ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2037|ئىنكاس: 3

مەنىي بالدۇر كىتىشنى داۋالاش رىتسىپلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم مەنىي بالدۇر كىتىشنى داۋالاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارنى ۋە ئائىلىۋى رىتسىپلارنى ئېرىنمەي قىلىپ بېقىڭ.

1. بەك تار ئىچ كيىم كەيمەڭ
2. بەك ئىسسىق ۋاننا ھور مۇنچا ياكى بەك ئىسسىق سۇدا يۇيۇنماڭ. بەك زىيادە ئىسسىق ئۇرۇقداننىڭ تېىمپىراتۇرسىنى ئۆرلىتىۋىتىپ ئۇرۇقنىڭ يىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە ھەركىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ
3. ئىچىملىك ۋە چىكىملىك ئادىتىڭىز بولسا ئىمكانبار تاشلاشقا تىرىشىڭ.
4. قۇرۇق يۇيۇشقا بەرگەن كىيىمنى ئالدىراپ كەيمەي 2-3 كۇن ئۆيدە قويۇپ قويۇپ ئاندىن كېيىڭ. بۇنىڭمۇ ئەرلىك ئىقتىدار ۋە ئىسپىرمىغا بەلگىلىك تەسىرى بار.
5. بىرپىيالە ئۇزۇم شىرنىسى، ئىككى پىيالە سۇت، 20تال بادام مىغىزى. ئالدى بىلەن بادامنى سوقۇپ، سۇتكە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇستىگە ئۇزۇم شىرنىسىنى قۇيۇپ ئىستىمال كۇندە 2 ۋاخ ئۇزۇن ۋاقىت ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنسىڭىز جنسى قۇۋەتنى ئاشۇرۇپ قوزغۇلۇشنى كۇچەيتىدۇ.
6. ياڭاق، ئالقات بىرئۇچۇمدىن، قوينىڭ بۆرىكى 2 دانە، گۇرۇچ 1 پىيالە ئىلىپ شوۋىگۇرۇچ تەييارلاپ ئىچسڭىز بۆرەك قۇۋىتىنى ئاشۇرۇپ بۆرەك ئاجىزلىققا شىپا بولىدۇ.
7. سۇت 1كىلو گرام، ياڭاق مىغىزى 250 گرام، شىكەر 120 گرام. تەييارلاش: ياڭاق مىغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، سۇتكە ياڭاق تالقىنىنى ۋە شىكەرنى قوشۇپ قاينىتىپ قىيام شەكلىدە تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى: بو ھەم ئوزۇقلۇق بولۇش ھەم داۋابولۇش رولىنى ئوينايدۇ. جىنسى ئاجىزلىققا ، ئىسپىرمىنى كۆپەيتىشتە ناھايتى شىپالىق ئۆنۇمى بولىدۇ.
8. گۇرۇچ 60 گرام، قۇرۇق قازاندا قورىغان ياڭاق مىغىزى 80 گرام (قوقاسقا كۆمگىنى بولسىمۇ بولىدۇ)، ئادەتتىكى ياڭاق مىغىزى 45 گرام، سۇت 2كىلو، شىكەر 100 گرام ئىلىنىدۇ. تەييارلاشتا، گۇرۇچنى ئادالاپ سوغۇق سۇغا 1 سائەت چىلاپ سۇزۇپ ئىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن گۇرۇچ، ياڭاق مىغىزلىرى، سۇت قاتارلىقلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بوتقا ھالەتكە كەلتۇرۇپ يۇمشاق ئىزىلىدۇ. تاكى ئەلگەكتىن تولۇق ئۆتكىچە ئىزىپ ئالدىن تەييارلىۋىلىنىدۇ. كەينىدىن قازانغا سۇ قۇيۇپ كۇچلۇك ئوتتا قاينىتىۋەتكەندىن كىيىن شىكەرنى قوچۇپ يەنە قاينىتپ پۇشۇرغاندىن كىيىن شىشىگە قۇيۇپ ئىلىۋىلىنىدۇ. كۇندە 2 ۋاخ يىرىم پىيالدىن ئۇزۇن مۇددەت ئىچىپ بىرىلىدۇ. بۇ ئەرلىك قۇۋەتنى كۇچەيتىدۇ.

9. ئاش تۇزى 500 گرام ، سوڭپىياز ( غولپىياز) يىرىم جىڭ ئىلىپ پىيازنى چوڭ چوڭ يالپاقلاپ تۇزبىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خالتىغا ئوراپ قىززىتقاندىن كىيىن دوۋسۇن تۆپىسىگە قويۇپ بىرىڭ. نۆۋەتتىكى ئەھۋالىڭىزغا ياخشى ئۆنۇم كۆرىسىز. سوۋىغاندا يەنە قىززىتىپ تەكرار ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
10. ياڭاق مىغىزى 100گرام، كۇنجۇت 30 گرام، نۇقۇت 60 گرام، سۇت بىركىلو . نۇقۇتنى ئىسسىق سۇغا 2سائەت چىلاپ تۇرغۇزىلىدۇ. ياڭاقنىڭ پوستى ئاجىرتىلىپ ئىزىپ كۇنجۇت، نۇقۇتلار بىلەن بىللە سۇتتە قاينىتىپ پىشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. باھنى قۇۋەتلەش، بۆرەكنى قىززتىش، نېرۋىنى قۇۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە. ئەرلىك ئاجىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق قاتارلىقلارغا مەنپەت قىلىدۇ.
11. سۇت 1كىلو گرام، ياڭاق مىغىزى 250 گرام، شىكەر 120 گرام. تەييارلاش: ياڭاق مىغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ، سۇتكە ياڭاق تالقىنىنى ۋە شىكەرنى قوشۇپ قاينىتىپ قىيام شەكلىدە تەييارلىنىدۇ. شىپالىق رولى: بو ھەم ئوزۇقلۇق بولۇش ھەم داۋابولۇش رولىنى ئوينايدۇ. جىنسى ئاجىزلىققا ، ئىسپىرمىنى كۆپەيتىش ۋە تۇتۇشتا شىپالىق ئۆنۇمى بولىدۇ.

مەسلىھەت بەرگۇچى تېۋىپ: شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومى ئىچكى كېسەل ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرپىسىدىن : ھاجى ئابدۇراخمان مۇئەللىم.›› نىڭ باشقىلارغا مەنىي كىتىشنى داۋالاش توغىرىسىدا بەرگەن رىتسىپلىرىدىن  تاللاپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم..
ۋاقتى: 2014-3-1 20:51:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قويغۇدەك ياخشى تىمىكەن
ۋاقتى: 2014-3-15 12:54:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چېكىپسىز رەھمەت.
ۋاقتى: 2014-4-19 00:17:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاددى ھەم قۇلايلىق ياخشى ئۇسۇللار ئىكەن.رەھمەت سىلگە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش