ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 845|ئىنكاس: 1

ئاچ قورساققا ئىچىشكە بولمايدىغان 4 خىل ئىچىملىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇرمۇشىمىزدا ھەمىشە ھەر خىل ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىمىز، بىراق بىر قىسىم ئىچىملىكلەرنى ئاچ قورساققا ئىچكەندە، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ.
1. قەھۋە
قەھۋە تەركىبىدىكى كوفىئىن بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ ھاياجانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيقۇنى قاچۇرۇپ، قاننىڭ ئايلىنشىنى ياخشىلاپ، بەدەننى راھەتلەندۈرۈپ، ھارغىنلىقىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا تېتىكلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە؛ بىراق سىمپاتىك نېرۋىلار غىدىقلانسا، ئىشتىھاغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى ئشىتىھانى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
شۇڭا تاماقتىن بۇرۇن قەھۋە ئىچكەندە، تاماق يېگۈسى كەلمەسلىكتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشقازان غىدىقلانغانلىقتىن، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئېشىپ، قۇرۇق ئاشقازاننى غىدىقلايدۇ، بۇ ئاشقازان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە پايدىسىز، بىراق تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلغاندا، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئاشقانلىقتىن، ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق.
2. قېتىق
ئاچ قورساق قېتىق ئىچكەندە، ناھايىتى ئاسانلا ئاشقازاننىڭ قۇرۇقدىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەركىبدىىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار سۈمۈرۈلمەستىنلا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ.
تاماقتىن كېيىن ئىستېمال قىلغاندا، غىدىقلىنىشنى ئازايتىپ، قېتىقنى ئاشقازاندا ئاستا-ئاستا سۈمۈرۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ئادەتتە تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەتتىن 2 سائەتكىچە بولغان ئارىلىق قېتىق ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، قېتىقنىڭ ئەڭ ياخشى تېمپۇراتۇرىسى℃10~℃12 ئەتراپىدا بولۇپ،℃50 تىن ئېشىپ كەتمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك، بولمىسا بەدەنگە پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى يوقتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ھەسەل
ھەسەل ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان تەبىئىي يېمەكلىك بولۇپ، دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ھەسەلنىڭ تەركىبىدە بەدەندىكى قان زەردابى قويۇقلۇقى بىلەن يېقىنلىشىدىغان كۆپ خىل ئانئورگانىك تۇز ۋە ۋىتامىن بار، بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشكە قولايلىق.
كۆپلىگەن كىشىلەر ھەسەل سۈيى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېرىنى ياخشىلاپ، بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
ھەسەلنى تاماقتىن كېيىنكى 1.5~2 سائەتكىچە بولغان ۋاقىتتا ئىچسە ئەڭ ياخشى، ئاچ قورساققا ئىچكەندە، بەدەننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندا، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەپلىك ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. چاي
چاي ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئىچىملىك بولۇپ، چاينى تاماقتىن كېيىنلا ئىچىشكە بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى تاماق يەپ بولۇپ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئىچكەندە سالامەتلىككە پايدىلىق، بىراق ئاچ قورساق چاي ئىچكەندە تەركىبىدىكى كوفىئىن قاتارلىق ئالكالوئىد ئۈچەي يولى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ بىئاراملىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  مەنبەسى سىنا ژۇرنىلى


ۋاقتى: 2014-3-17 20:57:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەركەن، مەن دائىم ھەسەلنى ئەتىگەندە ئاچ قورساققا ئىچەتتىم ، بۇندىن كېيىن دىققەت قىلسام بولغىدەك.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش