ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1551|ئىنكاس: 3

جۇنۇپلۇق ۋە قانداق يۇيۇنۇش توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلسىھەت  مۇنبىرىدىكى سۆيۈملۈك دوستلار قانداق ئەھۋالىڭلار ؟ ئەزىز تېنىڭلار سالامەتمۇ؟ سىلەرگە يەنە بىرقانچە ھەدىس ئېلىپ كەلدىم . ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

      ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپ بۇلۇپ قالغاندا ئوخلىماقچى بۇلسا، ئىستىنجا قىلىپ نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى.

     ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مىنىڭ دادام ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن : بىر كىشى جۇنۇپ بۇلۇپ قالغاندا ئۇخلىسا بولامدۇ ؟ دەپ سورىغاندا ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :‹‹ تاھارەت ئېلىپ ئۇخلىسا بولىدۇ ›› دەپ جاۋاپ بەرگەن .

    ئابدۇللاھ ئىبنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كىچىسى جۇنۇپ بۇلۇپ قالسا قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى سورىغاندا ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :‹‹ تاھارەت ئېلىپ ھەم ئەۋرىتىڭنى يۇيۇۋىتىپ ئۇخلىساڭ بولىدۇ ›› دىگەن.

    ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىلىپ : ئاللاھ تائالا كىشىلەرنى ھەقىقەتكە ئىنتىلىشتىن خىجىل بۇلماسلىققا بۇيرۇيدۇ، شۇڭا مەن ئۆزلىرىدىن ئەگەر ئاياللار ئېھتىلام بۇلۇپ قالسا ، چۇقۇم يۇيۇنىشى كىرەكمۇ ياكى ئەمەسلىكىنى سورىماقچى ئىدىم ، دىگەندە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :‹‹ ئۇ مەنىنى كۆرۈپتىمۇ ؟ ›› دەيدۇ ، ئۇممۇ سۇلەيم يۈزىنى يۆگىۋېلىپ تۇرۇپ : ئى رەسۇلۇللاھ ، ئايال كىشى ئېھتىلام بۇلسىمۇ مەنى كىلەمدۇ ؟ دېگەندە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :‹‹ ھەئە ، سەن ھەقىقەتەن سەمىمىي ئىكەنسەن . ئەگەر ئۇنداق بۇلمىسا ، بالىسى قانداقمۇ ئانىسىغا ئوخشىسۇن؟ ›› دەپ جاۋاپ بەرگەن.

          ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەگەر يۇيۇنماقچى بۇلسا قولىنى يۇيۇشتىن باشلايتتى، ئاندىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالاتتى،ئاندىن كىيىن ئالقىنى بىلەن سۇ ئېلىپ چاچلىرىنىڭ ئارىسىنى ئۇۋىلايتتى ، ئاندىن ئىككى قولىغا ئۈچ ئۇچۇم سۇ قويغاندىن كىيىن پۈتۈن بەدىنىنى يۇياتتى .

     مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بەرگەن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قولى بىلەن سۇنى سول قولىغا قۇيۇپ  قولىنى يۇيغاندىن كىيىن  ئىستىنجا قىلغان ، ئاندىن كىيىن قولىنى يەرگە ئۇرۇپ ، توپا بىلەن قولىنى سۈرتكەندىن كىيىن ، قولىدىكى توپىنى يۇيىۋىتىپ ئاغزىنى چايقىغان ، ئارقىدىن بۇرنىنى چايقىغان ، ئاندىن يۈزىنى يۇغان ، ئاندىن كىيىن سۇنى بېشىغا قۇيۇپ يۇيۇنغان ، يۇيۇنۇپ بۇلغاندىن كىيىن ئورنىدىن يۆتكىلىپ ئىككى پۇتىنى يۇغان ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىر لۆڭگە سۇنۇپ بىرىلگەندە ، ئۇ ئۇنى بەدىنىدىكى سۇنى سۈرتىشكە ئىشلەتمىگەن.

يۇقىرىقى ھەممە ھەدىسلەرنى ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان سەھىھ ھەدىسلەربۇلۇپ ‹‹ ھەدىس-شەرىفتىن ئۈنچە - مارجانلار›› دىن ئېلىندى .  توغرا پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .  قېرىندىشىڭلار لوتفىيەدىن .
ۋاقتى: 2014-4-10 22:15:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمكەن ،كۆپلەپ يوللاپ تۇرغايسىز

باھا سۆز

رەھمەت سىزگە.  ۋاقتى: 2014-4-12 09:59
ۋاقتى: 2014-4-14 22:17:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن ، رەخمەت . كۆپلەپ يوللاپ تۇرغايسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش