ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابىتى

جەمئىي مىكروبلوگ 173 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2798|ئىنكاس: 17

تىۋىپ ۋە تىۋىبەلەر بۇ ئۇكۇمىزنى بىر داۋالاپ باقامدۇق؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۈگۈن بىر ئايالنىڭ يىغىسى يۈرۈكۈمنى ئەزدى. ھالغا يىتەي دىسەم كۈزۈم تازا يەتمىدى. قېنى بىر ئورتاقلىشىپ باقايلى.
بىمارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى: بىمار  10 ياش، ئوغول، 8 يىل بۇرۇن يەنى 2 ياش ۋاختىدا يىقىلىپ چۈشۈپ شۈك ئالامىتى كۈرۈلگەن بۇلۇپ ئاتا-ئانىسى سەلقاراپ تەكشۈرتمىگەن. 7 ئايدىن كىيىن بالىدا تارتىشىش، ھەس - ھۇشىنى يۇقۇتۇش ئالامىتى كۈرۈلگەن بۇلۇپ ھەرقايسى دەرجىلىك دوختۇرخاندا تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش نەتىجىسىدە ياخشىلانغاندەك بولغان. لىكىن ئىقتىساد مەسلسى تۈپەيلىدىن داۋالىتالماي قالغان. بالا گەرچە 10 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لىكىن ئەقلى ئىقتىدارى شۇ 2 ياشلىق بادەك بۇلۇپ ئانا، دادا دىگەن گەپتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. تۇمۇرنى تۇتقاندا بالنىڭ مىزاجى سەۋدانى ئاساس قىلغان، لىكىن ئاغزىدىن شۇلگەي ئېقىپ تۇرىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ‹ مىڭە قانتۇمۇرلىرى تارايغان ھەم بىر غول قانتۇمۇر چاپلىشىپ قالغان› دىيىلگەن.  ئىقتىساد تۈپەيلى بۈگۈنگە قەدەر داۋالنالمىغان بالنىڭ ئانىسى يېقىندا مەن داۋالغان بىر بىمار ئارقىلىق مىنى ئىزلەپ كىلىپ بالسنى داۋالاتقۇسى بارلىقنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى. ‹ مۇمكىن بولسا داۋالاپ بەرسىڭىز، بۆرىكىمنى سېتىپ بولسىمۇ بۇ بالامنى ساقايتسام دەيمەن› بۇ بىر ئانىنىڭ بالغا بولغان مىھرى يىغىنچاقلانغان سۆز بولسا كىرەك.
رەت قىلىشقا ئاغزىم بارماي 3 كۈنلۈك مۆھلەت سۇرىدۇم. كەسىپداشلار بولسا بۇ ئىنىمىزنى بىرلىكتە بىر داۋالاپ باقساق. مىنىڭ داۋالاش لاھىيەم مۇنداق: سەۋدا خلىتىنىڭ مۇنزىچىنى بىرىش بىلەن بىرگە مەجۈنى نۇجاھ، داۋائى مىشكى بىرىپ ماددا پىشقاندىن كىيىن شەربىتى ئۇستىقۇددۇس تەييارلاپ بىرەي دەيمەن. قانتۇمۇر كىڭەيتكۈچى دورىلاردىن ئەھۋالغا قاراپ ئىشلەتسەم بۇلامىكىن دەيمەن.
ئەندىشەم: بىمارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى مۇرەككەپ بولمىسىمۇ لىكىن ۋاقىت ئۇزىراپ كەتكەن،  ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىلار سەل ئاچچىق ئىستىمال قىلىشى تەس بۇلامۇ؟   سىلەرچە بۇ خىل كىسەللىكنى داۋالاپ ئۈنىمىنى كۆرگىلى بۇلامۇ؟
بولسا ھەرقايسى مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىپ ياخشىراق بىر داۋالاش لاھىيەسى تاپساق بۇلاتتى. ئەگەر ئاراڭلادا بۇخىل ئەھۋال ئۇچىراپ ھەل قىلغان ھەكىم ۋە ھەكىمەلىرمىز بولسا ئادىرسىڭلارنى قالدۇرساڭلا بىمارنى ئەۋەتسەممۇ بۇلىدۇ.


ۋاقتى: 2012-5-3 21:30:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن ، تىۋىپ دوستلار مەسلەھەتىنى ئايىمىغاي بۇ بالىغا.


ۋاقتى: 2012-5-4 18:17:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىباھا يوللىغان ۋاقتى  2012-5-3 21:30
ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن ، تىۋىپ دوستلار مەسلەھەتىنى ئاي ...

ئاللاھ شىپاھلىق بەرسۇن دەسلەپكى لاھىيەگە مۇنزىچ ، ئاساس باشقا دۇرىنى قۇشۇمچە قىلىپ خۇشپۇراق ئىسسىق تەبىئەتلىك دۇرىنىڭ پۇرىقىدىن پايدىلىنىشىڭىزنى شۇنداڭلا نېرۋا تۈگۈنلىرىنى پەيمۇسكۇللىرىنى يۇمشتقۇچى ئۇزۇقلاندۇرغۇچى ئىسسىقلىق يەتكۇزگۇچى مايلاربىلەن مايلاپ بىرىشنىمۇ بىرگە قوللانساق 15كۇن بىلەن بىر ئاي ئەتراپڭدا شۇدۇرىلارنى ئىشلىتىپ قالغىنىنى بىماردا كۈرۈلگەن ئۆزگۈرۈشكە قاراپ چارە قىلساق ياخشى بۇلامدىكىن دەپ ئويلىدىم يەنە بىمارنىڭ ئائىلە تاۋاباتىغا تۇللۇق يېقىندىن ياردەمدە بۇلۇپ دۇرا يىگۈزۈش بىلەن بىرگە پەرھىز شۇنداقلا نېرۋا سېستىمىسىنىڭ غىدىڭلىنىشىغا تۈرتكە بولغۇدەك مۇۋاپىقلىرىنى تاللاپ غىدىڭلىنىشىغا ياردەم بىرىشىنى تەلەپ قىلسىڭىز مۇمكىن بولسا  قۇرۇق يىڭنە سانجىسىڭىز دىگەندەك پىكىرلەرنى بىرەلىدىم  مۇمكىن بولسا كىسەللىك داۋالىنىش  تارىخىدىن بىزنىمۇ خەۋەردار قىلىپ تۇرسىڭىز دىگەن ئۈمۈتتىمەن رەخمەت........


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-4 20:35:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم يوللىغان ۋاقتى  2012-5-4 18:17
ئاللاھ شىپاھلىق بەرسۇن دەسلەپكى لاھىيەگە مۇنزىچ ، ئا ...

رەھمەت قېرىندىشىم.   قۇلۇمدىن كىلىشىچە سەۋەپ قىلىپ باقاي.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-8 14:37:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل 4-مايدىن تارتىپ بۇ ئۇكىمىزنى داۋالاشقا باشلىدىم. بۇ خىل ئەھۋال ئالدىمدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ لىكىن ماتىريال كۈرۈش ۋە قىسمەن تورداشلارنىڭ پىكىرى بۇيىچە دۋالاش لاھىيەسى تۈزدۈم.  بۇ 3 كۈندۈن بۇيان ئىنىمىز ئاچچىق دورىلار بىلەن داۋالىنىۋاتدۇ. ھەزىرقى بىرىلگەن دورىلار مۇنزىچ سەۋدا كۈندە 3 ۋاخ 50 مىللىلىتىردىن. داۋائى مىشكى ھار ئەتتىگەن 10 گىرامدىن، داۋائى مىشكى مۆتىدۈل ئەتتىگەن 10 گىرامدىن ئىستىمال قىلىشقا بىرىلدى. قۇندۇز قەھرىدىن 1 گىرامنى كىندىككە سېلىپ بوينىغا ئېسىلدى. مۇنزىچ باسقۇچىدا شۇنچىلىك قىلالدىم. ياخشى پىكىت يەكلىپ بولسا بەرگەيسىلەر.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-20 17:36:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپتۇ بۇ تىمىنى كوچىلاپ باقمىغلى. بۈگۈن بۇ ئىنىمىزنىڭ ئاپىسى ئالاھىتەن رەھمەت ئېيتقۇلى كىرىپتىكەن خۇشاللىقىمدىن بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. 2012.05.04 كۈنى بۇ ئىنىمىزغا تۇنجى قېتىم دورا ئىشلەتكەندىن تارتىپ 2012.07.21 كۈنى مەجۈنى ھاپىزۇل ئەقىل، مەجۈنى داۋائى مىشكى شىرىن تەييارلاپ بەرگۈچە بپلغان ئارلىقتا كۈندە بۇ ئىنىمىزنىڭ غېمىنى يەپلا يۈرگەن ئەدىم. مانا 2 ئاي ئەتىراپدا بۇ ئىككى خىل دورىنى يەپ ئۇكىمىز ياخشىلىنىپ كىتىپتۇ. گەرچە ئەقلى قابىلىيتى 10 ياشلىق باللاردەك بولمىسىمۇ لىكىن گەپ - سۆز، ئىش - ھەركىتى خېلىلا ياخشىلىنىپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىنى قوللىغان تورداشلار، ياردەمدە بولغان كەسىپداش - ئۇستازلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.


ۋاقتى: 2012-9-24 13:56:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلسىھەت يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 17:36
ئۇزۇن بوپتۇ بۇ تىمىنى كوچىلاپ باقمىغلى. بۈگۈن بۇ ئىنىم ...

بۇ بىمار يۇقاپ كەتكەن چېغى دەپ ئويلىغان ئىدىم خەۋرى كەلمىگەندىكىن ئاللاھنىڭ شىپالىق بىرىشىنى تىلەيمىز دەسلەپ داۋالاش مەسلەھەت لاھىيەسىنى سورىغان بولغاندىكىن بىمارنىڭ ھەرقېتىمدىكى ئۆزگۈرۈشى بىرىلگەن دۇرا ،داۋالاشتا قوللۇنۇلغان ئۇسۇللاردىن ھەممەيلەننى ۋاقىپلاندۇرسىڭىز دىگەن ئۈمۈتتىمەن


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-24 18:57:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 13:56
بۇ بىمار يۇقاپ كەتكەن چېغى دەپ ئويلىغان ئىدىم خەۋرى ك ...

تەپسىلى يازاي دىگەن لىكىن ۋاقىت يار بەرمىدى.


ۋاقتى: 2012-12-5 10:19:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،مىنىڭ بىر سۇئالىم بار،بالا ئورۇقمۇ؟


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-5 10:55:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alsihat-9928 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-5 10:19
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،مىنىڭ بىر سۇئالىم بار،بالا ئورۇقم ...

بالىنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشى نورمال. لىكىن يۇقارقىدەك ئالامەتلەر بار ئىدى. بىر مەزگىللىك داۋالاشتىن كىيىن ياخشىلاندى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش