ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 942|ئىنكاس: 8

ئەلسىھەت دۇختۇرغا تەشەككۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       

زىرىكمەي -تىرىكمەي ئاخرغىچە تەپسىلى ئۇقۇڭ  ئۇتۇنۇپ قالاي .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت ئۇستاز، ئۇلۈغ اللە تىنىڭىز نى سالامەت قىلسۇن،بارلىق ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ياغدۇرسۇن .ئامىين .
مەن سىزنىڭ ،ئۇزىڭىز تۇنۇيدىغان ھەم تۇنمايدىغان بارلىق كىسەلمەنلەرگە ئۇن-تۇنسىز ياردەم قىلىپ ،تۇلىمۇ ساۋاپلىق ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىڭىزدىن ،بەكمۇ سۇيۇندىم .ئۇلۇغ اللە ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن .
مۇشۇ كۇنلەردە ئىشەنچىلىك ،ۋە ئۇزۇڭ ئىشنىدىغان دوختۇر تاپماق ھەقىقەتەن تەسكەن .ئۇلۇغ ئاللا ئىرادىڭىزنى  مەڭگۇ مۇستەھكەم قىلسۇن .
مەن كومپىيۇتېرنى ئانچە ياخشى بىلمىگەچكە 6 ئاي بۇمۇنبەرنى ئارىلاپ يۇرۇپ ،ئاران دىگەندە ئەزا بۇلۇپ كىرەلگەن ئىدىم .مەن بۇ تىمىنى 2- ئاينىڭ 20- چېسلا يوللىغان  .ھازىرغىچە جاۋاپ كەلمىگەچكە قايتا يوللاۋاتىمەن .بەلكىم ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ،ۋاقىت چىقرالمىغانسىز، ھازىر يۇرىگىم دوزاخ ئۇتىدا پۇچىلانغاندەك تۇلىمۇ بىئارام بۇلىۋاتىمەن ، ماڭىمۇ ياردەم قۇلىڭىزنى سۇنۇپ ،كىسەللىك ئەھۋالىمغاسەمىمى مۇئامىلىدە بۇلۇشىڭىزنى ئۇتۇنىمەن

مەن بۇ يىل 35كە كىردىم .توي قىلمىدىم .كىچىكىمدە چوڭ بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ئانانىزىمغا ئۇگىنىپ قاپتىكەنمەن .بۇ نىجىس بىلەن 15 يىل شۇغۇللىنىپتىمەن .ئاساسەن ھەپتىدە بىر قىلاتتىم .بۇ تور بەتنى كۇرگەندىن كىيىن  كىچىككەن بولساممۇ تاشلىدىم .بۇ ئىشنىڭ ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىگىنى ئەمدى بىلدىم .بىر نەچچە قېتىم  ئۇلۇۋېلىشنى  ئويلىدىم .ئۇنداق قىلسام ئۇدۇنياغا يەنىلا گۇناھكار پېتى كەتكۇدەكمەن .نىيىتىمدىن ياندىم. ( مەن بەك ئىچ مىجەز بولغاچقا،بۇ ئىشلارنى ھېچكىمگە دەپ باقمىغان ،مازاق قىلماڭلار).

مەندىكى ئاساسلىق ئالامەتلەر:
1 ) 35 كە كىردىم .توي قىلمىدىم .چېچىم چۇشۇپ كەتتى .  2 )بەدىنىم بەك ئۇرۇق  3 ) قۇلۇم ،پۇتۇم ، بۆرىكىم  پات-پات تېلىپ ئاغرىيدۇ.ئىھتىلام بولغان كۇنىنڭ ئەتىسىدىن باشلاپ بەكراق تېلىپ ئاغرىيدۇ. 4 )  ھاجەتخانىغابېرىپ 15-20سىكۇنىت ئولتۇرغاندىن كىيىن سىيمەن .سىيگەندەبېسىم يوق. بەزىدە ئاچماق سىيدىغان ئەھۋال بار  5) سىيىپ بولغاندىن كىيىن  ئازراق سۇيدۇك قېلىپ قالغاندەك سىزىم بار. ئىشتاننى كىيىپ بولغاندىن كىيىن بىر-ئىككى تامچە چىقىپ كېتىدۇ .لېكىن سىيگەندە ئېچىشىدىغان ،كۇيىشىدىغان ئەھۋال يوق.
6 )بەزىدە جىنسى ئەزانىڭ ئۇچى ،تۇۋى توم .ئوتتىرىسى ئىنچىكە بۇلۇپ قالىدۇ. جىنسى ئەزانىڭ ئۇستى ۋە ئاستىدىكى تۇمۇرلىرى كۇپۇپ چىقىۋالغان ئالامەتلەر بار.
يەنە كىچىكلەش ،يىگلەش ئالامەتلىرىمۇ بارمىكىن دەپ قارايمەن .
7) بەزى چاغلاردا بىر ئايدا ئىكىكى قېتىم ،بەزى چاغلاردا تۆت قېتىم ئىھتىلام بۇلىمەن .

بۇ ئىشنى تاشلىغاندىن كىيىنكى ئالامەتلەر:
بۇ ئىشنى تاشلىغىلى 7 ئاي بولدى. تاشلاپ 7-ئايغا كەلگەندە -ئىلگىرى بەك كۆپ ئىھتىلام بۇلاتتىم ،ھازىر بىر ئاي بولدى ،ئىھتىلام بولمىدىم .بەل -بۆرىكىم تېلىپ ئاغرىمىدى.ئۇيقۇممۇ ياخشىلاندى. ئاللادىن كۆپ تىلىدىم ،ئاللاغاشۇكرى.سىلەرگىمۇ رەخمەت.
ئەلسىھەت ئۇستاز بۇ كىسەللىك ئەھۋالىمغا قارىتا ،ئالدىراش ۋاقتىڭىز  ئىچىدىن ۋاقىت چىقرىپ ياردەم قۇلىڭىزنى سۇنغان بولسىڭىز.ئەگەر مۇمكىن بولسا قېشىڭىزغا بارساممۇ بۇلىدۇ.ياكى دورا سېتىۋالساممۇ بولىدۇ.         ئەمدى بۇقېتىم جاۋاپ بىرىشىڭىزنى ،تەپسىلىرەك داۋالاش لايىھەسى تۇزۇپ برىشىڭىزنى سەمىمى ئۇمىت قىلمەن .   
   رەخمەت سىزگە     (باشقۇرغۇچى ئاتامانلار نىڭ تەستىقلاپ قۇيۇشنى سۇرايمەن )

يەنە بىر مەسىلە بار ئىدى .دادامغا ئامبۇلاتۇردا يۇرەككە قارتا ياساپ بەرگەن داۋائى مىشكى ،چىگويەن گە ياساپ بەرگەن لوئوقى بادام دىگەن دورىلارنى، دادام يىمەي ،مەن يىگەن، مەندىمۇ شۇ كىسەل بار ئىدى .بۇ دورىلارنىڭ  يۇقاردىكى ( باشتا دەپ ئۇتكەن كىسەللىك ئەھۋالىمغا ) تەسىرى بۇلامۇ ؟

               


ۋاقتى: 2014-3-9 17:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىلگىركى تېمىڭىزدا تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك جايلارنى كۆرسۈتۈپ كۆتكەندىن كىيىن سىز ئىنكاسىمغا قارىتا  ئۆلچەملىك ئۇسۇلدا (يەنى ئىنكاسىم ئاستىدىكى ئىكاس دىگەن خەتنى بېسىپ تۇرۇپ) ئىنكاس يوللىماپسىز. ئادەتتە مەن تېمىلارغا چۈشكەن ئىنكاسنى كۈرۈپ بۇلالمايمەن.
ئەمدىكى مەسىلىگە كەلسەك: 1- چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبى كۆپ. بۆرەك ئاجىزلاشتىنمۇ چاچ چۈشۈش بۇلىدۇ. بۇنداق بولسا ئانانىزىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك چىقىشى مۇمكىن.
2- بەدەن ئۇرۇق بۇلۇش.  ئەگەر ئەزەلدىن شۇنداق ئۇرۇق ئەزەلدىن شۇنداق بولسا بەك ئەنسىرەش بىھاجەت. چۈنكى ئىرسىيەت سەۋەبىدىن بۇلىشى مۇمكىن.   3- مەسىلە  بەدەن ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسى.  4- 5- مەسىلە مەزىبىزىدىكى مەسىلە.
6- نەدىمۇ سەۋەپسىز شەكىل ئۆزگۈرۈپ يەنە ئەسلىگە كىلىش بولسۇن. بۇ پەقەت سىزدىكى سىزىم.
7- ئادەتتە 15~20 كۇندە بىر ئېھتىلام بۇلۇش نورمال ئەھۋال.
ئەمدى سىزدىكى ئەھۋالغا قارىتا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار داۋالاش لاھىللىرى مۇنبىرىمىزدە بۇرۇنلا يوللىنىپ بولغان بولسىمۇ يەنە بىر قېتىم يوللاپ قۇيۇشنى توغرا تاپتىم.
سىز 3 باسقۇچ بۇيىچە داۋالاش قىلىڭ. داۋالاشنى باشلاشتىن بۇرۇن ھاراق - تاماكا دىگەندەكلەردە بولسىڭىز قول ئۈزۈڭ.
1- باسقۇچ  سىز ئۈزىڭىزنى ئازادە تۇتۇپ مۇنزىچ سەۋدا تەركىبىگە كاكنەچ، چارمىخ، قۇغۇن ئۇرۇقى، خۇڭگا ئۇرۇقى ئەنگۈر شىپا سېلىپ تەييارلاتقۇزۇپ 15 كۈن ئىستىمال قىلىڭ.  بۇ دورىغا قۇشۇپ ھەببى كاكنەچ، ھەببى بانادۇق ئىستىمال قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
2- باسقۇچتا يۈرەك مىڭە قۇۋەتلەيدىغان دورىلاردىن مەجۈنى نۇجاھ، ئەۋرىشىم شەربىتى، داۋائى مىشكى قاتارلىقلارنى 7 كۈن ئىستىمال قىلىڭ.
3- باسقۇچ: بۇ باسقۇچتا  2- باسقۇچتىكى دورىلارنى توختاتمىغان ئاساستا ئەتىگەندە ماددىتۇل ھايات، چۈشتە جاۋارىش زەر ئۇنى، كەشتە لوبوبى كەبىر  ھەببى ئازاراقى كۈندە 2 ۋاخ 5 تالدىن ئىستىمال قىلىڭ.   
تاماقلاردىن سوغوق تەبىئەتلىك، يەللىك غىزالاردىن يىراق بۇلۇڭ. سوغوق ئىچىملىك ئىچمەڭ. ئاللاھ خالىسا يۇقارقى داۋالاش ئۇسۇلىدا ياخشىلىنىپ كىتىدۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-10 22:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2014-3-9 17:55
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىلگىركى تېمىڭىزدا تۇلۇقلاشقا تى ...

سىزگە كۆپتىن -كۆپ رەخمەت.   مەن ئەزەلدىن تاماكا،ھاراق دىگەنلەرنى ئىستىمال قىلىپ باقمىغان .
ئەمدى سىز دىگەن دورىلارنى  سېتىۋالاي دىسەم ئىشەنچىلىك تېۋىپ تاپقىلى بولمايدىكەن .شۇڭا سىزدىن سېتىۋالسام ئىبەرتىپ بىرەلەسىزمۇ ؟قانداق ئالاقىلىشىمەن .


ۋاقتى: 2014-3-10 23:15:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلشىر يوللىغان ۋاقتى  2014-3-10 22:16
سىزگە كۆپتىن -كۆپ رەخمەت.   مەن ئەزەلدىن تاماكا،ھاراق  ...

قەشقەردىن بىۋاستە ماڭىدىغان ئابتۇبوس بار ئۇرۇنلارغا ئەۋەتىپ بىرەلەيمىز. تېلفۇن قىلىڭ. 13779617891


ۋاقتى: 2014-3-25 20:48:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2014-3-10 23:15
قەشقەردىن بىۋاستە ماڭىدىغان ئابتۇبوس بار ئۇرۇنلارغا  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز ،مەن  ئانانىزىم سەۋەبىدىن ئەرلىك ئاجىزلىق ،ئاچىماق سىيىش  ،  ئېتىلام بولغاندىن كىيىن  باش  ئاغرىش  ، ئەستە تۇتۇش قابىليىتىم  ئاجىزلاش ،ئۇنۇتقاقلىق  قاتارلىق ئەھۋاللار  كۆرۈلگەن ئىدى،  ئۈرۈمچىدكى  دۇكان  ئورنىڭىزنى  دەپ  بەرسىڭىز  بوپتىكەن ، يۇقۇردىكى  سىز  دېگەن  3باسقۇچ  بويچە  دورا  سېتۋلاي  دېگەن.  


باھا سۆز

ئۈرۈمچىدە دۇكۇنىمىز يوق.  ۋاقتى: 2014-3-25 21:03
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.  ۋاقتى: 2014-3-25 21:03
ۋاقتى: 2014-3-31 17:17:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەر دە بار مۇ؟


ۋاقتى: 2014-3-31 17:19:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز نىڭ شىفاھ خانىڭىز دەپ بەر سىڭىز بوپ تىكەن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش