ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1066|ئىنكاس: 3

مەسىھەت بەسىڭىز؟؟؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھورمەتلىك ئۇستاز مەن توي قىلغىلى 16 ئاي بولدى قورساق كوتۇرمىدىم .ئادىتىممۇ پەقەت نۇرمال ئەمەس.ئاق خۇنمۇ بەك كوپ بۇرۇن تەكشۇرتۇپ باقسام بالياتقۇ كىچىككەن  ھەم ناڭ جوڭ باركەن دىگەن. مىللى تىبابەتتە بىر كۇرۇس داۋالانغان ناڭجوڭ كىچىكلەپتۇ دىدى.ئاق خۇنمۇ سەل ئازايدى لىكىن يەنىلا نۇرمال ئەمەس.بۇقىتىم تەكشۇرۇتسەم بالياتقۇنىڭ بوينىدا ئەرلىك ئۇرۇققا قارشى چىرىتقۇچى باكتىيە باركەن.جىنسى يولىدا ....نىمە سىمان دىدى ئىشقىپ باكتىريە باركەن دىدى ھەم يولدىشىمغىمۇ سىزمۇ تەكشۇرۇپ بىقىڭ سىزگىمۇ يۇققان بولشى مومكىن دىدى.
ھازىر مەندىكى ئالامەتلەر:پەقەت جىنسى مۇناسىۋەت ئوتكۇزگىم كەلمەيدۇ.ئوتكۇزگەن تەقدىردىمۇ ھوللۇك  بەك كوپ. شۇڭا ياردەم قىلسىڭىز قانداق داۋالىنىمە.


ۋاقتى: 2014-3-12 21:14:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېنىق ئىكەن. بۇنىڭغا قارىتا داۋالاش ئۇسۇللىرىنى دوختۇرخانىدىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەندۇ بەلكىم. مەن بۇ يەردە ئۇيغۇر تېبابىتى بۇيىچە داۋالاش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قۇياي.
1-باسقۇچتا ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىچىدىن ۋە سىرتىدىن ئىشلىتىسىز. بۇ دورىلار مائۇلئۇسۇل رەھمى شەربىتى كۈندە 3 ۋاخ 70 مىلىلىتىردىن، مەجۈنى ئۆشبە كۈندە 3 ۋاخ 10 گىرامدىن، قۇرسى سۇپارى  كۈندە 2 ۋاخ 5 تالدىن، مەجۈنى ئەفئى سەغىر ياكى مەجۈنى سەرتان كەچ يېتىشتىن بۇرۇن 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلىسىز.. سىرتىدىن كاۋاۋىچىن 30 گىرام، شاھتەررە 30 گىرام، موزا 10 گىرام. چۆبچىن 10 گىرام، مامىران چىنى 10 گىرامدىن ئېلىپ چالا سۇقۇپ مۇۋاپىق مىقداردا سۇ بىلەن قاينىتىپ ھورىدا ئولتۇرىسىز (ۋاننا) . يەنە ھىلال تابلىتىنى 3 قاپ يەنى 18 كۈن كۈندە بىردىن جىنسى يولغا سالىسىز. ئاللاھ خالىسا 20~25 كۈندە ياخشى بۇلىسىز.
2-باسقۇچتا كىسەللىك ئالامەتلىرى يۇقالغاندىن كىيىن قايتا تەكشۈرتۈپ بېقىڭ ياخشىلانغان بولسىڭىز ماددىتۇل ھايات ئەتىگەن 10 گىرام، جاۋارىش زەر ئۇنى چۈش 10 گىرام، لوبوبى كەبىر كەچ 10 گىرامدىن 1 ئاي ئىستىمال قىلسىڭىز بۇلىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-4-25 18:11:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2014-3-12 21:14
تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېنىق ئىكەن. بۇنىڭغا قارىتا داۋالاش  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز....يول كورسەتكىنىڭىز گە رەخمەت.....
مەن تەكشۇرۇتكەن دوختۇرخانىدا پەقەت رىتسىپنى ئاشكارلىمايدىكىەن،مىنىڭ ئۇ دوختۇرخانىدا داۋانىلىشقا پەقەت شارايىتىم يار بەرمەيدۇ.ھەم ئۇنىڭ ئۇستىگە مىنى 3 باسقۇچ داۋالايمىز دىگەنتى....


باھا سۆز

يۇقاردا مەن دىگەن ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.  ۋاقتى: 2014-4-27 22:22
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش