ئەسەبىلىشىش كېسىلى(抑郁症) توغرىسىدا
تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
روھى چۈشكۈن بولۇش ، ھەۋىسى ئازلاش، تەشەببۇسكارلىقى يوق(پاسسىپ) بولۇش، ئۆزىدىن يامانلاش، ئۆزىنى ئەيىپلەش، تەپەككۈرى ئاستا بولۇش، گەپ-سۆز، ئىش-ھەركىتى ئازلاش، ئىنكاسى ئاستىلاش، ئىشتىھاسى يوق بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۆزىدە مەلۇم كېسەل بار دەپ گۇمان قىلىش ياكى ئەنسىرەش، بەدىنىنىڭ ھەممە يېرى ئاغرىۋاتقاندەك ھېس قىلىش، ھەتتا ئۆلىۋېلىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قېلىش قاتارلىقلار بۇ كېسەلنىڭ تىپىك ئالامىتىدۇر. ئەسەبىلىشىش كېسىلى بىمارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئائىلە ۋە جەمىيەتكە ئېغىر يۈك ئېلىپ كېلىدۇ. تەخمىنەن %15 ئەسەبىلىشىش كېسىلى بىمارلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدۇ.
جەمىيەتكە بولغان زىيىنىغا قاراپ بۇ كېسەللىك يېنىك ۋە ئېغىر تىپلىق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. خىيالىي تۇيغۇ، خام خىيال ياكى جىددىلىشىش يىغىندا كېسەللىكى قاتارلىق روھىي ئالامەتلەرنىڭ بار يوقلىقىغا قاراپ روھىي كېسەللىكى بولغان ئەسەبىلىشىش كېسىلى ۋە روھىي كېسەللىكى بولمىغان ئەسەبىلىشىش كېسىلى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئىلگىرى(ئاز بولغاندا ئىككى ئاي بۇرۇن) ئەسەبىلىشىش كېسىلى قوزغالغان ياكى قوزغالمىغانلىقىغا قاراپ تۇنجى ئەسەبىلىشىش كېسىلى ياكى قايتا قوزغالغان ئەسەبىلىشىش كېسىلى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇنداق بىمارلار چوقۇم تۆۋەندىكىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك:
1. تۇرمۇش تەرتىۋىگە رىئايە قىلىش، باشقىلار بىلەن كېلىشكەندە ۋاقتىدا بېرىش، غىزالىنىش، ئارام ئېلىش قاتارلىقلاردا تەرتىپلىك بولۇپ، ئۆزى ھەۋەس قىلىدىغان تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىش.
2. ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە دىققەت قىلىش. پاكىز رەتلىك بولۇش، كىر، كونا كىيىملەرنى كىيمەسلىك، ئۆي ئىچى ۋە ھويلىنى پاكىز تۇتۇش.
3. ئەسبىلىشىش كېسىلى بولغان تەغدىردىمۇ ئۆگىنىش ۋە خىزمەتنى تاشلىماسلىق.
4. غەزىپىنى مەجبۇرى باسماسلىق، مەسىلىلەرگە كەڭ قورساق بولۇش.
5. يېڭى بىلىملەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگەللەش.
6. رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش،زىددىيەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش ھەمدە ئۆزىنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش.
7. كىچىك ئىش بولغان تەغدىردىمۇ، كەيپىياتىغا ماس ھالدا تەدبىر قوللىنىش، كەيپىياتى ياخشى بولمىغان تەغدىردىمۇ ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەركىتىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئۆزىنى تۇمۇشقا ماسلاشتۇرۇش.
8. باشقىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا ئوخشىمىغان كىشىگە ئوخشىمىغان پوزىتسىيەدە بولۇش. ئەسبىلىشىش كېسىلى بولغان كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا تۇتقان پوزتسىيەسى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. ناۋادا سىزدە مۇشۇنداق خىيال پەيدا بولغان بولسا دەرھال تۈزىتىڭ.
9. ئۆزىنىڭ ھەۋەس دائىرىسىنى كېڭەيتىش.
10. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى سېلىشتۇرماسلىق كېرەك. ناۋادا سىزدە دائىم باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرىدىغان كەيپىيات شەكىللەنسە دىققەت قىلىڭكى سىزدە ئەسبىلىشىش كېسىلىنىڭ يۇشرۇن ئامىلى پەيدا بولغان بولىدۇ، دەرھال تۈزىتىڭ.
11. كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى گۈزەل ئىشلارنى خاتىرلىۋېلىش كېرەك.
12. مەغلۇب بولغان ئىشنى بەك چوڭ بىلىپ كەتمەسلىك كېرەك. مەغلۇپ بولۇشنى نورمال ئىش دەپ بىلىش كېرەك.
13. بۇرۇن قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ بېقىش كېرەك، ئاكتىپ ھالدا يېڭى كۆڭۈللۈك ئىلشارغا يۈزلىنىش كېرەك.
14. روھىي كۆتۈرەڭگۈ، ئۈمىدۋار كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.
مەنبە: قارا ھىجران مۇنبىرى
http://bbs.karahijran.com/read.php?tid=4677