新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 755|ئىنكاس: 3

ئۆيلەنمەيمەن (ساتىرا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆيلەنمەيمەن
تاھىر تالىپ

سۆي دېدى بىر پەرىزات قاراپ قويماي،
مەن ئۈچۈن چېچىنى بىر تاراپ قويماي.
سۆي دېدى ئۆزى ئېگىز راۋاق ئۈزرە،
بىر چۈشۈپ ئاشىقىغا قاراپ قويماي.

سۆي دېدى قولىنىمۇ بىر ئۇزاتماي،
سۆي دېدى گۈللىرىدىن بىر پۇراتماي .
سۆيدۈرمەك بوپتۇ مېنى پەملىشىمچە،
ھەتتاكى يېنىغىمۇ بىر يولاتماي
.
سۆي دېدى جانان تەڭلەپ تاپىنىنى،
تاشلىماي سۈرلۈك بۆرە چاپىنىنى .
مۈرەممۇ، يۈرىكىممۇ بولدى يېغىر،
كۆپ سۆرەپ تەڭقىسلىقنىڭ ساپىنىنى .

سۆيمىسەم سەكرەپ چۈشۈپ چەيلىمەكچى،
تېرەمنى تەتۈر سويۇپ ئەيلىمەكچى .
« سۆيمىدىڭ تاپىنىمنى، ۋاپاسىز» دەپ،
دوزىخى قاتارىغا ھەيدىمەكچى .

مەيلىدى پەستە تۇرسا ئاز بولسىمۇ،
سۆيەتتىم يانمۇ يان بوپ تاز بولسىمۇ.
(بوينىنى ئۇنداق ئېگىز تۇتمىسىكەن،  دەپ
قالدىم مەشۇق، ھەتتا غاز بولسىمۇ .)

سۆي دېدى، سۆيمىدىم مەن، سۆيەلمىدىم،
كۆي، دېدى، مۇزلىدىمكى، كۆيەلمىدىم .
بېشىمنى بېسىپ باقتى كېنىزەكلەر،
تاپانغا تىل سوزۇشقا كۆنەلمىدىم.

ھال شۇكى، ئۇ يا مەندىن كېچەلمەيدۇ،
يا پەسلەپ ۋىسالىمغا يېتەلمەيدۇ.
مەن دەيمە ن: مۇھەببەتسىز ھاجەتكىلا
بۇ نىكاھ ئىمارىتى پۈتەلمەيدۇ .

شۇڭا مەن ئۆيلەنمەيلا ئۆتەي دېدىم،
تاق ياشاپ مۇرادىمغا يېتەي دېدىم.
بويتاقلىق مىڭ ئەلاكەن « سايىملىق » تىن،
بويتاقلا ئۇ ئالەمگە كېتەي دېدىم.




   مەنبە؛بارچىن تورى
ۋاقتى: 2013-6-22 23:53:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيلەنگىن

روزى سايىت

راۋاققا چىقىۋىلىپ ماراپ قويماي،
نازىدا قاش ئىتىىپ، چاچ تاراپ قويماي،
"سۆي" دىسە، مەشۇق ئەمەس، ئالۋاستى ئۇ،
كەتكۈلۈك ېەشنى قېقىپ قاراپ قويماي.


يىنىغا تارتمىسا يا كەتكۈزمىسە،
"سۆي!" دىسە، گۈلىدىن شاخ ئەگكۈزمىسە،
ئىغىزى پۇرامدىكىن كاساپەتنىڭ،
سۆيگەندە لىۋىگە لەۋ تەگكۈزسە.


"تاپانغا سۆي!" دىگىنى ساراڭلىق ئۇ،
زاتىغا ئىبلىس چاپقان ھاراملىق ئۇ.
ھىدلاشما ئازاب، نۇمۇس، سۆيۈش تۈگۈل،
نىجاسەت دەسسەپ يۈرگەن داۋاملىق ئۇ.


سۆيمىسەڭ چەيلەمدىكەن پەسكە چۈشۈپ،

تىرەڭنى ئەيلەمدىكەن قەستكە چۈشۈپ؟
قورقمىغىن، تىترەيدۇ ئۇ راۋىقىدا،
ئورنىشىپ ئولتۇرۇشمۇ تەسكە چۈشۈپ.


گىپىڭچە "تاز" بولسىمۇ، "غاز" بولسىمۇ،
سۆيدۈرسە سۆيگۈدەكسەن "ماز" بولسىمۇ..
بىلىپ قوي، بەت ئەھلىنىڭ كۆڭلى سۇيۇق،
سەن- بىزدىن گۈل قىزغىنار ياز بولسىمۇ.


گىپىڭچە كىنىزەكلەر باسقاندا باش،
تاپانغا سۆيدۈرمەككە چاغلاپ ياۋاش.
"ياق" دەېسەن، كۆنەلمەېسەن، سۆيەلمەېسەن،
سۆيگۈڭ بار، ئىشق يۈكى ئىتىپ باغاش.


شۇڭا ئۇ كەچمەيدۇ، سەن كىچەلمەيسەن،
ئۇ "پەس"كە، سەن "ئىگىز"گە كۆچەلمەيسەن.
سەن دەيسەن: ئىككى قولدىن چىقسۇن چاۋاك،
ئۇ دەيدۇ: مۇزلاپ، كۆيدۈڭ، ئۆچەلمەيسەن!


ئاڭلىسام، "ئۆيلەنمەيمەن!" دەپ يۈرۈپسەن،
"تاق"لىقتىن مۇراد ئىستەپ چۈش كۆرۈپسەن.
نۇرغۇنغۇ بويتاق "سايىم" يۇرتىمىزدا،
خوتۇن ئال، ئالما ئۈزگىن يەڭ تۈرۈپ سەن!




  1996-يىل 20-ئۆكتەبىر، خوتەن
ۋاقتى: 2013-6-23 13:20:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ماۋۇ ئىككى شائىرنى ، تازا كىلىشتۈرۈپ يېزىلغان شىئىرلاركەن بۇ . مەن  يەنىلا ئۇنىڭ بۇنىڭغا قارىماي ئۆيلىنىدىغان تەرەپكە مېڭىۋالاي جۇما
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-23 14:13:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرات يوللىغان ۋاقتى  2013-6-23 13:20
ھەي ماۋۇ ئىككى شائىرنى ، تازا كىلىشتۈرۈپ يېزىلغان شىئى ...

ۋاختىدا ئويلىنىۋىلىڭلابويتاقلىق ئەڭ يامان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش