ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1664|ئىنكاس: 1

يۇيۇنۇش توغرىسىدا(چۇقۇم بىلىۋىلىڭ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ تۆت شاخچىسى، يەنى پۇت – قوللىرى ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، جىددى ھەرىكەتكە كېلىپ، تېرىشچانلىق كۆرسەتسە، گەرچە مەنىي چىقمىسىمۇ، غۇسلى تاھارەت ۋاجىپ بولىدۇ، ئەھمەد، بەيھەقى، بۇخارى،مۇسلىم،نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.

ئەبۇ سەئىيد، ئەبۇ ئەييۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇەدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن سۇنى ئىستېمال قىلىپ، يۇيۇنۇش، سۇ يەنى مەنىي چىققاندا بولىدۇ، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد، نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان، بۇ سەھىھ ھەدىس مەنسۇخ يەنى ئەمەلدىن قالغان كۈچكە ئىگە ئەمەس، كۈچكە ئىگە ھەدىس بولسا، خەتنە قىلىنىدىغان جاي خەتنە قىلىنىدىغان جاي بىلەن ئۇچراشسا، يەنى ئىككى ئەۋرەت ئۇچراشقان ھامان غۇسلى قىلىش، يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ، كىشى ئايالىنىڭ چاتىرقىدا ئولتۇرۇپ، تېرىشچانلىق قىلغان ھامان غۇسلى ۋاجىپ بولىدۇ دىگەن يۇقىرقى سەھىھ ھەدىسلەردۇر.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن سۇنى ئىستېمال قىلىپ، يۇيۇنۇش، ئىھتىلامدا (يەنى چۇشىدە جىنسى ئالاقە قىلىپ) مەنىي سۇيى چىققاندا بولىدۇ،تىرمىزى توپلىغان.

ئۇممە سەلەمەت رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇنداق دەيدۇ؛ئۇممە سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھا؛ئى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم!ھەقىقەتەن اللھ تائالا ھەقنى بايان قىلىشتىن تارتىنمايدۇ، ئايال كىشىگىمۇ ئىھتىلام بولغاندا ،غۇسلى قىلىپ، يۇيۇنۇش ۋاجىپ بۇلامدۇ؟دىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ئايال كىشى چۈش كۆرۈپ ئېھتىلام بولسا، ئاندىن مەنى سۇيىنى كۆرسە، ئۇنىڭغا غۇسلى قىلىپ، يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ دىدى. ئۇممە سەلەمەت رەزىيەللاھۇ ئەنھا يۇزىنى يېپىۋېلىپ؛ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى!ئايال كىشىمۇ ئىھتىلام بۇلامدۇ؟ دىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ھەئە ئىھتىلام بولىدۇ،قولۇڭ تۇپا بولسۇن (يەنى مەن سەندىن ھەيران قالدىم)،ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بالا ئانىسىغا ئوخشايدۇ؟دىدى. بۇخارى،مۇسلىم، نەسەئى، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ،

ئەنەس، ئۇممە سەلەمەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن ئەر كىشىنىڭ ئىسپىرما سۈيى قويۇق، ئاقتۇر، ئايال كىشىنىڭ بولسا سۇيۇق سېرىقتۇر، قايسى سۇ ئۇستۇنلەپ ياكى ئىلگىرلەپ كەتسە، بالا شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، (بۇنى ئاللاھ ئۆزى خالاپ ئەركەك، چىشى، سەت، گۈزەل، ساق، مىيىپ قىلىدۇ). ئەھمەد، مۇسلىم، ئىبنى ماجە، ھاكىم توپلىغان، سەھىھ.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇنداق دەيدۇ؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپلۇقتىن غۇسلى قىلىپ يۇينغاندا ، ئالدى بىلەن ئىككى قولىنى يۇيۇپ ، ئاندىن نامازغا ئالغاندەك، كىچىك تاھارەت ئالاتتى،ئاندىن بارماقلىرىنى سۇ ئىچىگە كىرگۇزۇپ،سۇنى چېچىنىڭ كۆتىكىگە يەتكۇزەتتى،ئاندىن ئىككى قولى بىلەن ئۈچ چاڭگال سۇنى بېشىغا قۇياتتى،ئاندىن سۇنى پۈتۈن تىرىسىگە يۇرۇتۇپ يەتكۇزەتتى، يانابىر خاتىردە، ئالدى بىلەن ئىككى قولىنى قاچىغا كىرگۇزۇشتىن بۇرۇن يۇيۇپ،ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا سۇ ئېلىپ ، ئەۋرىتىنى يۇيۇپ، ئاندىن نامازغا ئالغاندەك، كىچىك تاھارەت ئالاتتى... بۇخارى،مۇسلىم،

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن،مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇنداق دەيدۇ؛مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بېرىپ،باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىيىم بىلەن پەردىلەپ تۇرغان ئىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قولىغا سۇ قۇيۇپ يۇيغاندىن كىيىن ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا سۇ ئېلىپ ، ئەۋرىتىنى يۇيۇپ،قولىنى زىمىنغا ئۇرۇپ سۇرتۇپ،ئاندىن قولىنى يۇيۇپ،ئاغزى – بۇرنىنى چايقاپ،يۇزىنى ۋە ئىككى بىلىكىنى يۇيۇپ،ئاندىن بېشىغا سۇ قۇيۇپ،پۈتۈن جەسىدىگە سۇ يەتكۇزۇپ ، ئاندىن ئۇ جايدىن يىراقلىشىپ ئىككى پۈتىنى يۇدى.مەن بەدىنىنى ئەيتىۋالسۇن ئۈچۈن كىيىم رەخت سۇنۇپ بەرسەم ، ئۇنى ئالماي ئىككى قولىنى سۇرۇتكىنىچە كىيىمى تەرەپكە يۇرۇپ كەتتى. بۇخارى،مۇسلىم،

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇنداق دەيدۇ؛ئەنساردىن بىر ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەيىز كىسىلىدىن ساقايغاندا، غۇسلى قىلىپ يۇيۇنۇش توغرىسىدا سورغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : ئۇ ئايالنىڭ قانداق غۇسلى قىلىشىنى بۇيرۇپ؛ مىسكە بىلەن ھۆل قىلىنغان پاختىنى ئېلىپ، قاننى تازلاپ پاكلانغىن،دىدى.ئۇ ئايال؛قانداق پاكلايمەن؟دىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم :پاكلانغىن دىدى. ئۇ ئايال يانا؛قانداق پاكلايمەن؟دىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم :سۇبھانەاللھ!! پاكلانغىن دىگەندىكىن پاكلىغىن دىدى.ئاندىن مەن ئۇ ئايالنى ئۆزۇم تەرەپكە تارتىپ،شۇ پاختا بىلەن قاننىڭ ئەسىرنى تازلايسىز دەپ بەردىم. بەيھەقى بىلەن نەسەئى، بۇخارى،مۇسلىم، توپلىغان، سەھىھ.

ئۇممە سەلەمەت رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ؛مەن ئى رەسۇلەاللھ!ھەقىقەتەن مىنىڭ ئۆرىمە چاچلىرىم بەكلا قۇيۇق، كۆپتۇر،جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنغاندا ، چاچلىرىمنى چۇۋىيمەنمۇ؟دىسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:ياق ، ھەقىقەتەن ساڭا، غۇسلى قىلىشتا، بېشىڭغا ئۈچ چاڭگال سۇنى قۇيۇشۇڭ، يەنى ئۈچ قېتىم سۇ قۇيۇشۇڭ، (ئاندىن قالغان جەسەدلىرىڭگە سۇ قۇيۇشۇڭ) كۇپايە قىلىدۇ، ئەگەر سەن شۇنداق قىلساڭ، يەنى بېشىڭنى ئۈچ قېتىم يۇيۇپ، بارلىق بەدىنىڭنى يۇساڭ، جەزمەن پاك بولىسەن. ئەھمەد،مۇسلىم، تۆت كىتاپ يەنى تىرمىزى، نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كېيلۇ گىرام سۇدا كىچىك تاھارەت ئالاتتى،توت كېيلۇ گىرامدىن بەش كېيلۇ گىرامغىچە سۇدا غۇسلى تاھارەت ئالاتتى. بۇخارى،مۇسلىم،

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ؛ مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن جۇنۇپ ھالەتتە ، ئارلىقىمىزدىكى بىر قاچىدىن سۇ ئېلىپ،غۇسلى قىلىپ يۇيۇنغان ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەندىن سۇنى بۇرۇنراق ئېلىپ يۇيىناتتى،مەن؛ماڭىمۇ قويسىلا،ماڭىمۇ قويسىلا دەپ كىتەتتىم. بۇخارى،مۇسلىم ئىتتىپاققا كەلگەن ھەدىس.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىھتىلام بولمىغان، لېكىن ھۆللۈكنى تاپقان ئەردىن سورالغاندا، ئۇ غۇسلى تاھارەت ئالىدۇ دىدى، ئىھتىلام بولۇپ قالغان، لېكىن ھۆللۈكنى تاپمىغان ئەردىن سورالغاندا، ئۇ غۇسلى قىلمايدۇ، يۇيۇنمايدۇ دىدى، ئۇممە سەلەمەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئايال كىشى ئىھتىلام بولۇپ ھۆللۈكنى كۆرسە، غۇسلى قىلامدۇ؟ دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق، ئۇنىڭغىمۇ غۇسلى ۋاجىپ بولىدۇ، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئوخشىشى دىدى. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، دارمى، ئىبنى ماجە خاتىرلىگەن، لېكىن، ئەلبانى يەنىلا زەئىپ دىدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ؛رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئەرنىڭ ئەۋرىتىنىڭ خەتنە قىلىنىدىغان جايى، ئايال ئەۋرىتىنىڭ خەتنە قىلىنىدىغان جايىدىن ئۆتۈپ كەتسە، «مەنىي چىقمىسىمۇ» غۇسلى قىلىپ يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ.مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن شۇنداق قلىپ،غۇسلى تاھارەت ئالغان ئىدۇق. ئەھمەد، تىرمىزى،ئىبنى ماجە، تەبرانى، شىيرازىي، توپلىغان بولۇپ، سەھىھ ھەدىستۇر، ئەلبانى.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەربىر تال تۈكنىڭ ئاستىدا جۇنۇپلۇق بار، چاچنى پاكىز يۇيۇڭلار، تىرىنى پاكىز تازىلاڭلار دىدى دىگەن ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە خاتىرلىگەن، تىرمىزى بۇ ھەدىس غەرىيپ دىگەن، ئەلبانى زەئىپ دىدى،

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن، كىم جۇنۇبلۇقدىن بىر تال چاچنىڭ ياكى بىر تال تۈكنىڭ ئورنىنى يۇماي قويۇپ قويسا، ئۇنىڭغا ئوتتىن ئانداق، مانداق قىلىنىدۇ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، مەن شۇنىڭ ئۈچۈن چېچىمنى قايتا – قايتا يۇياتتىم ياكى كەينى – كەينىدىن چېچىمنى ئالدۇراتتىم دەپ، ئۈچ قېتىم دىدى. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد، دارمى توپلىغان، ئەلبانى زەئىپ دىدى،

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم غۇسلى تاھارەت ئالغاندىن كېيىن، يەنە كىچىك تاھارەت ئالمايتتى، (يەنى يۇيۇنۇپلا ناماز ئوقۇيتتى، قايتا كىچىك تاھارەت ئالمايتتى، چۈنكى، غۇسلىدە ئالغان ئىدى). ئەھمەد، تىرمىزى، نەسەئى،ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماجە، ھاكىم توپلىغان، ھەسەن.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ ھالەتتە بېشىنى خەتمى دىگەن سوپۇن بىلەن يۇياتتى، شۇنىڭ بىلەن كۇپايىلىنىپ، بېشىغا قايتا سۇ قۇيمايتتى دىگەن ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد خاتىرلىگەن، ئەلبانى زەئىپ دىدى،

يەئلا ئىبنى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنىڭ ئۇچۇقچىلىقتا غۇسلى قىلىپ يۇيۇنغىنىنى كۆرۈپ،مۇنبەر ئۇستىگە چىقىپ،اللھ قا ھەمدۇ-سانا ئەيتىپ مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا، ھايا قىلغۇچى، ھايانىڭمۇ ئىگىسى، پەردىلەپ ياپقۇچى، ئەيىبنى ياپقۇچى، ھايا قىلىشنى، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يېپىشنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغان زاتتۇر، بىرىڭلارغۇسلى قىلىپ يۇيۇنغاندا ، ھايا قىلپ پەردىلەنسۇن، ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى توپلىغان، سەھىھ.

ئۇبەي ئىبنى كەئبى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن سۇنى ئىستېمال قىلىپ، يۇيۇنۇش، مەنىي سۇيى چىققاندا بولىدۇ، دىگەن بەلگىلىمە،ئىسلامنىڭ تۇنجى مەزگىللىرىدە رۇخسەت قىلىنغان ئىش ئىدى. كىيىن ئۇنىڭدىن چەكلەندى. (يەنى يۇقىردا ئۇتۇپ كەتكەن كۇچكە ئىگە بەلگىلىمە يولغا قۇيۇلدى) تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد، دارىمى توپلىغان سەھىھ.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، بىر ئەر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ، مەن جۇنۇبلۇقتىن يۇيۇنۇپ، بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم، تاڭ ئاتقاندا قارىسام بىر تال تىرناق چاغلىق جايغا سۇ يەتمەپتۇدىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەگەر سەن ئۇ جاينى قولۇڭ بىلەن سىلىۋەتكەن بولساڭ، كۇپايە قىلاتتى دىدى. بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە توپلىغان، ئەلبانى زەئىپ دىدى.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ ناماز ئەسلىدە،50 ۋاخ، جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنۇش يەتتە مەررە، كىيىمدىن سۇدۇكنى يۇيۇش يەتتە مەررە ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سوراۋىرىپ، ناماز بەش ۋاخ، جۇنۇپلۇقتىن يۇيۇنۇش بىر مەررە، كىيىمدىن سۇدۇكنى يۇيۇش بىر مەررە قىلىندى.ئەبۇداۋۇدتوپلىد



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-8 12:22:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھىپىنى خاتا تاللاپ قاپتىمەن . ئۆزگەرتەلمىدىم . باشقۇرغۇچىلار تېمىنى ماس سەھىپىگە يۆتكەپ قۇيساڭلار


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش