئىشلىرىڭىز ئوڭغا تارتمىسا، مەقسىتىڭىزگە يېتەلمىسىڭىز، قەلبىڭىزنى بىر خىل ئازابلىق تۇيغۇ قاپلاپ، روھىڭىز چۈشىدۇ. چۈشكۈنلەشكىنىڭىزدە ھەرىكىتىڭىز جانسىزلىشىپ، چىرايىڭىز سولىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزمۇ تەرتىپسىز كۆرۈنىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا نېمىلا ئىش قىلسىڭىز نەتىجە قازانمىقىڭىز تولىمۇ تەسكە توختايدۇ، بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا، بەلكىم كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىڭىزنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ، تۈگىشىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
ھاياتتا ئىنساننىڭ بېشىغا ھەر خىل قىسمەتلەر كېلىدۇ، ئەلۋەتتە سىز بىلەن مەنمۇ شۇ خىل قىسمەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. بەختسىزلىككە دۇچ كەلگىنىڭىزدە ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن بىر سىناق ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ ھامان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىپ، ھەر بىر كۈنىڭىزنى ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگىنىڭىزدە، قەلب دۈشمىنى بولغان چۈشكۈنلۈكنىڭ قىيناقلىرىغا بىمالال تاقابىل تۇرالايسىز.
جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىرەيلەنگە توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز، ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى تېپىشنىڭ خېلى ئاسانغا توختايدىغانلىقىنى، ئەمما ئىرادىسىز، بوشاڭ، چۈشكۈن بىرسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، سىزنى زىيادە چارچىتىۋېتىدىغانلىقىنى بايقايسىز. ئادەم ھەمىشە پەرىشان يۈرسە، ھەممىمىزدىن قاقشىسا، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈشنى خالىمايدۇ.
چۈشكۈنلەشمەسلىكنى ئويلىسىڭىز، زېھنىڭىزنى ئىشىڭىزغا مەركەزلەشتۈرسىڭىز، بىر قارارغا كەلگەن ھامان ھەرىكەتكە ئۆتۈشىڭىز كېرەك.
سىزنى غەم بېسىۋالغان دەملەردە ئىمكانقەدەر مۇھىتىڭىزنى ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ، ھەر قانچە بەختسىزلىك يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىڭىزنى ئازابلاۋاتقان مەسىلە توغرىسىدا تولا ئويلىنىۋەرمەي، ئۇنى كاللىڭىزدىن چىقىرىۋېتىپ، ئەڭ كۆڭۈللۈك ئىشلار توغرىسىدىلا ئويلىنىڭ، ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرسە سەھرالارغا بېرىپ كاللىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ كېلىڭ، كومېدىيەلىك فىلىملەرنى كۆرۈڭ، يۇمۇرلۇق كىتابلارنى ئوقۇڭ، دوستلىرىڭىزنى ئىزدەپ، ئۇلار بىلەن قانغۇچە ئەھۋاللىشىڭ، بۇ خىل ئۇسۇللار غەمكىن قەلبىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ تەسكىن تاپتۇرۇپ، چۈشكۈنلۈك پاتقىقىدىن بالدۇرراق چىقىپ كېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.
ئىددىيەدە كامالەتكە يەتكەن كىشىلەر ئاسانلىقچە چۈشكۈنلەشمەيدۇ، چۈشكۈنلەشسىمۇ، ئۇنىڭدىن تېزلا قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ. چۈشكۈنلۈكنىڭ كىشەن ئىكەنلىكىنى ھېس قىغان چېغىڭىزدا، ئەتىراپىڭىزدىكى مۇھىت ھەر قانچە پايدىسىز بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تېرىشىڭكى، داۋاملىق چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا مىلىنىپ يۈرمەڭ، ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئورنىغا ئۈمىدنى، مەيۈسلۈكنىڭ ئورنىغا جاسارەتنى، تىت-تىتلىقنىڭ ئورنىغا تەمكىنلىكنى، بىزارلىقنىڭ ئورنىغا خۇشاللىقنى ئالماشتۇرسىڭىزلا چۈشكۈنلۈكتىن قۇتۇلالايسىز.
مەنبە؛ ئولار تورى


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-9 23:41:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىچكىم ئىنكاس يازماپتىغۇ.
ۋاقتى: 2014-4-10 09:44:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ چۈشكۈنلۈك ئىكەككە ئوخشايدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ روھى، جىسمىنى ئىكەكلەپ تۇرىدۇ.  ياخشى يازما بوپتۇ. مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز.
ۋاقتى: 2014-6-27 15:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن راسلا مەنمۇ بەك چۈشكۈن بەزىدە شۇنداق غېرىپلىق ھىس قىپ كىتىمەن ، مەنمۇ ئۈزەمنى رىمىنۇت قىلسام بولغۇدەك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش