ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1293|ئىنكاس: 2

نىكاھ توغىرىسىدا ( بىر كۆرۈپ قۇيۇڭ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
            ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلسىھەت تورىدىكى بارلىق  ئەزىز قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر ؟  ئاللاھنىڭ سالىمى سىلەرگە بۇلسۇن.
مەن تۆۋەندە سىلەرگە ((سنن ابن ماجە)) نىڭ ھەدىسلىرىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىنغان ھەدىسلەر نى ئېلىپ كەلدىم . سىلەرگە پايدىسى بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
   
      بىز ئابدۇللاھ ئىبنى ئامىر ئىبنى زورارەھتىن ۋە ئەلى ئىبنى مۇسھىردىن ، ئەئمىشتىن ، ئىبراھىمدىن ، ئەلقەمە ئىبنى قەيىستىن مۇنداق بايان قىلدۇق. ئەلقەمە مۇنداق دىدى.: مەن ئوسماندىن باشقا ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد بىلەن مىنادا ئىدىم . ئۇنىڭغا يېقىن جايدا ئولتۇردۇم . ئوسمان ئۇنىڭغا:‹‹سىنىڭ كۆڭلۈڭگە پۈككەن ، سەن توي قىلدۇدەك بىرەر قىز بارمۇ ؟ بەزى ئىشلارنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتتى ( توي قىلىش يېشىڭدىن ئېشىپ كەتتىڭ دىمەكچى) دىدى. ئابدۇللاھنىڭ توي قىلىشقا تەييارلىقى يوقلىقى كۆرۈلدى. ۋە مىنى ئىشارەت قىلىۋىدى ئۇنىڭ قېشىغا باردىم . ۋە مۇنداق دىدى:‹‹ سەن ئۇنداق دىمىگىن ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ (س،ئە،ۋ) : ئې ، ياشلار گوروھى ، سىلەردىن كىمىكى توي قىلىشقا قادىر بۇلسا ، ئۆيلەنسۇن، ھەقىقەتەن ئۇ توي كۆزنى تۆۋەنگە قارىتىدۇ.( ئەدەپلىك قىلىپ ، زىنادىن ساقلايدۇ)  ئەۋرەتنى ساقلايدۇ. كىمىكى قادىر بۇلالمىسا روزا تۇتسۇن.روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن قالقاندۇر . ››دىگەن

        بىزئەھمەت ئىبنى ئەزھەردىن ، ئادەمەدىن، ئەيسا ئىبنى مەيمۇنەدىن رىۋايەت قىلدۇق .قاسىم ئائىشەدىن ، رىۋايەت قىلغان . ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:‹‹ رەسۇلۇللاھ (س، ئە،ۋ) :نىكاھ مىنىڭ سۈننۇتىمدۇر ،كىمىكى  سۈننۈتىمگە ئەمەل قىلمىسا ئۇ بىزدىن ئەمەس ، سىلەر ئۆيلۈنىڭلار ، ھەقىقەتەن مەن ئۈممۈتىمنىڭ كۆپلۈكىدىن پەخىرلىنىمەن ، كىمنىڭ قۇلى ئۇزۇن بۇلسا ( توي قىلىشا قادىر بۇلالىسا) نىكاھلانسۇن.كىمىكى توي قىلغۇدەك نەرسە تاپالمىسا روزا تۇتسۇن. چۈنكى روزا ئۇنىڭ ئۈچۈن قالقاندۇر. ›› .

       بىز مۇھەممەت ئىبنى يەھيادىن ، سەئىد ئىبنى سۇلەيماندىن، مۇھەممەد ئىبنى مۇسلىمدىن ، ئىبراھىم ئىبنى مەيسەرەھتىن رىۋايەت قىلدۇق . ئۇلار تاۋۇتتىن ، ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ئابباس مۇنداق دىگەن: رەسۇلۇللاھ (س، ئە ، ۋ ) ئىككى ياخشى كۆرگۈچىلەر ئۈچۈن نىكاھنىڭ مىسالىدىن باشقا نەرسىنى كۆرمىدۇق ( دىمەكچى بۇلغىنى نىكاھ ئەر- ئايال ئىككىلىسىگە مۇھەببەت ، ياخشى كۆرۈش ئاتاقىلىپ ، مۇھەببىتىنى چىڭ قىلىدۇ دىمەكچى ) دىگەن.

تورداشلارنىڭ ئىسىدە ياخشىراق تۇرۇپ قىلىشى ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك تەرجىمە قىلىندى . ئاللاھ خالىسا يەنە داۋاملىق يوللىنىدۇ .
يۇقىرىقى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغىنىدەك نىكاھلىنىش كىشىلەرنى بەخىتكە باشلايدۇ . نىكاھ كىشىلەرنى زىنادىن ( يەنى  كۆز زىناسى ، ئېغىز زىناسى ، قۇلاق زىناسى ، پۇت قول زىناسىدىن ) ساقلايدۇ.  زىنادىن يىراق بۇلغان ئىكەنمىز ئەلۋەتتە  زىنادىن كىلىپ چىقىدىغان ، ئەيدىس ......... ۋە شۇنىڭدەك ھەرخىل يۇقۇملۇق كىسەللىكلەردىن ، مەينەتچچىلىكتىن ، كىشىلەر ئارىسىدا رەسۋا بۇلۇشتىن  ئىززەت-  ئابرۇينىڭ تۆكۈلىشىدىن  ، مەينەتچىلىكتىن رەسۋاچىلىقتىن ، شەھۋانىيلىكتىن ، يامان يولغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.
     نىكاھ بىلەن بىر ئائىلە ۋە يىڭىدىن بۇلغان بىر گۈزەل تۇرمۇش بارلىققا كىلىدۇ . ئۇ گۈزەل تۇرمۇش سىزنى پارلاق كىلەچەككە  باشلاپ ، سىزگە ئۈمۈدۋارلىق بېغىشلايدۇ.قېرىنداشلار قۇدرىتىمىز يەتسە نىكاھلىنىپ ، گۈزەل ، ھالال بۇلغان جۈپتىڭىز بىلەن يىڭى تۇرمىشىڭىزنى باشلاڭ . نىكاھلىنىشقا كۈچىڭىز يەتمىسە ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيىتقاندەك روزا تۇتۇڭ . نىكاھلىنالمىدىم دەپ  ھەرگىزمۇ ھارام بۇلغان زىنا يولىغا كىرىپ قالماڭ . ئۆزىڭىزنى ۋە باشقىلارنى قەدىرلەڭ . ئۆزىڭىزنى ھەرۋاقىت زىنادىن ئىبارەت بۇ قەبىھ ئىشتىن ساقلاپ ، پاكلىقىڭىزنى ھالال بۇلغان جۈپتىڭىزنىڭ توي كىچىسىگە ساقلاپ قۇيۇڭ . ھەرگىز باشقىلارنىڭ ئوينايدىغان  قۇنچىقى بۇلۇپ قالماڭ . ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىق بەرسۇن ئەزىزلەر . سىلەرگە ئامانلىق تىلەپ : لوتفىيەدىن.
ۋاقتى: 2014-4-6 11:01:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.
ۋاقتى: 2014-6-13 11:14:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش