ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1342|ئىنكاس: 3

جىگەر قۇرۇت كىسىلنى داۋالاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار. ئالدىنقى يازملاردا جىگەر توغرىسىدا توختالغان ئىدۇق. بىر توردىشىمىز مۇشۇ جىگەر قۇرۇت قىسىلى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بىرىشىمىزنى سورىغاچقا بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمىز. قېنى باشقا تورداشلارمۇ بىر پىكىر بىرىپ بېقىڭلار.
ئالامىتى : لەۋلىرى قۇرۇپ ئاق گەز باغلاپ تۇرىدۇ. كۆزئېقى نۇرسېز، كالتا يۈتەل قاتتىق بولىدۇ. بەلغەم كەلمەيدۇ، يۈتەلگەندە جىگەر ساھەسى ئاغرىيدۇھەمدە جىگەر ساھەسىدە بىر نەرسە ماڭغاندەك سېزىلىدۇ. ئىككى مەڭزىدە ئۆمۈچۈك تورىدەك قىزىل تومۇرلار كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. جىگەردە پەيدا بولىدىغان قۇرۇت ياپلاق مەددە شەكىلدە بولىدۇ. بۇ ئادەتتە بېغىر قۇرۇتى دېيىلدۇ.
سەۋەبى: بۇ كىسەل كۆپۈنچە جىگەرنى تۇتۇپ تۇرغۇچى پەردە گۆشتە پەيدا بولىدىغان يىرىڭلىق جاراھەتتىن ياكى كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ چۈشەندىن سۇنىڭ بۇزۇلۇپ يىرىڭغا ئۆزگۈرۈشىدىن يىرىڭداش پەيدا بولۇپ، جىگەر ساھەسىگە بۆسۈپ كىرىدۇ ياكى ئۈچەيدە پەيدا بولغان مەددە قۇرۇتلار ماسارىقا تومۇرى ئارقىلىق جىگەرگە كىرىشتىن پەيدا بولىدۇ. بۇ قۇرۇت پەيدا بولۇشنىڭ ماددىسى غەيرىي بەلغەم
داۋالاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن قىزىل پىياز سۈيى 500 ، گرام، سىپارى جوز 15 گرام تەييارلىنىپ، بېھى ئۇرۇقى 5گرام، سىپارى جوز بىلەن بېھى ئۇرۇقىنى پىياز سۈيىدە قاينىتىپ سۈزۈپ 30 گرام پىننە گۈلقەنت سېلىپ چۈشتە ۋە كەچتە تاماقتىن بۇرۇن 250 گرامدىن ئىچۈرۈلىدۇ. 4 سائەت ئۆكەندىن كېيىن ھەببە قەنبىلىدىن 7 دانە بېرىلىدۇ. 3 كۈن مۇشۇ بويىنچە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق قۇسۇش بىلەن  قۇرۇت ئاشقازاندىن يانىدۇ ياكى ئىچىنى سۈرۈش ئارقىلىق تەرەت بىلەن ھەيدىلدۇ. ئۇندىن كىيىن جىگەرنى كۈچلەندۈرۈش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن قىزىلگۈل گۈلقەنتى ، ھەسەل، پىننە گۈلقەنتى ، ئامىلە نۈشىدارى، جاۋارىش ئەنبەر قاتارلىق دورىلار بىرىلىدۇ. ئۇزۇقلۇق جەھەتتە ئۇچار قۇش كاۋاپلىرى، نان بىرىلىدۇ. يېمىشلەردىن قۇرۇق ئۈزۈم ، ياڭاق ، بېھى ، ئاپلىسىن، (جۈزە) قاتارلىق مېۋىلەرنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
پەرھىزى : بىر ئايدىن ئۈچ ئايغىچە سۈت، قېتىق ، بۇغداي ئۇنىدا ئېتىلگەن سۇيۇق ئاشلار بېرىلمەيدۇ.     
     


ۋاقتى: 2012-5-31 01:19:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىگەرمۇ قۇرۇتلايدىكەن ھە. ئاجايىپ غەلىتە كىسەلكىنە.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-31 01:57:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمارس يوللىغان ۋاقتى  2012-5-31 01:19
جىگەرمۇ قۇرۇتلايدىكەن ھە. ئاجايىپ غەلىتە كىسەلكىنە.

غەلىتە كىسەللىكلەر بەك كۆپ


ۋاقتى: 2013-4-21 01:42:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە بىلىۋالدىم كۆپ رەخمەت


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش