ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1437|ئىنكاس: 5

ئەڭ شىپالىق دورا − ئۈمىد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەڭ شىپالىق دورا − ئۈمىد

ئۈمىد − سۇندۇرۇشقا بولمايدىغان باراقسان دەرەخ.
ئۈمىد − ئۆچۈرۈپ قويۇشقا بولمايدىغان مەشئەل.
ئۈمىد − سوغۇلدۇرۇشقا بولمايدىغان بۇلاق.
تۇرمۇش بىزدىن ھەر قانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا ئۈمىدۋار بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۈمىد بولمىسا، تىرىشچانلىق بولمايدۇ. تىرىشچانلىق بولمايدىكەن، ھاياتلىقنىڭ ھېچقانداق مەززىسى بولمايدۇ. دېمەك، ئۈمىد بىزنىڭ روھىي ئوزۇقىمىز سۈپىتىدە قاغجىرىغان قەلبىمىزگە، مەنىۋىيىتىمىزگە مەلھەم، دەردىمىزگە دەرمان بولالايدۇ.
كىشىلىك ھاياتتا بىز ھەمىشە كىشىلەرنى ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيمىز. ئەمەلىيەتتە، ئۈمىدۋارلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان ئىككى خىل پوزىتسىيەسىدۇر. بۇ ھەقتە ئامېرىكىلىق ئىككى پىسخولوگ ئادەمنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىگە تەسىر قىلىدىغان زىيانسىز ماددىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوكۇل قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۈمىدۋارلىق دەرىجىسىنى تەكشۈرگەن. بۇ سىناق يېرىم يىلدا جەمئىي بەش قېتىم ئىشلەنگەن. نەتىجىدە ئېممۇنىتېت كۈچى پىسخىك ھالەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرگەن. ئۈمىدۋار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئۈمىدسىزلەنگەنلەرنىڭ تۆۋەن بولغان. بۇ، ئۈمىدۋارلىقنىڭ ئېممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، ساغلاملىقىمىزنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
كىشىلىك ھاياتتىكى تۈرلۈك-تۈمەن ئىش بىزنى ئۈمىدسىزلىك چۆلىگە سۆرەيدۇ. بىز قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۈمىدسىزلەنمەيدىغان مۇستەھكەم پىسخىكا ۋە خاراكتېر يېتىلدۈرسەك، ئۇ بىزنى ھەرگىزمۇ بويسۇندۇرالمايدۇ. ئۈمىدسىزلىك سىزنى چىرمىۋالغاندا مۇنۇ ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ: ئورنىڭىزدىن سەھەر تۇرۇپ، قۇياشنىڭ ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلۈشىنى تاماشا قىلىڭ. ياشلار توپلاشقان جايلارغا بېرىپ تۇرۇڭ، بولسا ياشلارنىڭ تازا قىزىۋاتقان توي مەرىكىسىگە قاتنىشىپ بېقىڭ. ياشاش مۇھىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ. كېچىلەردە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان، جاپالىق جايلاردا تەر تۆكۈۋاتقانلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىرەر ئاخشامنى بىللە ئۆتكۈزۈپ بېقىڭ. دېمەككى، ئەتراپىمىزدا بىزنى ھامان ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيدىغان نەرسىلەر كۆپ. شۇنداق ئىكەن، بىزنى ئۈمىدۋارلىققا ئۈندەيدىغان ھەرقانداق شارائىتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك.
دېمەك، ئۈمىد ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاش مەيلى روھىي ياكى جىسمانىي جەھەتتىن بولسۇن، بىزگە ھەر دائىم كۈچ - قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ.
روھىي ساغلاملىقىمىزنىڭ كاپالىتى − ئۈمىدۋارلىقتۇر. ۋۇجۇدىمىزدىكى ھەر قانداق كېسەلگە قالقان بولالايدىغىنىمۇ يەنىلا ئۈمىدۋارلىقتۇر.
شۇڭا، كىشىلىك ھاياتىمىز ھەردەم ئۈمىدۋارلىقتا كۈلۈمسىرىشى كېرەك. شۇندىلا ئۇ بىزنىڭ روھىمىزنى، جىسمىمىزنى قىممەتلىك سوۋغىلارغا ئېرىشتۈرىدۇ.

مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى   

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-2 00:24:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇق قۇل كىلشنى خالىمدىم ، بۇ سىلەرگە سۇنىغان كىچكنە كۆرۈشۈش سۇۋغام بۇلسۇن.
ۋاقتى: 2014-4-2 19:28:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ياخشى تىما ئىكەن رەھمەت سىزگە!  مۇشۇنداق ياخشى تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-3 14:31:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەللايكۇم ئەسساللام ،ئەرزىيدۇئەلسھەت ئۇستاز ،بۇ  سىلە قىلۋاتقان ئىشلار ئالددا نىمە بۇلاتتى.
ۋاقتى: 2014-4-14 22:20:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ياخشى تىما ئىكەن رەھمەت سىزگە
ۋاقتى: 2014-6-27 16:32:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxi timikan alla kuligizga dat bamisun
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش