ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1021|ئىنكاس: 4

تۇرمۇشىڭىزدا بىلمىسىڭىز بۇلمايدىغان ئۇقۇملار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                      ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسىمى بىلەن باشلايمەن.
                   ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر ؟ ئاللاھنىڭ سالىمى سىلەرگە بۇلسۇن.مەن سىلەرگە يەنە ‹‹ فىقھۇل سۇننەھ››تىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسىرىمنى سۇنماقچى . بۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى بەزى قېرىنداشلىرىمىز بىلىدىغاندۇ ،ۋەياكى بەزەنلىرى بىلمەيدىغاندۇ ، بىلمەيدىغانلارنىڭ بىلىشى ئۈچۈن پايدىلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ مانا ماقالەمنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . تۇرمۇشتا بەزى ئىشلارنى باشقىلاردىن بەك تەپسىلىي سورىغىلى بۇلمايدۇ. بىلمىسەك تېخى بۇلمايدۇ. شۇڭا پايدىلىنىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس.

            1.ۋەدىي
        ۋەدىي ئۇ كىچىك تارەتتىن كىيىن كىلىدىغان  ئاپئاق قۇيۇق سۇيۇقلۇق بۇلۇپ ، ئۇنىڭ نىجىس (مەينەت) ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ يوق.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دىگەن:‹‹ۋەدىي كىچىك تارەتتىن كىيىن كەلگەچكە ، ئەر ياكى ئايال بۇلسۇن ئەۋرەتلىرىنى يۇيىدۇ.ئاندىن تاھارەت ئالىدۇ ۋە غوسلى قىلمايدۇ›› ئىبنى مۇنزەر رىۋايەت قىلغان.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رىۋايەت قىلىنىشچە : ‹‹مەنىي ، ۋادىي ، مەزىي  قاتارلىقلاردا ، مەنىي چىقسا غوسلى قىلىنىدۇ، ئەمما مەزىي بىلەن ۋەدىي ئىككىسىدە مۇكەممەل تاھارەت ئېلىنىدۇ ›› دىگەن. ئەسرەم ۋە بەيھىقى رىۋايەت قىلغان.ۋە ئۇنىڭ يەنەبىر بايانىدا :‹‹ۋەدىي ۋە مەزىي توغرىسىدا: ئەۋرىتىڭنى يۇيىسەن ۋە نامازغا تاھارەت ئالىسەن ›› دىگەن.

        2.مەزىي
  مەزىي ئۇ جىما توغرىسىدا پاراڭلار بۇلغاندا ياكى ئوي- خىياللاردا بۇلغاندا ۋە ياكى بىرەر ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللانغاندا چىقىدىغان ئاپئاق يېپىشقاق سۇيۇقلۇقتۇر .ئۇنىڭ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئىنسان سەزمەيدۇ.ئەر ياكى ئايالنىڭ ھەر ئىككلىسىدە مەزىي بولوپ ، ئاياللاردا كۆپەرەك بولىدۇ.مەزىينىڭ نىجىس ئىكەنلىكىدە ھەممە ئالىملار بىرلىككە كەلگەن.ئەگەر مەزىي بەدەنگە يۇقۇپ قالسا ئۇنى يۇيىۋىتىش ۋاجىپ بۇلىدۇ.ئەگەر كىيىمگە يۇقۇپ قالغان بۇلسا ، ئۇنىڭغا سۇ چاچسىلا كۇفايە بۇلىدۇ.ھەقىقەتەن بۇ نىجاسەت كۆپرەك بويتاق ياشلارنىڭ كىيىمىگە يۇقۇپ قالىدىغان بۇلغاچقا ، بۇنىڭدىن ساقلىنىشى قىيىندۇر .
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ مەن مەزىي بۇلۇپ قالغان ئىدىم. ( كۆپ مەزىي كىلىدىغان كىشى ئىدىم) شۇنىڭ بىلەن بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراپ كىلىشى ئۈچۈن بىركىشىنى ئەۋەتتىم. ئۇ سوراپتىكەن . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :‹‹ تاھارەت ئال ، ئەۋرىتىڭنى يۇي ›› دەپتۇ. بۇنى بۇخارى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان. سەھىل ئىبنى خۇنەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دىگەن :‹‹ مەندىن مەزىي شۇنداق كۆپ كىلەتتى، كۆپ غوسلى قىلىپ مۇشەققەتتە قالغان ئىدىم.شۇنىڭ بىلەن بۇنى رەسۇلۇللاھ (س،ئە،ۋ) بايان قىلدىم. ئۇ:‹‹ سەن تاھارەت ئالساڭلا جائىز‹دۇرۇس› بولىدۇ›› دىدى. مەن :ئىھ ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ، كىينملىرىمگە يۇقۇپ قالغاننى قانداق قىلىمەن دىسەم ، ئۇ: ئەگەر ئۇنىڭ كيىمگە يۇقۇپ قالغانلىقىنى كۆرسەڭ، ئالقىنىڭغا سۇ ئېلىپ ، ئۇنىڭغا چاچساڭلا كۇفايە بولىدۇ ›› دىدى. ئەبۇ داۋۇد ، ئىبنى ماجە، تىرمىزى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان. ۋە مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاقنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ سەھىھ ، ياخشى دىگەن.
ئەسرەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ لەفزىدە ئۇ ھەدىسنى يەنە مۇنداق رىۋايەت قىلغان:‹‹ مەن مەزىي كۆپ كىلىپ ، مۇشەققەت تارتىپ قالغاچقا ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭغا بۇنى بايان قىلسام ، ئۇ:‹‹ بىر ئۇچۇم سۇ ئېلىپ ئۇنىڭغا سەپسەڭلا ( چاچساڭلا) كۇفايە بولىدۇ›› دىدى.

       3.مەنىي
     مەنىينى بەزى ئالىملار نىجاسەت دىيىشنىڭ ئورنىغا ، ئۇنى روشەن ھالدا  پاكىزدەپ كەلتۈرگەن. لىكىن مەنىي يۆل بۇلسا ئۇنى يۇيۇش ، ئەگەر قۇرۇق بۇلسا ئۇنى تاتلاپ ئۇۋىلاش مۇستەھەپتۇر.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا :‹‹ رەسۇلۇللاھ (س،ئە،ۋ) نىڭ كىيىمىدىكى مەنىي قۇرۇق بۇلسا ئۇنى ئۇۋىلاپ ،تاتلايتىم ۋە ئەگەر يۆل بۇلسا ئۇنى يۇيىۋىتىتەتتىم››دىگەن. دارىقۇتنى ۋە ئەبۇ ئەۋانەھ ۋە بەزار رىۋايەت قىلغان.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دىگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كىيىمگە يۇقۇپ قالغان مەنىي توغىرىسىدا سورالغاندا ، ئۇ: ئەگەر ئۇ مەنىينىڭ كىيىمدىكى ئورنى پوتلاق (ماڭقا) ۋە تۈكرۈكچىلىك بۇلسا، ئۇنى لاتا ياكى قەغەز بىلەن سۈرتىۋەتسەڭلا كۇفايە بۇلىدۇ ›› دىدى. دارىقۇتنى، بەيھىقى، تەھاۋى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان . بۇ ھەدىسنىڭ رەفئىي ۋە ۋەقۋىي جەھەتتە ئىختىلاپ بار .                              (17-18-بەتلىرىدىن).

توغرا پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن دەپ لوتفىيەدىن
            
ۋاقتى: 2014-4-8 10:51:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى تىما ئىكەن قېرىندىشىم. مۇمكىن بولسا س، ئە، ۋ دەپ ئالماي تۇلۇق ئېلىنسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-8 11:57:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2014-4-8 10:51
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى تىما ئىكەن قېرىندىشىم. مۇمك ...

ئاللاھ سىزدىن رازى بۇلسۇن قېرىندىشىم . بۇنىڭدىن كىيىن تۇلۇق يازاي ، رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-4-8 12:07:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلنىش قىممىتى باركەن رەھمەت قىرىندىشىم.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-8 13:09:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلېفە يوللىغان ۋاقتى  2014-4-8 12:07
پايدىلنىش قىممىتى باركەن رەھمەت قىرىندىشىم.

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت. قېرىندىشىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش