ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1984|ئىنكاس: 4

غوسلى قىلىش توغرىسىدا(چۇقۇم كۆرۈڭ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!!!

غوسلى قىلىش توغرىسىدا(چۇقۇم كۆرۈڭ)

   
      غوسلى قىلىش پۈتۈن بەدىننى يۇيماق دىمەكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىدەك.
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق (يەنى ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسي ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرۇلۇق) سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەيز زىيانلىقتۇر (يەنى ھەيز مەزگىلىدە جىنسي ئالاقە قىلىش ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسىگە زىيانلىقتۇر)، ھەيز مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، (ھەيزدىن) پاك بولغۇچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا، ئۇلارغا ﷲ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار». ﷲ ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.  (ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ.سۈرە بەقەرە 222- ئايەت. (بۇنىڭدىن مۇشۇ ۋاقىتتا يۇيۇنۇشنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.)

      مەنىينىڭ شەھۋەت بىلەن قىچىپ كىتىشى

     ئەر ياكى ئايال كىشى چۈشىدە ياكى ئويغانغان (ئويغاق) ۋاقتىدا مەنىي شەھۋەت بىلەن چىقىپ كەتسە ، ئۇنداقتا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ فىقھىشۇناس ئالىملارنىڭ سۆزىدۇر. ئەبۇ سەئىد ئىيىتتىكى    ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ : ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى ھەقىقەتكە ئىنتىلىشتىن خىجىل بۇلماسلىققا بۇيرۇيدۇ، شۇڭا مەن ئۆزلىرىدىن ئەگەر ئاياللار ئېھتىلام بۇلۇپ قالسا ، چۇقۇم يۇيۇنىشى كىرەكمۇ ياكى ئەمەسلىكىنى سورىماقچى ئىدىم ، دىگەندە ، رەسۇلۇلاھ  (س ئە ۋ )  :‹‹ ئۇ مەنىنى كۆرۈپتىمۇ ؟ ›› دەيدۇ ، ئۇممۇ سۇلەيم يۈزىنى يۆگىۋېلىپ تۇرۇپ : ئى رەسۇلۇللاھ ، ئايال كىشى ئېھتىلام بۇلسىمۇ مەنى كىلەمدۇ ؟ دېگەندە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :‹‹ ھەئە ، سەن ھەقىقەتەن سەمىمىي ئىكەنسەن . ئەگەر ئۇنداق بۇلمىسا ، بالىسى قانداقمۇ ئانىسىغا ئوخشىسۇن؟ ›› دەپ جاۋاپ بەرگەن. ( بۇ مەنىي قۇيۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ چۇقۇم يۇيۇنىشى كىرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.)
   
       ( ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر يۇيۇنماقچى بۇلسا قولىنى يۇيۇشتىن باشلايتتى، ئاندىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى،ئاندىن كىيىن ئالقىنى بىلەن سۇ ئېلىپ چاچلىرىنىڭ ئارىسىنى ئۇۋىلايتتى ، ئاندىن ئىككى قولىغا ئۈچ ئۇچۇم سۇ قويغاندىن كىيىن پۈتۈن بەدىنىنى يۇياتتى . (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)

      ( ئەگەر غوسلى قىلماقچى بۇلسىڭىز ئەڭ ئاۋال نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالىسىز. (ئەگەر داستا يۇيۇنماقچى بۇلسىڭىز نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ پەقەت پۇتىڭىزنى يۇيماي  ،پۈتۈن بەدىنىڭىزنى  يۇيۇپ  بۇلغاندا ، داستىن چىقىپ ئاندىن  ئەڭ ئاخىرىدا پۇتىڭىزنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيىسىز. ئەگەر يۇيۇنغاندا ، سۇ چۈشۈپ كىتىدىغان مۇنچىدەك تۈزلەڭلىكتە يۇيۇنسىڭىز نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئىلىپ پۇتىڭىزنىمۇ قۇشۇپ يۇيىسىز.)    ئاندىن بېشىڭىزنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باشلاپ سۇ قۇيىسىز.ئالقىنىڭىز بىلەن سۇ ئېلىپ چاچلىرىڭىزنىڭ ئارىسىنى ئۇۋىلايسىز. ئاندىن يەنە ئوڭدىن باشلاپ پۈتۈن بەدىنىڭىزنى يۇيىسىز ، خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرىقى ھەدىسىدە يۇيۇنغىنىغا ئوخشاش.)


     مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بەرگەن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قولى بىلەن سۇنى سول قولىغا قۇيۇپ  قولىنى يۇيغاندىن كىيىن  ئىستىنجا قىلغان ، ئاندىن كىيىن قولىنى يەرگە ئۇرۇپ ، توپا بىلەن قولىنى سۈرتكەندىن كىيىن ، قولىدىكى توپىنى يۇيىۋىتىپ ئاغزىنى چايقىغان ، ئارقىدىن بۇرنىنى چايقىغان ، ئاندىن يۈزىنى يۇغان ، ئاندىن كىيىن سۇنى بېشىغا قۇيۇپ يۇيۇنغان ، يۇيۇنۇپ بۇلغاندىن كىيىن ئورنىدىن يۆتكىلىپ ئىككى پۇتىنى يۇغان ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر لۆڭگە سۇنۇپ بىرىلگەندە ، ئۇ ئۇنى بەدىنىدىكى سۇنى سۈرتىشكە ئىشلەتمىگەن. (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر (س ئە ۋ ) ئەلەيھىسسالام جۇنۇپ بۇلۇپ يۇيۇنماقچى بۇلسا ، سۈت ساغىدىغان كومزەك ( ياكى كوزا) تەك ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش قاچىغا سۇ تەييارلايتتى، ئاندىن بىر قولى بىلەن سۇ ئېلىپ ، ئاۋال بېشىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ، ئاندىن سول تەرىپىنى يۇياتتى. ئاندىن كىيىن ئىككى قولى بىلەن سۇ ئېلىپ بېشىنىڭ ھەممە يىرىنى يۇياتتى. (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)

      بىز بۇيەردە يۇقىرىقى يۇيۇنىش ھۆكۈمىگە چۈشمەيدىغان تۈرلىرىنى سۆزلەيمىز.
      1.ئەگەر مەنىي شەھۋەت بىلەن ئەمەس بەلكى كىسەللىك ياكى قاتتىق سۇغۇقنىڭ تەسىرىدىن چىقىپ كەتسە يۇيۇنۇش ۋاجىپ بۇلمايدۇ.
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بايان قىلىنىشچە رەسۇلۇللاھ(س ئە ۋ ) مۇنداق دىگەن : ‹‹ ئەگەر مەنىي شىددەت بىلەن چىقسا ، يۇيۇنغىن›› ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان .
      مۇجاھىد : بىز ئىبنى ئابباس قاتارلىق ساھابىلەردىن مۇنداق رىۋايەت قىلدۇق .تاۋۇس ، سەئىد ئىبنى جەبىر ۋە ئەكرەمەلەر مەسجىتتە چۆرىدەپ ئولتۇرغان ئىدى.
ئىبنى ئابباس ناماز ئوقۇۋاتاتتى . شۇ چاغدا بىر ئەر يېنىمىزغا كىلىپ : پەتىۋا بەرگۈچى بارمۇ دىدى. بىز: سورىغىن دىدۇق. ئۇ:- مەندىن دائىم سۇ(مەنىينى دىمەكچى) ئېتىلىپ چىقىدۇ دىدى.  بىز:-ئۇ بالا بولىدىغان سۇمۇ ؟ دىدۇق.    ئۇ :- ھەئە دىدى.   بىز ئۇنىڭغا :  - ئەمسە سەن يۇيۇنىشىڭ كىرەك دىدۇق .  
ئۇكىشى  قايتىش ئۈچۈن كەينىگە بۇرۇلدى .  ئىبنى ئابباس ( بۇ كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ) نامىزىنى ئالدىراپ ئوقۇدى.  ئاندىن ئەكرەمەگە(   پەتىۋا سورىغان ) ئەر توغرىسىدا سۆزلىدى. ۋە بىزگە قاراپ : - بۇ ئەرگە بەرگەن پەتىۋالىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ كىتابدا كۆردۇڭلارمۇ ؟ دىدى.  بىز:-ياق دىدۇق.  ئۇ : - ئەمىسە رەسۇلۇللاھ (س ئە ۋ ) دىن ئاڭلىغانمۇ ؟ دىدى.  بىز : -  ياق دىدۇق. ئۇ :- ئەمسە رەسۇلۇللاھنىڭ (س ئە ۋ ) ساھابىللىرىدىن ئاڭلىغانمۇ ؟ دىدى.   بىز:- ياق دىدۇق.    ئۇ:- ئۇنداقتا رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسىدىن ئاڭلىغانمۇ ؟ دىدى.  بىز :- ھازىر ئاڭلىماقچى  دىدۇق .  ( ئىبنى ئابباس مۇشۇ چاغدا ) ئاشۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ (س ئە ۋ ) نىڭ ‹‹ شەيتان بىر فىقھى شۇناسقا ( پەتىۋا بەرگۈچىگە ) مىڭ بەندىگە ئۆچمەنلىك قىلغاندىنمۇ بەكەرەك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ ›› دىگەن ھەدىسىنى بايان قىلدى.
      ھىلىقى پەتىۋا سورىغۇچى ئەر ئىبنى ئابباسنىڭ يېنىغا كەلدى. ئىبنى ئابباس ئۇ كىشىگە قاراپ :- سەن ئاشۇنداق  سۇ (مەنىي)  كىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزۈڭدە شەھۋەت ( ھۇزۇرلىنىش ، ھىسياتى قوزغىلىش ) ھىس قىلامسەن ؟  دىدى.
ئۇ ئەر :- ياق دىدى.  ئىبنى ئابباس :- بەدىنىڭدە ھۇشسىزلىنىش ، بۇلامدۇ ؟دىدى.   ئۇ :- ياق دەپ جاۋاپ بەردى. ئىبنى ئابباس : - بۇ بۇلسا قاتتىق سۇغۇقتىن بۇلغان . بۇنداق چاغدا ساڭا تاھارەت ئېلىش جائىز بولىدۇ دىدى.

      2. ئەگەر ئېھتىلام بۇلۇپ ، مەنىي قۇيۇپ بەرمىسە يۇيۇنۇش بۇلمايدۇ.ئىبنى مۇنزەر :  ئېھتىلام بۇلۇپ ، مەنىي قۇيۇپ بەرمىسە يۇيۇنمايدىغانلىقى  توغىرىسىدا ئالىملارنىڭ ھەممىسى بىرلىككە كەلگەن .دىگەن .  بېشىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ئايال كىشى ئېھتىلام بۇلسا يۇيۇنامدۇ دىيىلگەندە ، ‹‹ ھەئە ، ئەگەر سۇ كۆرسىڭىز( يەنى يۆللۈك ، نەملىك دىمەكچى) يۇيىنىسىز ›› دىيىلگەن ھەدىستە  ئېھتىلام بۇلۇپ قالغان كىشىنىڭ سۇ كۆرمىسە يۇيۇنمايدىغانلىقى دەلىل بۇلىدۇ . ( بۇ ھەدىس بىرلىككە كەلگەن ھەدىس) . لىكىن ئويغانغاندىن كىيىن مەنىي چىقىپ كەتسە ، ئۇچاغدا يۇيۇنىش ۋاجىپ بۇلىدۇ.

     3. ئەگەر چۈشىدىن ئويغانغاندىن كىيىن يۆللۈكنى تېپىپ ، ئېھتىلام بۇلغانلىقىنى ئەسلىيەلمىسە ،ئۇ يۆللۈكنىڭ مەنىي ئىكەنلىكى ئىنىق بۇلسا چۇقۇم يۇيۇنىشى كىرەك.. ئەگەر ئۇ يۆللۈكنىڭ مەنىيمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ دەپ شەكلىنىپ قالسا ياكى بىلەلمىسە ، ئېھتىيات ئۈچۈن يۇيۇنىشى كىرەك.
مۇجاھىد ۋە قىتادەھ مۇنداق دىگەن : سۇ (مەنىي) ئېتىلىپ چىقمىسىلا  سەك - شۈبھىسىزلا يۇيۇنۇش بۇلمايدۇ . پاكىزلىق بۇلمىسا  ئەلۋەتتە  دائىم شەك بولىدۇ.

     4. شەھۋىتى قوزغىلىپ  ، مەنىينىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلغاندا ، زەكەرىنى تۇتىۋىلىپ ، مەنىينى قۇيۇپ بەرمىسە يەكى مەنىي چىقىپ كەتمىسە ، يۇيۇنۇش بۇلمايدۇ . لىكىن ماڭغاندا ، ياكى ماڭسا مەنىي چىقىپ كەتسە (چۇقۇم ) يۇيۇنىشى كىرەك بولىدۇ.

    5. ئەگەر نامازئوقۇۋاتقان  ۋاقتىدا كىيىمىدە مەنىي كۆرۈپ قالسا ، لىكىن ئۇ مەنىينىڭ قاچان  چىقىپ قايسى ۋاقىتتا قېلىپ قالغانلىقىنى بىلەلمىسە ، چۈشىدىن ئويغانغاندىن كىيىنكى ئوقۇغان نامىزىنى قايتىلاپ ئوقۇيدۇ. ئەگەر ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى ئۇ مەنىي ئىزىنى كۆرۈپ قالسا ، چۈشكە يېقىن ۋاقىتتا ئوقۇغان نامازلىرىنى قايتىلاپ ئوقۇش زۆرۈر بولىدۇ.

     ئىككى خەتنىگاھنىڭ ئۇچرىشىشى .
         
          زەكەرنىڭ بەتلىمىسى ( ئۇچى) ئايالنىڭ فەرجىگە ( جىنسىي ئەزا ) كىرسە ، ۋە چوڭقۇر پاتۇرۇش  بۇلمىسىمۇ يۇيۇنۇش ۋاجىب بولىدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋە جەللىنىڭ (( ئەگەر سىلەر جۇنۇپ بۇلساڭلار ، جۇنۇپلۇقتىن پاكلىنىڭلار )) دىيىلگەن   سۆزىدە يۇيۇنۇش زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىلگەن .
شافىئىي  : ئەرەپلەرنىڭ سۆزىدە ئىنزال بۇلمىسىمۇ ( خەتنىگاھنى ئايالىنىڭ فەرجىگە چوڭقۇر پاتۇرۇش ) ئەمەلىيەتتە جىما قىلسىلا جۇنۇپلۇقنىڭ ھۆكۈمىگە چۈشىدۇ.  پالانى ئايالىغا ئىنزال قىلمىسىمۇ  ( خەتنىگاھنى چوڭقۇر پاتتۇرمىسىمۇ ) جۇنۇپ بۇلۇپتۇ .دەپ سۆزلەنگەنگە ئوخشاش . ھىچ بىر كىشى  ،  ئىنزال قىلمىسىمۇ ، زىنانىڭ تېرە بىلەن (خەتنىگاھلارنى دىمەكچى) بولىدىغانلىقىغا ئىختىلاپلاشمايدۇ . دىگەن.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ‹‹ئەگەر كىشى ئايالىنىڭ قول - پۇتلىرى ئارىسىغا كىرىپ ( ياكى بىر كىشى ئايالى بىلەن پۇت - قوللىرىنى چىرماشتۇرۇپ ) تۇرۇپ ئايالىغا كۈچىگەن بۇلسا ، چۇقۇم يۇيۇنىشى لارىم .›› ( يۇيۇنىشى ۋاجىپ بۇلىدۇ). ئەھمەد ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان . ( بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىممۇ بىرلىككە كەلگەن ، رىۋايەت قىلغان ھەدىستۇر.)
سەئىد ئىبنى مۇسەيىبتىن رىۋايەت قىلىنىشچە : ھەقىقەتەن ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا : - مەن سىزدىن بىر نەرسە سوراي دىگەن ، ئەمما سىزدىن خىجىل بۇلدۇم دىگەندە ،  ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا :- سوراڭ ، مەندىن خىجىل بۇلماڭ .مەن سىزنىڭ ئانىڭىز دىگەن . ئۇ:- بىر ئەرنىڭ ئايالىنىڭ فەرجىگە كەلگەن ( جىماقىلىشنى كۆرسىتىدۇ) ئەمما ئىنزال قىلمىغان ( خەتنىگاھنى چوڭقۇر چۆكتۈرمىگەن) كىشى توغىرىسىدا سورايدۇ .   ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر (س ئە ۋ ) ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان مۇنۇ ھەدىسىنى دەيدۇ. ‹‹ ئەگەر ئىككى خەتنىگاھ ئۇچراشسا چۇقۇم يۇيۇنىشى ۋاجىب بۇلىدۇ ›› ئەھمەد  ،مالىك ، ھەرخىل لەفزى بىلەن رىۋايەت قىلغان .
ئەگەركىرگۈزگەن (  مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ) بۇلسا چۇقۇم يۇيۇنماقتىن باشقا ئامال يوق .ئەگەر كىرگۈزمەي سىلىغان ، تۇتقان بۇلسا  ھىچقايسىسىغا يۇيۇنۇش يۇق.
   
    ھەيىزدىن پاك بۇلغاندا ۋەنىپاستىن پاك بۇلغاندا يۇيۇنۇش
  
       (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن ھەيز توغرۇلۇق (يەنى ھەيزدار ئايال بىلەن جىنسي ئالاقە قىلىشنىڭ دۇرۇسلۇقى ياكى دۇرۇس ئەمەسلىكى توغرۇلۇق) سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «ھەيز زىيانلىقتۇر (يەنى ھەيز مەزگىلىدە جىنسي ئالاقە قىلىش ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسىگە زىيانلىقتۇر)، ھەيز مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار، (ھەيزدىن) پاك بولغۇچە ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، پاك بولغاندا، ئۇلارغا ﷲ بۇيرۇغان جايدىن يېقىنچىلىق قىلىڭلار»سۈرە بەقەرە 222-ئايەت .
رەسۇلۇللاھ (س ئە ۋ ) ئەبۇ جەھىشنىڭ قىزى فاتىمەگە : ‹‹ ھەيىز كۈنلىرىڭىزدە ناماز ئوقۇماڭ، ساقايغاندىن كىيىن ئاندىن يۇيۇنۇڭ ۋە ناماز ئوقۇڭ.›› دىگەن . بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر.
     ( ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇپ بۇلغاندىن كىيىن ، فەرجىدىن قىزىل خۇن كىلىشى نىفاسلىق دىيىلىدۇ . بۇنداق ئايال نىفاسدار ئايال دىيىلىدۇ. ئاياللار بالا تۇغۇپ بۇلغاندىن كىيىن ، فەرجىدىن قىزىل خۇن كىلىشتىن توختىغان  ۋاقتىدايۇيۇنىشى ۋاجىب بۇلىدۇ.  يۇيۇنۇپ پاكلانغاندا ، ئاندىن باشقا ئىشلارنى قىلىدۇ . مەسىلەن ناماز ئوقۇش ،جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ، قۇرئان ئۇقۇش دىگەندەك .ئادەتتە ئاياللارنىڭ نىفاستىن ساقىيىشى ئېزى 40 كۈن كۆپى 60 كۈن ئەتىراپىدا بۇلىدۇ، بەزىدە 40 كۈندىنمۇ ئاز ۋاقىتتا نىفاستىن پاكلىنىدۇ.)

       مۇنبىرىمىزدىكى سۆيۈملۈك قېرىنداشلار بۇنى سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن  ئىشەنچىلىك بۇلغان  (( فېقھۇل سۇننەھ )) دىگەن كىتابنىڭ 44-45-46 - بەتلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى .  تەرجىمە جەريانىدا  بەزى گەپلەرنى سىلىق ، يۇشۇرۇن دىيىشكە تېرىشتىم . بەزى سۆزلەرنى سىلەرنى چۈشەنمەي قالمىسۇن دەپ  يالاڭ تىرناق ئىچىگە سۆزلەرنىڭ  چۈشەندۇرۈلىشىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ قۇيدۇم . لىكىن ئۇقۇش جەريانىڭلاردا بەزى سۆزلەر ئۇچۇق دىيىلىپ كىتىپتۇ دەپ ئويلاپ قالغان بۇلساڭلار مىنى  ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ، بۇ يازمامنى توغرا پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئەسەرنىڭ ئوتتۇرىغا يۇيۇنۇش توغىرىسىدا چۈشەنچە ۋە ھەدىسلەرنى قىستۇرما قىلدىم  . ئۇيەر بۇ تەرجىمە قىلنغان كىتاپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇ كىتاپتا ئۇ يەرلەر يوق. قېرىنداشلار سىلەرگە بۇنچىۋالا چۈشەندۈرۈپ كىتىشىمدىكى سەۋەپ ئەسلى كىتاپ يازغان ئاپتۇرنىڭ يازمىسىغا ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈندۇر . دۇئالىرىڭلاردا دۇئا قىلىپ قۇيىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىق بەرسۇن دەپ قېرىندىشىڭلار لوتفىيەدىن.


ۋاقتى: 2014-2-28 18:21:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن رەھمەت


ۋاقتى: 2014-3-1 22:35:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ ئىزدىنىپسىز رەھمەت .مەنمۇ بۇرۇن بىلەلمىگەن  ئىشلارنى بىلىۋالدىم.


ۋاقتى: 2014-3-7 17:54:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇ مۇنبەرگىمۇ ئەزا بۇلىۋالدىم دەڭ.ئاللاھ رازى بولسۇن سىزدىن .


ۋاقتى: 2014-3-9 01:34:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇشۇنداق ياخشى تىما يوللاپسڭز رەخمەت ...قولىڭىزغا دەت كەلمڭسۇن.. ئاللا رەھمەت قڭلسۇن قىرىندىشىم رەخمەت سىزگە  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش