ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1034|ئىنكاس: 5

يەنە شۇ ئانانىزىم ............

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شىكەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-1 21:20  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت ئۇستاز ، قەدىردان دوستلار  قانداق ئېغىز ئېچىشنى بىلمىدىم ،لىكىن دىمەي دىسەم ئىچىم سىقىلىپ  يۈرگۈم ھازىرلا پارتىلاپ  كېتدىغاندەك قىلىدۇ ،  يولدىشىم 30 ياش توي  قىلغىلى  8يىل بولدى . بىر پەرزەنتىم بار ،ئاللا خالىسا شۇنداق بەختلىك بىر ئائىلەم بار دەپ ئويلايتىم ، ئىككى يىل ئاۋال تۇغدۇم ، 2010 يىلدىن باشلاپ جىنسى جەھەتتە ئىرىم بۇرۇنقىغا ئۇخشمايلا قالدى ، تۇيقسىزلا بىر كىچىدىلا  باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغاندەكلا .   شۇنداق قىلىپ 2012 -يىلى تۇغدۇم . قۇساق كۈتۈرۈش جەريانىدا بىز ساناقلىقلا بىللە بولدۇق ، ئۇ پەرزەنتىمىز ئۈچۈن دىسە   خوش بوپ كىتىپتىمەن ،    ئەپسۇس مىڭ ئەپسۇس ئۇ توي قىلىشتىن نەچچە يىل بۇرۇنلا ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ كىتىپتىكەن  بىر قانچە كۈن ئالدىدا بۇ ئىشنى ئوقتۇم ، مەن تىخى سىرىتتا بىرەر ئىشى بارمىدۇ ياكى مەندىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي  قالغانمىدۇ  دەپ  قىلمىغان دورا  ئىشلەتمىگەن ئامال قالمىدى ، ئۈزۈممۇ  خىلى چىرايلىق  ،ئۇنىڭ كۆڭلى چۈشمىگۈدەك بىر قىز ئەمەستىم ،مەن ھەممە كۈڭۈلسىزلىكلەرنى ئۈزۈمدىن كۈرۈپ قىلمىغان دورام قالماپتۇ ،ئەپسۇس ئىش باشقىچە ئىكەن ، ئەڭ كۆڭلۈم يېرىم بولغىنى بىز توي قىلغاندىن كىيىنمۇ ئۇ بۇ ئىشلارنى تاشلاشتا يوق تېخىمۇ ئاۋۇپ  كىتىپتۇ ، ھەتتاكى كۈندۈزى خىزمەت ۋاختىدا ئوبۇرنىغا چىقسا  شۇ يەردىمۇ قىپتۇ  ،كىچىسى يېرىم كىچىدە كىچىك تەرەتكە قۇپقاندا ،ئەتىگىنى يۇيۇنغاندا قىپتۇ ، بۇلارنى ئاڭلاپ  بىر تەرەپتىن  ئۈززۈمگە تەسسەللى بەردىم بىر تەرەپتىن ئۇنىڭدىن بەك نەپرەتلەندىم .ئون نەچچە يىل ئاز ۋاقىت ئەمەس ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىكى ئەھۋاللارنى مەن ئەزەلدىن چىش يېرىپ بىرسىگە دەپ باقمغان ،مەن بۇنداق ئىشنى دەپ يۈرۈش ئىرىمنىڭ ئىناۋىتىگە غۇرۇرىغا تەككەنلىك دەپ ئويلاپ كەلگەن ، مانا  ئۇ ئەمدى ئۇ ئىشنى تاشلاشنى رەسمى نىيەت قىپتۇ ،لىكىن مۇنبەردىكى تىمىلارنى كۈرۈپ بۇ ئىشنىڭ ئۇنچە  ئاسانغا توختىمايدىغانلىقى بىلدىم ، مەن قانداق قىلامەن كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىدا قولۇم ئىشقىمۇ بارمىدى .ئۇنىڭغا بۇ ھىچ گەپ ئەمەسقۇ  دەپ دىيەلىگىنىم بىلەن ئۇنداق ئاسانلا  ئۆتكۈزۈۋېتەلەيدىغاندەك ئەمەس .ئۇنىڭغا ھىچ ئىش بولمىغاندەك مۇئامىلە قىلدىم ،بىراق  ئىچ باغرىمنى تۈمەن مىڭ قۇرت قوڭغۇز يەپ كىتۋاتقانداك بولۋاتىمەن . مەن ئەمدى قانداق قىلىشىم كىرەك ؟   ئەلۋەتتە جىنسى تۇرمۇش تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر تەرىپى بولسىمۇ مىنىڭ بۇ ئىشنى دەپ تۇرمۇشۇمنى پەقەت  بۇزغۇم يوق .ئەمما  ئۇنىڭ  بۇ ئىشتىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن قانداق ياردەم قىلىشنى ئۇقمايلا قالدىم . تېۋپلىرىمىز بىر يول كۆرسىتىپ ئائىلەمنى ساقلاپ قىلىشىمغا ياردەم قىلغان بولساڭلار .
بەزى گەپلەرنى  تور يۈزدە دىيىشكە قولايسىز بوپ قالدى ، قالغان ئەھۋاللارنى  ئايرىم  دىسەم ماڭا بىر يادەم قىلغان بولسڭلار !


ئەرلەرگە دەيدىغىنىم : ئۆزىڭىزنىڭ  سالامەتلىكى  ۋە سىزگە بارلىقىنى ئاتىغان ئاشۇ ناتىۋان ئۈچۈن بولسىمۇ بۇنداق مەينەت  ئىشتىن نېرى تۇرۇڭ !!


ۋاقتى: 2014-3-2 01:02:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. ئىلگىركى تىمىلاردا دىيىلگنىدە بۇ بىر خىل روھى كىسەللىك. شۇنىڭ ئۈچۈن يېنىدا ئايالى تۇرسا يەنىلا شۇ ئىشقا ئۈزىنى بېغىشلاپ پۇرسەت تېپىپ ئانانىزىم قىلىدىغان كىشىللىرىمىز ئاز ئەمەس.  
بۇ بىر سىزنىڭ يولدىشىڭىزدا كۈرۈلگەن مەسىلە بولماستىن كۈپۈنچە كىشىللىرىمىزدە كۈرۈلگەن پىسخىكىلىق مەسىلە.
يولدىشىڭىز بۇنى تاشلاشقا بەل باغلىغان بولسا چۇقۇم ناماز ئۇقۇشىغا تۈرۈتكە بۇلۇڭ.  چۈنكى ناماز دىگەننى پاك ھالەتتە تاھارەت بىلەن ئۇقۇمىسا گۇناھ بۇلىدىغىنىنى ھەر بىر مۇسۇلمان بىلىدۇ. بەلكىم ناماز ئۈچۈن بۇ يامان ئادەتتىن ئۈزىنى تاتىيالىشى مۇمكىن.
ئاندىن يولدىشىڭىز يالغۇز ھالەتتە قالمىسۇن. يالغۇزلۇقتا يەنىلا خۇمارى تۇتۇپ قالىدۇ. ئامىۋى سورۇنلارغا، ئادەم كۆپ ئۇرۇنلارغا كۆپىرەك بارسۇن. قالىغنىغا مۇنبەردىكى تېمىلاردىن جاۋاپ تاپالايسىز.
ئەمدى ئەڭ باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە يولدىشىڭىزدا بامۇ يوق بۇنى سۇراپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ. يەنى مۇناسىۋەتتە بولغاندا ساغلاملىق دورىسى ئىشلەتكەنمۇ يوق؟  مۇشۇ نوختا ئېنىق بولسا بۇلىدۇ.  ئاللاھ ئاسانلىقنى بەرسۇن.  ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىگە ھىدايەت بەرسۇن -ئامىن!


باھا سۆز

سىز بىلەن ئۈندىدار ياكى چ چ ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تەپسىلى ئەھۋالنى دىسەم ...  ۋاقتى: 2014-3-2 05:40
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-3-2 05:40:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت ئەپەندى سىز بىلەن ئايرىم ئەھۋاللىشىققا ئىمكان بولامۇ ؟ چ چ ياكى ئۈندىداردا بەزى ئەھۋاللارنى سىزگە ئېيتىپ بەرسەم داۋالاش لاھىيەسى تۈزۈپ بىر داۋالاپ باقسىڭىز بولاتتى ، ئاللا ئەجرىڭىزنى يەردە قويماس ئىدى .


باھا سۆز

چ چ 2335767417  ۋاقتى: 2014-3-2 23:04
ۋاقتى: 2014-3-7 17:47:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەرگىمۇ يوللاپسىزدە ،ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش