جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىشچە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جامائەت بىلەن بىللە كەئبىگە تاش يۆگەۋاتاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئىشتان كىيىۋالغان ئىدى.تاغىسى ئابباس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا : بالام ئىشتىنىڭنى مۆرەڭگە قۇيۇپ ، ئاندىن تاشنى كۆتۈرگىن ،دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشتىنىنى مۆرىسىگە قۇيۇۋالدى.تۇيۇقسىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇشىدىن كىتىپ يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. شۇنىڭدىن كىيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يالىڭاچلانغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدۇق.
ئەبۇ سەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىشچە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادەم ئەۋەتىپ ، بىر ئەنسارنى چاقىرىتقان ، ئۇكىشى يىتىپ كەلگەندە، بېشىدىن سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا :‹‹بىز سېنى بەك ئالۋىرىتىپ قۇيغان ئوخشايمىز!)) دېۋىدى. ئۇ كىشى شۇنداق دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:‹‹ ناۋادا سەن جىددى ئىشقا يۇلۇققاندا نەپسىڭنى ( جىنسىي ھەۋىسىڭنى ) بېسىۋىلىپ مەنىنى قۇيۇپ بەرمىگەن بۇلساڭلا ، تاھارەت ئېلىۋەتسەڭلا بولىدۇ)) دىدى.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :‹‹ئەگەر كىشى ئايالىنىڭ قول -پۇتلىرى ئارىسىغا كىرىپ ( ياكى بىر ئەركىشى ئايالى بىلەن قول - پۇتلىرىنى چىرماشتۇرۇپ) تۇرۇپ ئايالىغا كۈچىگەن بۇلسا ، چۇقۇم يۇيۇنىشى لازىم ( غوسلى ۋاجىپ .گەرچە ئەركىشى مەنىي قۇيۇپ بەرمىسۇمۇ).
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇندائق دەيدۇ : مەن دائىم مەزى ئېقىپ قالىدىغان ئادەم ئىدىم. بۇ ئىش توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن خىجىل بۇلۇپ ، مىقداد ئىبنى ئەسۋەدنى سوراپ كىلىشكە ئەۋەتتىم ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :‹‹كىچىك تاھارەت ئالسا كۇپايە ›› دەپتۇ.
كىيىمدىكى مەنىي (ئىسپىرما)ئېزىنى يۇيىۋىتىش توغىرىسىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سورىغاندا ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ : مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنىڭ كىيىمىدىكى مەنىي ئىزىنى يۇيۇپ بەردىم . ئۇ ئۇنى كىيىپ ناماز ئوقۇغىلى كەتتى. ئو چاغدا كىيىم تېخى قۇرۇمىغان ئىدى.
ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر ئايال كىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىدى : ئەگەر كىيىمىگە ھەيىز دېغى يۇقۇپ قالسا قانداق قىلىمىز ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ‹‹ قولىدا ئۇۋىلاپ ، سۇ قۇيۇپ ئۇۋىلاپ ، كىيىن سۇدا پاكىز چايقاپ ئاندىن كىيىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ ›› دىدى.
ئەسكەرتىش : يۇقىرىقى ھەممە ھەدىسلەرنى ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان سەھىھ ھەدىسلەربۇلۇپ ‹‹ ھەدىس-شەرىفتىن ئۈنچە - مارجانلار›› دىن ئېلىندى . توغرا پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . لوتفىيەدىن.
بۇيەرگىمۇ مەرھەممەت قىلىپ قۇيۇڭ.