ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1141|ئىنكاس: 2

يىمەكلىكتىن مەسلىھەت سورايمەن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەلسىھەت ئۇستاز قانداق ئەھۋاللىرى،   ئۇزۇن بوپتۇ سىلى بىلەن مۇڭداشمىغىلى         ۋاي ۋاي دىمۇ دەرىسلىك قىممايۋاتىدىلا   .......!
سىلىدىن سورايدىغان سۇئالىم ،    مۇشۇ دۇكانلاردا سىتىلىۋاتقان  ‹ئىخلاس فىرىما ›دىگەنگە ئوخشاش فىرىمالار ئىستىمال قىلساق پايدىلىقمۇ ، ياكى پايدىسى يوقمۇ، بىز ئويدە ھەممىمىز ئىچىپ كۈنۈپ قالدۇق،  يا زىيىنىمۇ بامۇ؟
يەنە بىرسى قىتىقمۇ با ،ئۇمۇ زىيانلىقمۇ ياكى پايدىلىق يەلىرى بامۇ؟
مۇشۇ سۇئاللىرىمغا خاپا بومماي جاۋاپ بەگەن بولسىلا بوپتىكەن.


ۋاقتى: 2014-3-31 13:39:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.  ۋاي ۋاي دەرىسخانىمىز 2014.04.18 كۈنگىچە تاقىۋىتىلىپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم. ئەسلىگە كەلگۈچە ئازىراق دەم ئالاي دەپ ۋاي ۋايمۇ ئاچمىدىم.
ئەمدى سىز دىگەن مەسىلىگە كەلسەك. بۇ بىر مۇرەككەپ بولغان چۈشەنچىدىن ئىبارەت. بۇيەردە ئىخلاس ياكى باشقا شىركەتلەر بىلەن شەخسى زىدىيتىم يوق، ھەم ئۇلارنى قوللىماسلىق نىيىتىممۇ يوق.  مەنمۇ شۇ مىللى كارخانىلاردا ئىشلەنگەن ساپ، شۈبىھىسىز مەھسۇلاتلارنى تاللاپ ئىشلىتىمەن.  بىراق ساغلاملىققا پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ دىگەن مەسىلىدە سۆز ئاچقاندا ئىنساپ ۋە ئىمان بىلەن سۆزلىمەي بولمايدۇ.
مىنڭ بىلىشىمچى بىرقىسىم تەييار يىمەكلىك ياكى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ساقلاش مۇددىتى 6 ئادىن 18 ئايغىچە. تېمپىراتۇراغا قويغان تەلىپى 0~30-سىلسىيەگىرادۇسقىچە بۇلۇپ مۇشۇ شەرتلەر تۇلۇق ئۇرۇندالغاندا ھەرخىل ماركىدىكى سوغوق ئىچىملىك ۋە تۈرلۈك يىمەكلىكلەر بىخەتەر سۈپەتكە ئىگە بۇلىدۇ. بىراق بىز شۇ ماھسۇلاتنى سېتىرالغان مۇھىت شۇ ئۆلچەمگە توشامدۇ؟ مالنى ساتقۇچىغا يەتكۈزۈپ بەرگۈچىلەر، شىركەتتىن مالنى ئېلىپ چىققۇچىلار، توپ تارقاتقۇچىلار....قاتارلىقلارنىڭ ھەمىسى شۇنداق شارائىتنى ھازىرلىغانمۇ؟ بۇ بىر مەسىلە. (ئەلۋەتتە كارخانىنىڭ ئۈزىنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ياخشى. ھەم ئۆلچەملىك.)
يۇقارقى مەسىلە ۋە ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن مەھسۇلات ئىشلىگەندە مۇۋاپىق مىقداردا چىرىشتىن ساقلاش دورىسى ئىشلىتىلىدىغان گەپ. بۇ چىرىشتىن ساقلاش دورۇللىرى (مىنىڭچە ئۇيغۇر كارخانىچىللىرىمىز شۈبىھلىنىدىغانلىرىنى ئىشلەتمەيدۇ) بەدەنگە كىرگەندىن كىيىنمۇ ئازدۇر كۆپتۇر ئۆز رۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ ىتابولىزىم جەريانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ. ھىچ بولمىغاندا ئۈزنىڭ تەبئىيتى (چىرىشتىن ساقلىغۇچى دورىلار كۆپۈنچە ئۆتكۈر دەرىجىدە قۇرۇق سوغوق بۇلىدۇ.)تەسىرى بىلەن قاننى سۇۋۇتۇپ ئىمونىت ئىقتىدارىنى تۈۋەنلىتىپ قۇيىشى مۇمكىن. (بۇ پەقەت تەھلىل).
يىمەك - ئىچمەكتىكى بۇنداق ئىشلار ھازىر كۆپ يۈز بىرىدۇ. تۇرمىش رىتىمى تىزلەشكەنسىرى بىزمۇ تۇرمۇشقا يىتىشىمىز دەپ ئاش - تاماق ئىتىدىغان ۋاقىتنى ئىقتىساد قىلىش ئۈچۈن بىرقىسىم تەييار مەھسۇلاتلارغا كۈنۈپ كەتتۇق. لىكىن يۇقارقىدەك مەسىللەرگە قارىتا بىز چۇقۇم سەگەك بولۇپ سالامەتلىكىمىزنى ئويلىشىمىز كىرەك.


ۋاقتى: 2014-4-28 09:26:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم  ئەلسىھەت ئەپەندىم  ۋە بارلىق تورداشلا  بوسا مۇشۇ تورغا  چ چ توپىدىن بىرنى قۇرغان بوساق تېخىمۇ ئەركىن پىكر يۈرگىزەلەيدىكەنمىز


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش