ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 1

قىچا مېيى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەييارلاش ئۇسۇلى: سىقىش ماشنىسى ئارقىلىق ئېلىنىدۇ.
     تەركىبى:  سنېگىرىندىن، قىچا ئېنزىمى، مىروزىن، قىچا كىسلاتاسى، قىچا ئالكالوئىدى، خاسىڭ كسلاتاسى، ماي، ئاقسىل ۋە شىلمىشىق ماددىلار بار.
     تەبىئىتى: تۆتىنچى  دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
     خۇسۇسىيتى:تېرىنى قىزارتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىش، سۇلۇق ئىششىقىلارنى قايتۇرۇش، بەھەق(قارا داغ)، بەرەس(ئاق كېسەل)، تەمرەتكە، چاچ چۈشۈپ كېتىش، قىچىشقاقنى يوقىتىش، ھەزىم قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە قۇستۇرۇش، ئەپيۇن زەھىرىنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيتىگە ئىگە.
      ئىشلىتىلىشى: قۇلاق ئاغرىقى، پالەچ، لەقۋا ، سوغۇقتىن بولغان مېڭە كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
      ئىشلىتىلىشى ئۇسۇلى:  قىچا مېيىنى قۇلاققا تېمىتسا، توسالغۇلارنى ئېچىپ ئاغرىق پەسەيتىدۇ. يەرلىك ئورۇنغا سۈركىسە، تېرىلەرنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، پەي ۋە نېرۋىلارنىڭ سوۋۇپ كېتىشىگە سىرتتىن مايلىسا، ئىچىدىن مۇۋاپىق ئىچۈرسە بولىدۇ. مېيىنى سۇغا ئارلاشتۇرۇپ كىندىككە چېپىپ ئۈستىدىن ئىسىىق ئۆتكۈزۈلسە، تەرلىتىپ زۇكامنى ساقايتىدۇ. پالەچ ئۈچۈن سىرتتىن مايلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.بەدەن سەزمەس بولۇپ قالغان بەل، تىز ۋە ئىچكى ئەزالار ئاغرىپ، ئىششىپ قالغاندا، قىچا مېينى سىركە، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چاپسا تېرىنى قىزارتىپ، قان تۇمۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئېقىمىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىچكى ئەزالاردىكى ئاغرىقنى توختىتىدۇ

مەنبەنى بىلمەيمەن . ساقلىۋالغانلىرىمدىن قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن ئەكەلدىم.


ۋاقتى: 2014-2-22 12:55:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت   ياخشى بىلىم بوپتۇ!  راستىنى دىسەم  مەنمۇ قېچا مېيىنى بەك ئىشلەتمەيدىكەنمەن.  ئەمدى ئىشلىتىپ باقسام بولغۇدەك.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش