جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 812|ئىنكاس: 0

جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر توغرىسىدا چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر توغرىسىدا چۈشەنچە  
性传播疾病相关知识  
تۈزگۈچى: ئەمەتجان مۇھەممەت

1-جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى:
نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە  ئاساسلىق ئالدىنى ئېلىپ داۋالاۋاتقان جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تۆۋەندىكىچە:
سۆزنەك 淋病
ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل 尖锐湿疣
سۆزنەك باكتىريەسىدىن بولمىغان سۇيدۇك يولى ياللۇغى 非淋菌性尿道炎
سېبلىس 梅毒
ئەيدىز كسېلى 艾滋病
مىكروبلۇق جىنسى يول ياللۇغى 细菌性尿道炎
جىنسى ئەزا ئەسۋەسى 生殖器疱疹
يۇمشاق شانكىر 软下疳
جىنسى كېسەل خارەكتىرلىك لىمفا گۆش ئۆسمىسى 性病性淋巴肉芽肿
چاتىراق گۆش ئۆسمىسى腹沟股肉芽肿
تامچە قۇرت كېسىلى(毛\滴虫性阴道炎)
دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا،جىنسى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ  يۇقۇملىنىش ۋە كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا،دائىرسى بارغانچە كېڭەيمەكتە.زىيىنىمۇ بارغانچە ئېغىر بولماقتا.
2-تارقىلىش ئالاھىدىلىكى:
(1)جىنس ئايرىمىسى جەھەتتە تارقىلىشى:
ئەرلەردە  كۆپ كۆرىلىدۇ،جىنسى ئەزا قاپارتمىسى ۋە يۇشاق شانكىر ياش قىزلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزدە  قىزلاردىكى جىنسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ئەرلەردىن يۇقىرى بولماقتا،بۇ بالىلار ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلارغا  تېخىمۇ زور تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە.
(2)ياش جەھەتتە تارقىلىشى:
30 ياشتىن يۇقىرىلاردا جىنسى كېسەلنىڭ يۈز بىرىش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ، 20ياشتىن يۇقىرى30 ياشتىن تۆۋەنلەردە جىنسى كېسەلنىڭ يۈز بىرىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆلىمەكتە،1989-يىلدىكى سىتاتىستىكىدا دوكىلات قىلىنغان جىنسى كېسەللەرنىڭ ئومۇمى سانى ئىچىدە  20 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى %83.46بولغان.
(3)رايۇن بويىچە تارقىلىشى:
تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ياكى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە جىنسى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ يۈز بىرىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلەش باسقۇچىدا تۇرماقتا.دۆلىتىمىزدە جەنۇبى ئۆلكىلەردە كۆپ،ئۇندىن قالسا ئاز سانلىق مىللەت رايۇنلىرىدا كۆپ.سىبلىسنىڭ كىسەللىك يۈز بىرىش نىسبىتىدە شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىكى بىمارلارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى باشقا مىللەتلەردىن كۆرىنەرلىك يۇقىرى .
(4)كەسىپ بويىچە تارقىلىشى:
يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى ئومۇمى سان ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولۇپ،تارقىلىشى تېز بولغىنى رېتى بويىچە ئىشسىزلار ياكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار،ئورگان كادىرلىرى ۋە مەمۇرى خادىملاردۇر.
3-يۇقۇم مەنبەسى:
(1)جىنسى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار
(2)ئوخشاش جىنىسلىقلار ياكى ئوخشىمىغان جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى
(3)جىنسى تۇرمۇشى قالايمىقانلار
(4)زەھەر چەككۈچىلەر
4-تارقىلىش يولى:
(1)جىنسى ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىدۇ
(2)قان ئارقىلىق تارقىلىدۇ
(3)ئانىدىن بالىغا تۇغۇت جەريانىدا تارقىلىدۇ
(4)باشقا يوللار مەسىلەن:لۈڭگە،داس،كىيىم-كىچەكلەرنى،ئاممىۋى مۇنچا بويۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ.
5-تارقىلىشدىكى ئامىللار:
ئىجتىمائى ئامىللار ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ.
(1)نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى،سانائەتلىشىشكە قاراپ تەرەققى قىلىش،شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى،نوپۇس يۆتكىلىشنىڭ  تېز بولىشى،قىسمەن دورا ئېلانلىرى،ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى...
جەمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى،ئۈچىنچى كەسىپ(مۇلازىمەت كەسپى)نىڭ ۋە يەككە تىجارەت كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى...
(2) نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى يەنى 15~34 ياشقىچە بولغانلارنىڭ سانىنىڭ تېزدىن ئېشىشى، ئىلمى جىنسى تەربىيەنىڭ كەمچىل بولىشى...
(3)ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققى قىلىپ ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى...
(4)شەكلى ئۆزگەرگەن پاشىۋازلىق،نومۇسىنى سېتىش سورۇنلىرىنىڭ ئېچىلىشى...
(5)زەھەر چىكىش قىلمىشىنىڭ پەيدا بولىشى ۋە داۋاملىشىشى...
(6) پىسخىك ساپانىڭ يۇقىرى بولماسلىقى قاتارلىق ئامىللار...
6-ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتۇرۇل قىلىش:
(1)ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش
(2)پاشىۋازلىق،نومۇسىنى سېتىش ھادىسلىرىنى چەكلەش
(3)جىنسى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مەخسۇس مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى ئاجىرتىش
(4)جىنسى يول بىلەن يۇقۇملىنىشنى توسۇش بىلەن بىرگە باشقا يوللار مەسىلەن:ئاممىۋى ئەسلىھەلەردىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
(5)ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا يەنى جىنسى مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە جىنسى يۇقۇملۇق كىسەللەرگە گىرىپدار بولغۇچىلارغا قارىتا قەرەللىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش.
(6)تويدىن ۋە تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش
مەنبە: قارا ھىجران تورى


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىش

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش