تەپ دەپ بەدەندە قىزىقلىق(قىززىتما)پەيدا بولغانغا ئېيتىلىدۇ. بەدەندە ئەزالارنىڭ پائالىيەتلىرىگە زەرەر قىلىدىغان فەزلىلەر يىغىلىپ، روھقا تەسىر قىلىپ، ئومومى بەدەندە قىززىتما پەيدا قىلىدۇ. تەپ بىر كۈنلۈك قىززىتما، خىلىتلىك قىززىتما، سىل قىززىتمىسى دەپ 3 كە بۆلىنىدۇ.
بىركۈنلۈك قىزىتما يەنى ئىسسىق ئۆتۈش ئۇزۇن داۋاملاشماي بىر كۈندىن 6 كۈنگىچە بولغان ئارلىقتا ساقىيىدۇ. بۇ تەپ يار ۋاقتىدا ئاپتاپتا ئولتۇرغان، ئاپتاپتا ماڭغان،ئىسسىق تاماق يېگەن، ئاچچىقلانغان ياكى بەك ئېغىر چارچىغان سەۋەبلەردىن بولىدۇ.بۇنىڭدا قىززىتما ئانچە ئېغىر تۇمۇر مۇختەلىپ، سۈيدۈك رەڭلىك بولمايدۇ.ئىبىنسىنانىڭ ئېيىتىشىچە، بىر كۈنلۈك تەپنىڭ ئېلانى ئاسان، لېكىن ئۇنى تونىماق قېيىن. ئۇنى داۋالاشتا، كېسەلگە سوغۇق ئىچىملىكلەر، مەسىلەن، ئىسكەنجىبىن شەكىرى،سەندەل شەربىتى، تەمرى ھىندى شەربىتىگە ئوخشاش نەرسىلەر بېرلىدۇ، قاينىتىلغان سوغۇق سۇغا مۇز ئارلاشتۇرۇپ ئىچكۈزىلىدۇ. ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا، ئىچكى ئەزادا زەئىپلىك بولۇپ، تەپ ئۇرۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە، يەنە تەپ سودىيە بولسا، سۇ كۆپ ئىچكۈزۈلمەيدۇ.تەپ قايتقاندىن كېيىن، مۇنچىغا كىرىش، ئىلمان سۇ بىلەن بوينىنى يۇيۇش، لازىم بولىدۇ. بىنەپشە، نىلۇپەر، بابۇنە قايناتقان، سۇ بىلەن بەدەننى يۇيۇشقا، بەدەننى ھۆل قىلىش ياخشى. ئەگەر ئاپتاپتىن قۇرۇقلۇق پەيدا بولسا، كېسەلنىڭ بېشىغا،بىنەپشە، نىلۇپەر، كاۋا ئۇرۇغى، قايناتقان سۇ قۇيلىدۇ، كېسەلنىڭ تامىقىغا، ئوڭاي سىڭىشلىك نەرسىلەر (ئارپا سۈيى، ماش يارمىسى ۋە قاپاق) بېرىلىدۇ. تاماقنىڭ ئالداىدا ئۆژمە، ئەينۇلا، ئانار، چالا پىشقان ئۈزۈم مۇزبىلەن سۇۋۇتۇپ بېرىلىدۇ، تاماقتىن كېيىن، دەم .ئېلىش ۋە ئۇخلاشقا بۇيرۇلىدۇ.خىلىتلىك قىززىتمىدا تەپ سەۋەبچىسى تۇمۇرنىڭ ئىچىدە ياكى تېشىدا بولىدۇ. تۇمۇرنىڭ ئىچىدە بولسا، بۇ تەپ دەۋمىييە، سەپراۋىيە، بەلغەمىيە، سەۋداۋىيەگە بولىنىدۇ.تۇمۇرنىڭ سىرتىدا بولسا، سەپراۋىيە، بەلغەمىيە، سەۋداۋىيەگە بولىنىدۇ. دەۋمىيەمۇنبەقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ؛ بۇ تەپ يەنە ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ، بىرىنچى خىلى دەسلەپتە ناھايىتى قاتتىق تۇتۇپ، باغانچە پەسلىمەي، ئاخىردا كېسەل بەك قىينىلىدۇ؛ ئىككىنچى خىلى بىر ھالەتتە يەنى باش-ئاخىرى بىر خىل بولىدۇ؛ ئۈچىنچى خىلى دەسلەپتە ئەڭ قاتتىق بولۇپ، ئاز-ئازدىن كېمىيىدۇ، ھەتتا ئاخىرىدا بوشاپ كېتىدۇ. بۇنداق تەپنى داۋالاشتا قان ئېلىنىدۇ، ئېلىنغاندىمۇ قان كۆپىرەك چىقىلىدۇ. كېسەلنىڭ مىجەزى ئاچچىق ئانار سۈيى بىلەن سۇۋىتىلىدۇ، چوڭ تەرىتى قۇرۇق بولسا ئەينۇلا، چىلان، تەمرى ھىندى سۈيى، ناۋات قوشۇپ ئىچكۈزىلىدۇ، تامىقغا ماش يارمىسغا قاپاق ۋە بادام يېغى بىلەن سېلىپ بېرىلىدۇ. ئىچى قاتتىق بولسا، تامىقىغا ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەر، ئۈزۈم غورىسى، بادام يېغى بىلەن بېرىلىدۇ. تەپسەپراۋىيە بولۇپ، تۇمۇرنىڭ ئىچىدە بولسا، تەپى مۇھىرقە دىيلىدۇ، لېكىن قان ئازراق چىقىرىلىدۇ، كېسەلنىڭ ئىچى ئەينۇلا سۈيى، تەمرى ھىندى، شىرخىست ياكى تەرەنجىبىن بىلەن بوشتىلىدۇ. كېسەلگە قۇرسى كاپۇر يىگۈزىلىدۇ ياكى قۇرسى كاپۇر ئەتتىگەندە يىگۈزىلىپ، ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كېيىن ئارپا سۈيى بېرىلىدۇ، 480 مىسقال تەكرارقاينىتىلغان قىزىلگۈل شەربىتى ئىسكەنجىبىن ۋە كۇلاب بىلەن قوشۇپ بېرىلىشمۇ مۇمكىن، كېسەل قاتتىق ھاسىرىسا، ناشتىدا قاپاق پىشىرۇلغان سۇغا قۇرسى كاپۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ،ئارقىدىن ئارپا سۈيى، ئانار سۈيى بىلەن بېرىلىدۇ؛ ياتىدىغان ۋاقىتتا تەرخەمەك سۈيى ياكى كاۋا سۈيى جۇلاپ قىلىپ، كۆك نار شەربىتى بىلەن قوشۇپ بېرىلىدۇ. كېسەلنىڭ بېشىغا، جىگىرنىڭ ئۈستىگە ۋە مەيدىسىگە سوغۇق نەرسىلەرنى چېپىلىدۇ ياكى خېمىرقىلىپ تېڭىلىدۇ. بۇرنىغا سوغۇق نەرسىلەر پۇرتىلىدۇ. كېسەل سالقىن ۋە سوغۇق يەرگە ياتقۇزىلىدۇ. كېسەلگە ناھايىتى سىڭىشلىق تاماق ۋە ئىسكەنجىبىن تەرخەمەك ئۇرۇىغى، تاۋۇز ئۇرۇىغى، سېمىز ئوت ئۇرۇىغىنىڭ شىرنىلىرى بىلەن قوشۇپ بېرىلدۇ. سەپراۋىيە تۇمۇرنىڭ تېشىدا بولسا، غەيبى خالىسە (تۇتىدىغان ۋاقتى12 سائەتتىن ئارتۇق بولمىغان) ۋە غەيرى خالىسەگە بۆلىنىدۇ. غەيبى خالىسە بولغىنى بىر كۈن تۇتۇپ، بىر كۈن تۇتۇمايدۇ. كېسەلنىڭ تېنى جۇغ-جۇغ بولۇپ، تىتىرەك ئولۇشۇپ، يىڭنە سانجىغاندەك بولىدۇ، توڭلايدۇ، قاتتىق تىتىرەيدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ ، تەر كۆپ قېتىم تەكراللىنىدۇ. ئۇزۇنغا كەتسە يەتتە نۆۋەتتە تۈگەيدۇ. ئەگەر داۋالاشتەتۈر بۇلۇپ قالسا، يەتتە نۆۋەتتىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. غەيرى خالىسە بولغىنىنىڭ تۇتىدىغان ۋاقىتى 12 سائەتتىن زىيادە بولىدۇ. بۇ شەترۇل غەپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ نۆۋىتى 13 سائەت بولسا، بۇزۇق سەپرادىن: 14 سائەت بولسا، ماددا تېخىمۇ قوپالراق بولغانلىقتىن بولىدۇ. شەترۇل غەپ دەپ سەپراۋىيە ھەم بەلغەمىيەدىن مۇرەككەپ بولغان تەپكە دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل تەپنى داۋالاشتا، قاننىڭ زىيادىلىغى بىلىنسە، قان ئېلىنىدۇ. تۇتقاق ۋاقتىدا كېسەلگە ئىلمان سۇ بىلەن ئىسكەنجىبىن ئىچكۈزۈپ، قەي قىلدۇرىلىدۇ. كېسەلنىڭ ئىچىنى ھۆل مىۋىلەرنىڭ سۈيى، تەمرى ھىندى ۋە خيارىشەنبەربېرىپ بوشتىلىدۇ. تۇتمىغان كۈنلىرى ئەتتىگەن ۋە ئاخشامدا، ئارپا سۈيى بېرىلىدۇ.مىزاجىغا قاراپ چىڭسەي يىلتىزى، زۇپا، يالپۇز ياكى سۇنبۇل قاينىتىلىپ بېرىلىدۇ.ئەگەر بەلغەم ماددىسى غالىپ كەلسە، يۇقارقى نەرسىلەر مۇۋاپىق كېلىدۇ. بەلغەمىيە تەپ تومۇرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، قاننىڭ نىشانىسى كۆرۈلسە، قان ئېلىنىدۇ. بۇ تەپ تەبىنىققە دېيىلىدۇ. بۇ تەپتە، كېسەل ئۇسسىمايدۇ، ئىشتىيى كەم، بەدىنى ئورۇق،يۈزلىرىدە ئازابلىنىش بەلگىلىرى كۆرلىدۇ، بەلغەمىيە قەي قىلىدۇ، ئاغزىغا ھەمىشەتۈكۈرۈك كېلىپ تۇرىدۇ. بۇ تەپ تولىراق ھۆل مىزاجلىق كىشىلەردە، مەسىلەن، كىچىك بالىلار بىلەن قېرى كىشىلەردە كۆرلىدۇ. كېسەلنىڭ تۇمۇرنىڭ مۇختەلىپ، ئىنچىكەبولىشى، سىل قىززىتمىسى بولۇپ، كىشىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇ تەپتە تىتىرەك ۋەتوڭلاش ئىشلىرى بولمايدۇ، تاماقتىن كېيىن كېسەلنىڭ مەڭىزى قىزارمايدۇ ، يۈزى ئىسلاڭغۇ ۋە تۇمۇرى يۇمشاق بولىدۇ. بۇنداق كېسەلگە قېنى ئېلىنغاندىن كېيىن بەلغەمنى چىقىرىدىغان نەرسىلەر، سۈرگە ۋە تامقىغا ئارپا سۈيى بېرىلىدۇ.
تۇمۇرنىڭ تېشىدا بولغان بەلغەمىيە تەپ دائىملىق تەپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تەپ ھەر كۈنى 18 سائەت تۇتىدۇ، 6 سائەت ئارام بېرىدۇ. بۇ تەپكە بىر سەر گۈلقەنت، ئارپا بەدىيان، چىڭسەي سۈيى، تاۋۇز سۈيى بىلەن بېرىلىدۇ. بۇنداق تەپتىكى كېسەلنىڭ سۈيىدىكى قويۇق، قىزىل بولسا، قان ئېلىنىدۇ.قان ئېلىنغاندىن كېيىن دەرھال ئىسكەنجىبىن ئىچكۈزىلىدۇ، كېسەلنىڭ مەيدىسىنى پاكىزلاش ئۈچۈن تۇرۇپ سۈيى بېرىپ قەي قىلدۇىلىدۇ. كېسەلگە ئىسكەنجبىن بۇزۇرى،گۈلقەنت ئىسكەنجبىن بىلەن بېرىلىدۇ، تامىقىغا ئارپا سۈيى، نۇقۇت يارمىسىغا بادام يېغى ۋە قەنت سېلىپ بېرىلىدۇ.
سەۋداۋىيە تەپ تۇمۇرنىڭ تېشىدابولسا، روبىئى دائىرە؛ تۇمۇرنىڭ ئىچىدە بولسا، روبىئى لازىمە دېيىلىدۇ. ئومۇمەن بۇتەپ روبىئى دەپ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇ تەپ بىركۈن تۇتۇپ، ئارىدا ئىككى كۈن تۇتمايدۇ،يەنە بىركۈن تۇتىدۇ. شۇڭا تۆت كۈنىنى بىركۈن قىلىپ، روبىئى دەپ ئاتىلىدۇ. ئىبىنسىنا: «بۇ تەپبەدىندىكى سەۋدادىن بولمايدۇ، بەلكى باشقا خىلىتلارنىڭ كۆيگەنلىكىدىن بۇلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بۇنداق تەپ 24 سائەت تۇتىدۇ، قىش ۋە كۈز ۋاقتىدا پەيدا بولسا، تەسلىكتە ساقىيىدۇ. بۇ تەپتە قۇۋۋەتتنى ساقلاش لازىم. چۈنكى بۇ كېسەللىك ئۇزۇنغا سۇزۇلىدۇ،داۋالاش ياخشى بولسا، بىر يىلدىن ئاشمايدۇ. ياخشى بولمىسا، 12 يىلغىچە تۇتىلىدۇ.بۇ تەپنىڭ ماددىسى قۇپال، بۇ تەپتە ساقىيىشنىڭ نىشانى ئوچۇق بولمىسا، كېسەلنىڭ تامىقىغا چۆجە گۆشى، ياش پاقلان گۆشىدە شورپا قىلىپ بېرىلىدۇ. تەپ تۇتقان كۈنى ئىسكەنجىبىن ئىلمان سۇ بىلەن ئىچكۈزۈپ قۇستۇرىلىدۇ. تەپ تۇتىشتىن ئىلگىرى تاماق بېرىلمەيدۇ. ئەگەر كېسەلنىڭ سۈيدىكىدە يىرىڭ ئالامەتلىرى بولسا، قارا ھېلىلە، خىيارى شەنبەر ۋە تەرەنجىبىن قاينىتىپ ئىچكۈزۇلىدۇ. چىڭسەي ئۇرۇىغى، ئارپا بەدىيان سۈيى بېرىپ، سۈيدىكى راۋان قىلىنىدۇ. تەپنىڭ قاتتىق تۇتىشى سەل پەسلىگەندىن كېيىن،ھەبىبى غاپەس ئىچكۈزۈلىدۇ، چۈجە گۆشىدە تاماق بېرىلىدۇ.
ھەميىل مۇرەككەپ يەنە مۇرەككەپ خىلىتلەردىن بولغان قىزىتمىنىڭ تۇتۇش ۋاقتى خىلمۇ خىل بولۇپ، بەزىدە بۇگۈنى تۇتسا،ئەتىسى ياخشىلىنىپ قالىدۇ، بۇگۈنى ياخشىلىنىپ قالسا ئەتىسى تۇتىدۇ، شۇڭا ئەھۋالنىڭ ھەر خىلىغا قاراپ، داۋالاشمۇ ھەرخىل بۇلىدۇ.
سىل قىزىتمىسى ئۆپكە ياكى باشقا ئەزالاردا سىل كېسەللىكى يۈز بەرگەندىن كېيىن بىلىلندىغان قىزىتما بولۇپ، ئۇزاققا سوزىلىدۇ. ئۇنىڭ ئالامىتى: ئاغرىق كىشى ئۇرۇقلاپ، ئاجىزلىشىپ كۆزلىرى ئولتۇرشىپ كېتىدۇ، مەڭزى شاپتۇل چېچىكى رەڭگىدە قىزىرىپ قالىدۇ(خۇسۇسەن چۈشتىن كېيىن).بۇنداق كېسەلگە دائىم ئارپا سۈيىنى مۇزغا قۇيۇپ سويۇتۇپ قەنت سېلىپ بېرىلىدۇ.بېنەپشە يېغى بىلەن بەدەنى ياغلاپ بېرىلىدۇ، گۇلاپقا رەخنى چىلاپ كۆكىرىكىگە قويۇپ بېرىلىدۇ (گۇلاپقا سەندەل بىلەن كاپۇرنى سۈرۈپ ئارلاشتۇرۇش ۋە مۇز ئۈستىدە قويۇپ سوۋۇتۇش كېرەك)، كېسەلنىڭ تامىقىغا بېلىق گۆشى شورپا قىلىپ ياكى بادام يېغى بىلەن قورۇپ، ئوسۇڭ، پالەك سېلىپ بېرىلىدۇ. قىززىتما يۇقىرى بولمىسا، سۈت ئىچكۈزىلىدۇ،خۇسۇسەن ئېشەك سۈتى ئىچكۈزۈلىدۇ. چالا پىشىرۇلغان تۇخۇم بېرىلىدۇ. ئانار، شاپتۇل، ھۆل چىلان، ئالمىغا ئوخشاش مىۋىلەر ئاز-ئازدىن بېرىپ تۇرلىدۇ. ئۈزۈم، ئەنجۈرلەرنىمۇ ئارلاپ بەرگىلى بولىدۇ. بۇ كېسەل سىل كېسەلنىڭ بىرخىل ئالامىتى بولغىنى ئۈچۈن قىززىتمىنى پەيدا قىلغان سىل كېسەللىكىنى ئۆز ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالاش لازىم، شۇندىلا، كېسەلنىڭ قىززىتمىسىىنى توختۇتۇپ ساقايتىش لازىم.