新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 772|ئىنكاس: 0

ياشلار مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياشلار مەزى بېزى ياللۇغى كېسەللىكىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشى كېرەك     كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە مەزى بېزى ياللۇغى ياش چوڭىيىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن يۈز برىدىغان كېسەللىك دىگەن قاراش بار .بولۇپمۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەر مەزى بېزى كېسەللىكى ياشانغانلار كېسەللىكى دەپ قارايدۇ .لىكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس ،نۇرغۇنلىغان ياشلىرىمىز مەزى بېزى ياللۇغىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ.بولۇپمۇ 20نەچچە ياش ئەتراپىدىكى  ياشلاردا مەزى بېزى كېسەللىكى ئەھۋالى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ.ئۇنداقتا ياشلىرىمىز نىمە ئۈچۈن شۇنچە كىچىك تۇرۇپ بۇخىل كېسەللىكنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ؟
      شۇ ياشتىكى خىزمەت قىلىۋاتقان ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ياشلىرىمىز سۈيدۈك قىستاش،كۆپ سىيىش قاتارلىق مەزى بېزى ياللۇغىنى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە  تەكشۈرتۈپ مەزى بېزى ياللۇغى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ناھايتى ئازابلىنىدۇ ،كۆڭلىدە ياش تۇرۇپ قانداقسىگە بۇخىل كېسەللىك بىلەن ئاغرىشىم مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ ،كەيپىياتى نورمالسىزلىشىدۇ،بۇ ئىش داۋاملىق كاللىسىغا كىرىۋالىدۇ،خىزمەتداشلىرىنىڭ ،ساۋاقداشلىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ،ھەم دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشىتىن ئۆزىنى ئەپقاچىدۇ نەتىجىدە كېسەللىك ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      ياشلارنىڭ مەزى بېزى كېسىلگە گىرىپتار بولشى مۇشۇ دەۋرىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئىش ئەمەس،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەزى بېزى كېسەللىكلىرى تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ،سالامەتلىكنى ئاسراش ،جىنسى بىلىمنىڭ كەملىكىدىن مەزى بېزى قوغداش ياكى ياللۇغلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىلمىگەنلىكتىن ياشلاردىمۇ ياشانغانلارغا ئوخشاشلا  مەزى بېزى كېسللىكلىرى پەيدا بولىدۇ،چۈنكى مەزى بېزىمۇ بىزنىڭ باشقا ئەزالىرىمىزغا ئوخشاش بەدەندىكى بىر بەز توقۇلمىسى خالاس.
     شۇڭا ياشلارغا تەۋسىيەمىز :ئەگەر سىزدە مەزى بېزى ياللۇغىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر سىزىلسە دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىڭ ،دوختۇردىن ياكى باشقىلاردىن خىجىل بولىشڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ،ئەگەر كەينىگە سوزىۋەرسىڭىز تېخىمۇ ئىغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ،چۈنكى مەزى بېزىنىڭ ئاجىزلىشىىشى ئەرلەرنىڭ جىنسى ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا تۇرمۇش ئادىتىڭىزگە ئەھمىيەت بىرىپ ئىمكانقەدەر مەزى بېزى ياللۇغىدىن نېرى بولۇڭ،يۇقۇملىنىش ئەھۋالى سىزىلسە ئىككىلەنمەي دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىڭ ،بەدەن سىزنىڭ ،سالامەتلىك سىزنىڭ ،ساغلاملىق بىباھا گۆھەر دىگەن ئەقىلىيە سۆز ھەر دائىم ئېسىڭىزدە بولسۇن .

  مەنبە؛رۇخسار تورى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش