新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 770|ئىنكاس: 1

ئايال ۋە ئاياللىق توغرىسىدا.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاياللىق توغرىسىدا
تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تىز تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلەش ئىچىدە تۇرىۋاتقان ھەربىر ئىنسانغا تەرەققىيات توزانلىرىنىڭ ئاستىدا بۇزىلىۋاتقان ئادەملىرىمىزنىڭ قورقۇنۇچلۇق دەھشەت ئىچىدىكى كۆلەڭگىسى ئۆز تۇرمۇشىدىن تىپىلىش ئىھتىماللىقى بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئايال بولسا ئۆزىگە،ئەر بولسا خوتۇن-قىزلىرىغا ھىزى بولۇشنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن بۇگۈنكى ئەسىرىمنى يىزىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.

ئايال ۋە ئاياللىق توغرىسىدا
ئايال تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەللىك؛جىلۋىدار قىزلىق نازاكەت؛ئاتەشتەك يالقۇنلۇق ،ئىسىل شىېئىردەك قىزغىن،تاغ ھاۋاسىدەك ساپ ،بۇلاق سۈيىدەك چىن،قىزىل گۈلدەك ئىزگۈ مۇھەببەت،چوڭقۇر ئانىلىق مىھىر،شۇنۇڭدەك قەدىناسلارچە ساداقەتنىڭ تەسۋىرى.ئۇ -ئەخلاق گۈلشەنىنىڭ رەناسى.ھايا تونىنىڭ لىباسى،ساداقەت تاجىنىڭ جاۋھاراتى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزگۈ ئەۋرىشىم لاتاپەت ئوبرازىنى ھەربىر شەيئىگە سىڭدۈرۋەتكەن .ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەتكار چوقۇم ئەسىرىگە ئاياللىق ئىستىتىكىسىنى مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ.چۈنكى ئۇ تەڭرى ئاتا قىلغان سەنئەت ئۈلگىسى.ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئاشكارچىلىقتا ئەمەس سىرلىقلىقتا،ئۇنۇڭ گۈزەللىكى ھىسىپتەك ئىشتانلاردا ئەمەس،كەڭ كۇشادە ،راھەت سىرلىق ئورالمىلاردا.ئۇنۇڭ گۈزەللىكى قىتىپ كەتكەن گىرىملاردىكى سۈنئىي چاپلىمىلاردا ئەمەس تەبىئەتنىڭ ئاتا قىلغان تەبىيلىكىدە.چۇنكى تەبىئەت ئۆزى تەبىئىي،ئەسلىدىن يانمىغان تەبىيلىك ئەڭ چىن گۈزەللىك.سۈئىي گۈزەللىكنىڭ ئۆزى ساختىلىق،ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشەنمەي ئۆزىنى كەمسىتكەنلىك،باشقىلارنى ئالدىغانلىق،توغرىسى ئۇ گۈزەللىك ئەمەس بىشەملىك.
ئىچىۋىتىش دەۋرىنىڭ تەرەققىيات تىنمىللىرىدا يالغۇز ئىگىز بىنالار،كەڭ ئاسۋالىت يوللار،ئەقلىئىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلار،ئالى پىكاپ،ئايرۇپىلانلارلا بولماستىن ئاياللىق نازاكەتنىڭ تۇنجىقىشى،قىزلىق ئىپپەتنىڭ ساختىلىشىشى،ئانىلىق مۇھاببەتنىڭ سۇسلىشىشى،قەدىردانلىق ئەخلاقىنىڭ ياتلىشىشىدەك ئاياللىق ئەخلاق كاتوگورىيىسىدىكى ئىجدىمايى مەسىلىلەر بار.مىللەت تەغدىرى بىلەن بىۋاستە چىتىشلىق،دىننىي ئەھكاملىرىمىزغا زىت بۇ مەسىلىلەر بىز دەرھال ئويلىنىشقا تىگىشلىك جىددىي خارەكتىرلىك مەنىۋى ئۆسمە.
ئەخلاق بوسۇغىللىرىمىزدىن ئاتلاپ توغرا كەلسە دەسسەپ،ھايا لىباسلىرىنى يىرتىپ،كىچىك-چوڭ ئوتتۇرسىدىكى پەردىشەپنىمۇ ئۇنتۇپ،ئۆزىنى ئاتالمىش مەدەنىيەت،ماددىي غورۇر،يالتىراق  شۆھرەت،ساختا ئېسىللىق قوينىغا ئىتىۋاتقان قىز ئاياللىرىمىزنى كۆرسەم ئاشۇنداق ئەركەكلەرنى گۆرگەندىن نەچچە يۈز ھەسسە ئىچىنىپ كىتىمەن.چۈنكى ئۇلار كەلگۈسىنىڭ ئانىسى ئۇلار ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى،ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەركىتى ھەربىر سۆزى ئەۋلاتلارغا بىرىلگەن دەرىس،كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھۆكۈم ئىقتىدارى ۋە كەلگۈسى قىممەت قارىشى.
ئاياللىقنىڭ جەريانى ھالقىلىق ئۈچ ۋارىيانتنىڭ بىرىكىشى،يەنى قىزلىق گۈزەللىك،ئانىلىق مىھىر،قەدىناسلارچە مۇھەببەت چەمبەرچاسلىقى.بۇ ئۈچ جەرياننىڭ قايسى بىرىگە داغ چۈشۈپ غۇبار تەگسە ئاياللىق گەۋدە پالەشلىنىدۇ.چۈنكى ئۇ ئاياللىق.ئاياللىق-ئەركەكلىكتەك كەڭ ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس،ئەركەكلىكتەك مۇستەقىللىققا،بەردەملىككە ئىگە ئەمەس،ئۇ خۇرۇستال قاچىلاردەك چۈرۈك،باھار شامىلى كۆكلەتكەن مايسدەك يۇمران،قانات چىقارمىغان باچكىدەك نازۇك.شۇڭا ئۇ ئاق قەغەزدەك بىغۇبارلىقنى،كۈن نۇرىدەك جىلۋىدارلىقنى،ئالما چىچىكىدەك نازۇكلۇقنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇ تۈجۇپىلەشكە،ئاسراشقا شۇنداقلا كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشقا مۇھتاج.
(1قىزلىق گۈزەللىك ۋە  ئىپپەتنىڭ مەپتۇنكارلىقى.
قىزلىق-ھايا ۋە پەدىشەپ ئۈستىگە قۇرۇلغان شاھانە سەنئەت.ئۇ ئىستىتىكىنىڭ جىنى،بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ قىنى.ئۇ تال چىۋىقتەك ئەۋرىشىم،تاڭ لىۋىدەك مەپتۇنكار،كەچكى شەپەقتەك يالتىراق،شوخ كۈيدەك قايناق مەزگىل.ئۇ ئاياللىقنىڭ ئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتتىق غۇبارسىز ۋە پاك تۇتىلىشى كىرەك.چۈنكى ئۇلى بوش ئۆي ھامان ئۆرۈلۇپ كىتىدۇ.قىزلىق گۈزەللىك شەرمى ھايا بىلەن قىممىتىنى تاپىدۇ. چۈنكى يالتىراق شۆھرەت گەۋدىللىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن،كۆز كۆز قىلىش،قەستەن جەلىپ قىلىش،ئۆزىگە تارتىش تىپىدىكى ئاياللىق تۇخۇم سىرىقى ئەمەس،بەلكى تۇخۇم شاكىلى خەرەكتىرىگە ئىگە.ئۇنۇڭدا گۈزەللىك بولمايدۇ.ئۇنۇڭدا بار دىيىلسە بىشەم خۇلۇق، ساختىلىقنىڭ قورالى بولمىش تاشقى گۈزەللىك بار.ھايا بولمىغان قىزلىق ياۋايىلىقنىڭ ئايالچە شەكلى.ئۇ ئەرلىكنىڭ تاشلاندۇق ئەخلىتى.چۈنكى ئەركەكلىكمۇ ھايا ۋە پەدىشەپ بىلەن ئۈز بەردەملىكىنى ئۆز جاسارىتىنى كۈچلەندۇرىدۇ.ئىسلام ئىلمىيلىكى ۋە دىننىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىتقاندا كىتاپلىرىمىزدىكى بۇ بىرجۇملە سۆزنى ئۈلگە قىلىشقا بولىدۇكى:ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدۇر،ئىمان ھايا جۈملىسىدۇر.دىمەك ھايادىن ئايرىلغان قىزلىق گۈزەللىك بەتبەشىرىلىكنىڭ ساختىلىق يالىتىلغان ئازغۇنىغا تەڭ.
قىزلىق گۈزەللىك تاشقى گۈزەللەكنى ئۆلچەم قىلمايدۇ ھايا گۈزەللىكىنى ئۆلچەم قىلىدۇ.
قىزلىق گۈزەللىكىنىڭ يەنە بىر موھىم تەركىبى ئىپپەت مەپتۇنكارلىقى.ئىپپەت ھايا چىچىكى.چىچەك باھاردىن بۇرۇن توزۇپ كەتسە ئاياللىق سالاپەت ۋە قىزلىق سەلتەنەتكە ئۇرۇلغان بوران بولىدۇ.ئىپپەت ئالىي جاناپلىق قەسىرىدىكى ئىزگۈ مالائىكە.ئۇ ئۆز جىسمىغا ئاياللىق غورۇر ۋە ئادىمىي پەزىلەتنى مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ.ساختا ئىپپەت لىغىرلىغان قارا كۆزلەرنىڭ خوشاللىق ياشلىرىنى ئۆز كۆلەڭگىسى بىلەن توسۇپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ،ئۆز قەلبىدىكى ۋىجدان ئاتلىق  سەردار تەرىپىدىن قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ.ئىپپەت پەرىشتىسىنىڭ ئورنىنى ساختا ئىپپەت شەيتىنى ئالسا ئۇنۇڭ جىسمىدىكى ئاياللىق غايە ئاياللق بۇرۇچ،ئاياللىق نازاكەت ئۆچكەن بولىدۇ.ئالىي جاناپلىق  ئىسىل پەزىلەت,غورۇر سۈيىدە چىلىنىپ ياتقان ئىپپەتنىڭ ۋىجدان ياشلىرى ئىچىدە تۇنجۇقۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە شۇ تەن ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە ئۆلۈم جازاسى بىرىدۇ.ئالىي جاناپلىق ۋە نۇمۇس مۇددەتتىن بۇرۇن ئىچىلغان چەچەكتە ئۆز خاسىيىتىنى يوقۇتىدۇ .دىمەك ئىپپەت تاشلىغان ئاياللىقنى غورۇر تاشلايدۇ،ۋىجدان تاشلايدۇ،ئالىي جاناپلىق ۋە ساداقەت تاشلايدۇ.ئۆز جىسمىدا بۇ ئىزگۈلەرنى ھازىرلىمىغان ئايال ئاياللىقتىن سۆز ئىچىشقا لايىقمۇ؟
قىزلىق گۈزەللىك بىلەن ئىپپەت مەپتۇنكارلىقىنىڭ گارمۇنىك بىرىكىشى ئاياللىقنىڭ ئۇل قىسمنى ئاپىرىدە قىلىدۇ.بۇددا دىننىىي ئەھكاملىرى،خىرىستىيان دىنى نىزاملىرى، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننەت پەرىزلىرى كۇڭزى ۋە شۇ تەرىقىدىكى شەرىق ئۆلىمالىرى قائىدىللىرى ،يۈسۇپ خاس ھاجىپ ۋە شۇنۇڭدەك ئوتتۇر ئاسىيا بۇيۈكلىرنىڭ قاراشلىرى،ئەپلاتۇن ئارىستوتىل ئەقىدىللىرى شۇنى ئىتراپ قىلىدۇكى:ئاياللىق-ئەخلاق ۋە شەرمىي ھايا،گۈزەللىك ۋە پاكلىقنىڭ ئاياللىق جىسمىدىكى تەسۋىرى.شۇنۇڭ ئۈچۈن ھەربىر ئايال زاتى پاك خۇلۇق،مەپتۇنكار ئىپپەت ،ئايالچە ئالىيجاناپلىقنى ئۆز روھىيىتىنىڭ شاھانە قەسرىگە تۈۋرۇك قىلىشى كىرەك.ھەربىر مىللەت ئەزاسى ئۆز مىللىتىنىڭ خوتۇن قىزلىرىنى ئۆزىنى سۆيگەندەك،ئۆز مىللىي نامىنى سۆيگەىندەك سۆيىشى،ئۇلارنى ئاسرىشى ،تەنتەكلىك تۈگۈلمىللىرىنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا ئەخلاق تەربىيىسى ئىلىپ بىرىشى كىرەك. ئابدىشۇكۈر مۇھەممەت ئىمن  ئاياللارنى سۆيگەنلىك مىللەتنى سۆيگەنلىك)دەپ توغرا ئىتقانىدى.مىللى گەۋدىنىڭ تاجى ،كەلگۈسى مىللەتنىڭ تەغدىرى ئۇلاردىكى  غورۇر ۋە ھايا تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
(2قەدىناسلارچە مۇھەببەت ۋە خوتۇنلۇق مەجبۇرىيەت.
مۇھەببەت دولقۇنلاپ تۇرغان ھىسيات دىڭىزى ئۇ خامۇشلۇق ۋە ئاتا قىلىشنىڭ ئىجابىي مەھسۇلاتى.مۇھەببەت چىن ئىنسانىيلىقنىڭ نامايەندىسى .ھىسسى  تۇرمۇشنىڭ يارقىنى. پىداكىرانە ئاتا قىلىش ۋە بەخىت تىلەش ئاستىدىكى مۇھەببەت ھەقىقى چىن مۇھەببەت.ئۇ ئاياللىق خۇسۇسىيەتنىڭ  ئالاھىدىلىكى.ئاياللار ئۆزى ھەقىقى سۆيگەن كىشى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتا قىلالايدۇ.ئۇلاردا شۇنچىلىك ھىسيات چوڭقۇرلىقى بار.ساداقەت ئاياللىقنى مۇشۇ بۈيۈكلۇككە كۆتۇرىدىغان ۋاستە.مۇھەببەتكە ساختىلىق ئارلاشمىسا ساداقەت گۇلخانلىرى ئۆز ھارارىتى بىلەن مۇھەببەت رىشتىسىنى تاۋلاپ چىقىدۇ.ساختا مەدەنىيەت تەرەققىيات ئەخلاقسىزلىقى ئاياللىقتىكى پىداكىرانىلىق ۋە ساداقەت قۇياشىنى ئۆز توزانلىرى بىلەن ئۆچۇرۇپ تاشلاش  غەرزىدە بولىۋاتىدۇ.بۇگۈنكى  قىسمەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ جىسمىدا ئاياللىق قوغدۇغۇچىسى بولغان ساداقەت ئۆچۇپ بولدى.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش بىلەن كۆپ ئەرلىك بولۇش ئەر ئاياللار بارەۋەرلىكىنىڭ ئىپىدىسى.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.ئاللاھ تائاللاھ ئىتقاندەك ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇلۇپ سىلىنىپ بولدى،ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەيدۇ،قۇلاقلىرى ئاڭلىمايدۇ.ئۇلار ئەر ئاياللار بارەۋەرلىكىنى خۇددى ئابدىقادىر جالالدىننىڭ خوتۇنى جەمىلە ئىتقاندەك ئەر ئاياللار ئوخشاشلىقى دەپ چۇشىنىدۇ.ئۇلار ئەرلىك جەسۇرلۇق ۋە ئاياللىق نازاكەتنى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدۇ.
ساداقەت مۇھەببەت چىچىكىدىن كۆكلىگەن رەڭدارلىق،ئۇ ئاياللىقنىڭ قوغدۇغۇچىسى.ساداقەتتىن يىراق ئاياللىق مۇھەببەتتىن يىرىق ئاياللىق.دىمەك ساداقەت ئاياللىق مۇھەببەتنىڭ ئاساسى.
خوتۇنلۇق بۇرۇچ.
دىننىي ساماۋى كىتاپلا ئەنئەنىۋىي ئەخلاق قاراشلىرى ئائىلىدە ئەرلىك مەسئۇلىيەت ۋە ئەرلىك ھوقۇقنىڭ بۇيۈكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ.ئاياللىق ئەرلىك بىلەن باغلانغاندا تەسۋىرلىگۇسىز گۇزەللىكنى ،مۇقەددەسلىكنى ئاپىرىدە قىلىدۇ.ئەرلىك بۈگۈنكى كۈندە دىكتاتورىنىڭ سىموۋلى سۇپىتىدە قانۇنلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى.ئەر-ئاياللار بارەۋەرلىكى ئەمەلىيەتتە ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تەركىبى.ئۇ باراۋەرلىك ھەرگىزمۇ ئوخشاشلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ.ئۇ باراۋەرلىك ھۆرمەت ۋە ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتنىڭ شاھىدى سۇپىتىدە بارلىققا كىلىدۇ.ئايال ئەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىشى ئەرنىڭ رۇخسىتىسىز ئاتا ئانىسىنىڭ ياكى قىرىنداشلىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالماسلىقى بارەۋەرلىكسىزلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس بەلكى بىر بىرىگە كۆيىنىش ئاياللىقنى ئاسراش قارىشىنىڭ ئىپادىسى.  ئائىلە زوراۋانلىقى قاتارلىق ئىجدىمايى مەسىلىلەر ئۇنى ئەر ئاياللار بارەۋەرسىزلىكى دەپ خاتا چۇشەنچە بەرگەن.ئىسلام دىنىدا ئائىلە زوراۋانلىقى،ئاياللارنىڭ خورلىنىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ.بۇنۇڭغا پەيغەمبىرلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مىساللىرى نۇرغۇن.
ئاياللىقنىڭ ئەرلىك ئۈستىدىكى مەجبۇريىتى مۇقۇم ۋە مۇقەددەس.ئۇ ئەرگە ساداقەتمەن بولۇش بىلەن بىرگە بىر ئائىلىنى مۇھەببەت ۋە خۇشاللىققا چۆمدۇرىشى ،ئاياللىق مۇھەببەت ئانىلىق مىھىر بىلەن ئائىلىدىن ئىبارەت جەمىيەت ھۆجەيرىسىنى شاتلاندۇرىشى ۋاجىپ.قۇرۇق كوتۇلداش ۋە تۇرمۇشىدىن ۋايساشلار بىلەن سەھەرنى كۈتۇپ ناماششەمگە يول ئالىدىغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئائىلىدىن،خوتۇندىن،تۇرمۇشتىن تويغان بولىدۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىمۇ شەخسى ئالاقىسى ۋە جەمىيەتتىكى رولىمۇ تەھدىتكە ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تۇرغان بولىدۇ.تەبەسسۇم بىلەن ئەر كۆڭلىنى مايىل قىلىپ پەرزەت قايىللىقىنى قولغا كەلتۇرىدىغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرىمۇ مۇۋاپىقيەت ۋە خوشال تۇرمۇش ھوزۇرىدىن ھوزۇر ئىلىپ ھەقىقى بەخىت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئەرلەر بولدۇ.ئۇنداق ئاياللاربىر ئۆمۈر ئەرلىرىنى باشقىلارغا تاتقۇزۇپ قويمايدۇ.قەدىناسلارچە تۇرمۇشتىن بەھىر ئالىدۇ.ھەقىقى بەخىت ئەنە شۇنداق ئاياللارنىڭ تاپىنى ئاستىدا.بۇنۇڭغا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن ئەرنى يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن دىگەن ھىكمىتىنى تەمسىل قىلىش مومكىن.
خۇلاسە.
ئاياللىق مۇھەببەت ساداقەتنى ئۆلچەم قىلىدۇ.ساداقەت بولمىغان مۇھەببەت مۇھەببەت ئەمەس جىنايەت بولىدۇ.خوتۇنلۇق مەجبۇرىيەت ئەر كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە تەبەسسۇمغا تويۇنغان ئائىلە موھىتىنى يارىتىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.ئائىلە كەلگۇسىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل بولىشى مومكىن . ئائىلىنىڭ تەسىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تەغدىرىنى،تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.شۇڭا ئائىلدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ئورۇنغا مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ئايال دوختۇر بولىشى شەرىتتۇر.
(3ئانىلىق مىھىر ۋە مىللى بۇرۇچ
ئانىلىق-مۇھەببەتنىڭ تۇنجىسى ۋە ئەڭ بۈيىكى.ئۇ ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن مەڭگۈلۈكتۇر.ئۇنۇڭ چاڭ توزانلىرى تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ھەيۋىتىدىن ئارتۇق،ئۇنۇڭ تامچىسى تىنىچ ئوكياننىڭ دەھشىتىدىن ئۇلۇغ،ئۇنۇڭ كىچچىككىنە زەررىسى قۇياش تەپتىدىن كۈچلۈك .ئۇنۇڭ ھارارىتى يالقۇنتاغ باغرىدىن ئىسسىق.ئۇ ئاياللىق سۆلكىتى.خۇتۇنلۇق ھۆرمىتى .ئۇ ئىنسانىي بۇرۇچ تىگىدىكى مەسئۇلىيەت،ئاتىلىق ئۇرۇقتاشلىققا قىلىنغان سوۋغا.ئۇ ئاياللىقنىڭ كۆكرىكىدىن ئىتىلىپ چىققان لاتاپەت.
بۇرۇچ ئانىلىق شامىغا يىقىلغان ئوت.ئانىلىق-ھەربىر ئايالغا نىسىپ بولمايدۇ.تۇغۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلا ئايال ئانىلىق تونىنىڭ لايىقى بولىشى ناتايىن.ئۇنداق تۇغۇش ئىقتىدارى ھايۋاندىمۇ بار.ئىنسانىي ئانىلىق پەرزەنىت تۇغۇش ئىقتىدارى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ بەلكى كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى ئىدراكلىق قىلىپ تەربىيلەش تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ .ھورۇن ئىشەكتەك يەپلا ياتىدىغان بالىنىڭ ئانىسىمۇ ئىشەك،چۈنكى ئۇ ئايال ئىدراكلىق قىلىپ تەربىيلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بەلكى ئىشەكتەك تۇغۇشلا ئىقتىدارىنى يىتىشتۇرگەن.تۇغماس خوتۇننىڭ  بىقىۋالغان ئىلىملىك ئوغلى تۇغماس خوتۇننى ھەقىقى ئانىلىققا ئىرىشتۇرىدۇ .ئۇ ئىشەك ئانىدەك تۇغالمىسىمۇلىكىن ئىنسانىي ئانىدەك تەربىيەلەيدۇ،شۇڭا تاللاش كىلىپ قالسا تۇغماس خوتۇن ھەقىقى ئانا.
خۇلاسە:
ئانىلىق، تۇغۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئايالغا ئاتالغان سۆز ئەمەس بەلكى ئىدراكلىق قىلىپ تەربىيلەشنى بىلىدىغان ئايالغا ئاتالغان سۆز. چۈنكى تەربىيىلەش ئىنسان تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى.مىللى مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مىراس كۆۋرىكى. تەربىيلەش -مائارىپتۇر.قانداقتۇر مەكتەپتىلا ئوقۇتۇش مائارىپ ئەمەس بەلكى ئەمەلىي قوللۇنۇشلۇق نەزىريىنى ۋە ئەمەلىيەتنى سىڭدۇرگەن بىلدۇرۇش ھەقىقى مائارىپ.ئانا دەل بۇ مائارىپنىڭ ئۇلى.شۇڭا ھەقىقىي ئانىلىق دەل تەربىيەلەشتە.
مەنبە ؛ئىزدىنىش مۇنبىرى

ۋاقتى: 2013-8-21 14:53:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئاياللانى ئاجايىپ ئوخشىتىۋىتىپسىز ، ھەم شۇنداق تەسۋىرلىۋىتىپسىز . بەك سۇيۇندۇم ، رەخمەت ،ھەربىر مەز مۇننى شۇنداق تەپسىلى يىزىپسىز ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش