جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 3044|ئىنكاس: 10

ئەر-ئاياللارچوقۇمكۆرۈڭلا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن ئۈندىدارغا ئۆچ 1 مەن بىر ئائىلە ئايالى، ئىسمى جىسمىغالايىق ئائىلە ئايالى... چۈنكى مېنىڭ كۈنلىرىم مۇشۇ تۆت تامنىڭ ئىچىدە ئۆمۈرلۈك ھەمراھىم، تايانچىم بولمىش ئىرىمنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئىشىككە تەلمۈرۈش بىلەن ئۆتىدۇ، مەن باشقا ئاياللاردەك سىرتلارغا چىقالمايمەن، بازار ئايلىنالمايمەن، ھەتتا بىردەم يېرىمدەم مۇڭ بولغىدەك دوستۇممۇ يوق! ماڭا ھەمراھ بولىدىغىنى قارنىمدىكى ئالتە ئايلىق بولغان پەرزەنتىم ۋە ئۆيۈمنىڭ تۆت تېمى، غېرىپسىنىش ئىلكىدە، خام خىياللىرىم بىلەن ئۆزەمنى بەزلەپ ئۇنى كۈتىمەن...ئىرىم ئەتتىگەن بامدات ۋاقىتلىرى بىلەن چىقىپ كەتسە خۇپتەندىن كېيىن قايتىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ تىجارەت قىلىۋاتقىنىنى بىلىمەن، لېكىن سورىغۇم كېلىدۇ: نىمانچە كەچ قالىسىز؟ دېگۇم كېلىدۇ: ماڭا كۆپرەك ھەمراھ بولسىڭىزچۇ! گەرچە ئۇنىڭ نىمە دەپ جاۋاپ بېرىدىغىنى كۆڭلۈمگە ئايان بولسىمۇ....ئەگەر مەن ئۇنىڭدىن كەچ قالدىڭىزغۇ دھپ سورايدىغان بولسام ئۇ چوقۇم مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈپ: بىر قىز بىلەن كۆرۈشكىلى باردىم، دەيدۇ، گەرچە ئۇنىڭ سىرتتا ناشايان ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، بۇ سۆزلىرىدىن يۈرىكىم چوغقا چۈشكەن گۆشتەك پۇچىلىنىدۇ، شۇڭا سورىمايمەن، پەقەت ئىشىككە تەلمۈرۈپ كۈتىمەن. بەزىدە ئۆز- ئۆزەمگە سۆزلەپ قالىمەن: ئايال كىشى بولغانلىقىم ئۈچۈنلا غېرىپ بولىشىم كېرەكمۇ؟ ئىرىم كەچلىرى تولىمۇ چارچىغان ھالدا ئۆيگە كېلىدۇ، قاراڭغۇ ئۆيگە ھەسەن ھۈسەن چۈشكەندەك خوشاللىقتا قىلغىلى قېلىق تاپالماي كېتىمەن، لېكىن ئۇنىڭ ماڭا قاراپ قويغۇدەكمۇ ھالى يوق، دەيدۇ، ۋە پۇتلىرىنى قۇچىقىمغا تاشلىغىنىچە خورەكلىرىنى باشلايدۇ...پۇتلىرىنى تۇتۇپ ئولتۇرغان ئايالنىڭمۇ مېھرى مۇھەببەتكە مۇھتاج بولۇپ ئۆزىگە تەلمۈرىۋاتقىنىنى بىلمەيدىغاندەكلا ...پۇتىنى بىردەم تۇتقاندىن كېيىن چىراقنى ئۆچۈرۈپ ئاستا قېشىغا كىرىپ ياتىمەن، قوللىرىنى ئاستا تارتىپ ئەكىلىپ قورسىقىمدا ھەدەپ تېپىچەكلاۋاتقان پەرزەنتىمىزنىڭ ئۈستىگە قويىمەن، لېكىن ئۇ ھېچنىمىدىن بىخۋەر ... بۈگۈن ئۇنىڭ يېنىدا خورەكلىرىنى تىڭشاپ شۇنچە ئۇزۇن ياتساممۇ پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمىدى، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ تېلىفۇنىدىن كەلگەن ئەۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم، ئۇنىڭ تېلىفۇنىنى ئاقتۇرۇشۇمنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، يەنىلا قانداقتۇر بىر ۋەسۋەسە مېنى كۆرۈشكە قىستايتتى. تېلىفۇننى قولۇمغا ئېلىپ بار ئاۋازىنى ئەتتىم ۋە ئاستا يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقتىم،-دە، ياندىكى ياتاق ئۆيگە كىردىم. بايىقى ئاۋاز ئۇنىڭ تېلىفۇنىدىكى ئۈندىداردىن كەلگەن ئىكەن، قارىسام ئۇنىڭ دوستلىرى تىزىملىكىدە 70تىن ئارتۇق ئادەم بار بولۇپ ئەلۋەتتە ئاياللارمۇ بار ئىكەن، ئاياللارنىڭ ئىسمىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرىۋەتكۈم كەلگەن بولسىمۇ پېتىنالمىدىم. تۇيۇقسىز كاللامغا بىر خىيال كەلدى....ئۆزەمنىڭ يان تېلىفۇنىنى ئالدىم ۋە تېلىفۇنۇمغا ئۈندىدار سېستىمىسىنى قاچىلىدىم، يەنە نومۇردىن بىرنى ئېلىپ چىرايلىققىنا دەپ ئىسىممۇ قويىۋالدىم ۋە ئىرىمنىڭ نومۇرىغا مېنى قاچىلاشقا تەكلىپ ئەۋەتتىم.... ئەتىسى ئۇخلاپ قوپۇپ بۇلارنى تامام ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن، ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى، ئۆزەمچە لەمپۇڭ يىگۈم كېلىپ تۇرالمايلا قالدىم، كۆزۈمگە پەقەت لەمپۇڭلا كۆرۈنىدۇ، باشقا ھېچنىمە يىگۈم يوق، ئەتتىگەندىن بېرى ئاغزىمغا گىياھ سالماپتىمەن، ئاخىرى چىدىماي ئىرىمگە تېلىفۇن ئۇردۇم، - بۇ كەچتە لەمپۇڭ ئىزدەپ نەگە بارىمەن؟ ئۆزىڭىز ئۆيدە بىر نەرسە قىلىپ يەپ تۇرىڭە، شىركەتتە ئالدىراشلىقتا باش قاشلىغۇدەكمۇ ئارام يوق، يەنە كېچە ئىشلەيدىغان ئوخشايمەن شۇ تاپ... كۆز ياشلىرىم يامغۇردەك تۆكىلەتتى، ئاخىرى ئاچ قورساق يېتىپ قالماقچى بولدۇم، بەلكىم ئۇخلاپ قالسام ئۆتۈپ كېتەر، ئەتە ئېرىم كەلگەندە ئالغاچ كېلەر، بىچارە ئىرىم، بىر ئۆي ھەلەكچىلىكىدە كېچىلەپ ئىشلەيدۇ، ماڭىمۇ تازا ياخشىلىق ياراشمايدىكەن، بىكار يېتىپ يىگەنلىرىم بېقىنىمغا تەپكەن ئوخشايدۇ... ئۆزەمنى شۇنداق ئەيىپلەپ يۈرۈپ ئورۇن سالدىم، سائەت نەچچە بولغاندۇ؟ تېلىفۇنۇمنى قولۇمغا ئېلىپ قايسى كۈندىكى ئىشلار يادىمدىن كەچتى، ئۈندىدارنى ئاچتىم، ئېچىشىمغىلا ئارقا ئارقىدىن نەچچىنى توۋلىۋەتتى، يۈرىكىم جىغغىدە قىلدى، راستىنلا ئۇنىڭدىن ئىككى قېتىم ئۇچۇر كەلگەن ئىدى، ، ، ئىككىنچى ئۇچۇر تېخى ئون مىنۇت بۇرۇن، مېنىڭ سۈيۈملۈك ئىرىم باش قاشلىغۇدەكمۇ ئارام يوق ئىشلەۋاتقاندا يېزىلغان ئىدى، تېخى بايىلا سېزىكچىلىكتە تۆككەن ياشلىرىم ئۈچۈن ئۆزەمنى ئەيپلەپ، ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقىنىمدا يېزىلغان ئىدى... ئۆزەمنى چوڭقۇر، تولىمۇ چوڭقۇر بىر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، قۇلاق تۈۋىمدە مېنىڭ ئاۋازىمغا تولىمۇ ئوخشايدىغان بىر ئاۋاز ياڭراۋاتقاندەك قىلاتتى: مەن ئۈندىدارغا ئۆچ!!! دىۋان ئەسمەتۇللاھ داۋامى.... ئەتىسى كەچتە ئىرىم يەنە كەچ قايتىپ كەلدى، مەنمۇ جىمجىت قارشى ئالدىم، كۈندىكىدەك ئۇنىڭ خورەك ئاۋازىنى تىڭشىغاچ پۇتىنى تۇتتۇم، لەمپۇڭ يىيىشمۇ ئۇنتۇلدى، خۇددى مېنىڭ زادىلا يىگۈم كېلىپ باقمىغاندەك... شۇ تەرىقىدە يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن دەرقەمتە تۇرۇپ پاراڭلىشالمىغىنىم بىلەن ئۈندىداردا مۇڭدىشاتتىم، بىر كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا ئۆتۈنۈپ تۇرۇپ دېدىم: - ئۈندىدارنى ماڭىمۇ ئېلىپ بېرىڭا، زېرىككەنلىرىمدە سىزگە ئۇچۇر يوللاي، ئۇنىڭ ئالىيىشى بىلەن ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتتى، - سىزگە نىمە قويۇپتۇ، ئۈندىدارنى؟ قالايمىقان ئىشلار بەك كۆپ نىمە ئۇ! بولمايدۇ! شۇنداق دىگىنىچە ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ..... شۇندىن كېيىن مەنمۇ بۇ توغرىلىق ئېغىز ئاچمىدىم، ئەمما (نۇزۇك) ئىسمىم بىلەن ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىۋەردىم. ئۇنىڭغا چىرايلىق رەسىملەرنى ئەقلىيە سۆزلەرنى ئەۋەتتىم ، ئۇمۇ ئۆزى ياقتۇرغان سۈرەتلەرنى ئەۋەتەتتى. گەپنى ئۇزارتماي، بىزنىڭ ئۈندىدار خاتىرىمىزنىڭ بەزى يەرلىرىنى يازاي: ـئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، جۈرئەت ئەپەندى، بارمۇ سىز؟ - بارغۇ خان! ـتۈنۈگۈن ئەۋەتكەن سۈرەت بەك چىرايلىقكەن، ھېلىقى 999تال ئەتىرگۈلنىڭ سۈرىتىچۇ! راست گۈل بولسىچۇ دەپ كەتتىم - ئۇمۇ بوپ قالا، - ـئاۋازلىق پاراڭلاشساقچۇ! - ئالدىرىشىم چىقىپ قالدى، سەل تۇرۇپ پاراڭلىشايلى، ئەتىسى، - بارمۇ سىز، نۇزۇك؟ - مانا بار، ـئاۋازلىق پاراڭلىشايلى - ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئەۋرەت، بىلمەمسىز؟ نامەھرەملەر ئاڭلىسا بولمايدۇ! - كەچۈرۈڭ، -جۈرئەت، سىز راستىنلا جۈرئەتلىكمۇ؟ ـشۇنداق، سوراپ قالدىڭىزغۇ؟ - زادى قانچىلىك جۈرئىتىڭىز بار؟ - قانداق دەيسىز؟ - مەسىلەن ، مىنى ئىرىمنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ قاچقۇدەك جۈرئىتىڭىز بارمۇ؟ ئون مىنۇتتىن كىيىن - چاخچاق قىلىپ قويدۇم، مەن ئاجراشقىلى بەش ئاي بولدى، - شۇنداقمۇ، ئالدىراش بوپ قالدىم ، كىيىن كۆرىشەيلى شۇنداق قىلىپ بىر ئاي ئىچىدە مەن ئىرىم بىلەن توردا يۈرۈپ قالدىم . ھەر قېتىم ئۈندىداردا ئىرىم بىلەن خوشلىشىپ بولۇپ ، ئۆز ئۆزەمگە نىدا قىلاتتىم: مەن ئۈندىدارغا ئۆچ!!! يىكەنداز ئەسمەتۇللاھ شۇنداق قىلىپ ئىرىم بىلەن يۈرۈپ قالدىم... - نۇزۇك، سىزنى راستلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم، كۆرىشەيلىچۇ ـئايالىڭىزچۇ، ـئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن دىسەم يالغان، لېكىن ئۇمۇ سىزدەك مېنى چۈشەنسىچۇ، كاشكى! - ھە... - كۆرىشەيلى، - لېكىن سىز ماڭا نامەھرەمسىز ـئۇنداقتا ماڭا تېگىڭ - توۋا دەڭە ، ئايالىڭىزچۇ؟ - بىر ئەرگە تۆت خوتۇن دۇرۇسقۇ - لېكىن.... شۇنداق دەپ يۈرۈپ مەن ئىرىمگە تىگىدىغان بولدۇم... - نەدە كۆرۈشسەك بولار، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە خوتۇنىڭىز بار، مېنىڭكىدە ھەدەملەر بار - مەن مېھمانسارايدىن ياتاق ئاچاي - بولارمۇ؟ - ئەلۋەتتە بولىدۇ - موللامنى سىز ئېلىپ كىلەمسىز يا؟ - ـ نىمە ؟ مېنى نىكاھلىماي ياتاققا ئەكىرمەكچىمىدىڭىز؟ - لېكىن بىز تېخى يۈز كۆرۈشمىگەن تۇرساق... - مەن ئايال كىشى جېنىمدا سىزنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنسەم ، قويىڭە، جۈرئەتمىش تېخى... - مەن ئۇنداق دىمىدىمغۇ - بولدى ،مېنى ئەمدى ئىزدىمەڭ! - سىز نىمە دىسىڭىز شۇنداق بولسۇن.... بۈگۈن مەن ئىرىمگە ئىككىنچى خوتۇن بولغىلى بارىمەن..... گىلەم ئەسمەتۇللاھ داۋامى - نۇزۇك ، بارمۇ سىز؟ - بارغۇ، سىزنى قاچان چىقاركىن دەپ تېلىفۇنۇمغا ھومىيىپ ئولتۇراتتىم، ـشۇندامۇ؟ نۇزۇك ياتاقنى زاكاس قىلىپ قويدۇم، ئەمدى بولسىمۇ ئىسمىڭىزنى ئېيتىپ بىرەرسىز - مېنىڭچە قانچە سىرلىق بولسا شۇنچە گۈزەل بولىدۇ، بۇ كۈنلىرىمىزنىڭ بىز مەڭگۈ كۈلۈپ ئەسلەيدىغان خاتىرە بولىشىنى خالىمامسىز - ـ قاراڭ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئىككى قاچىدا تاماق بولسا، سىز ئغىزى چىڭ يېپىلغىنىغا قىزىقامسىز، ياكى ئوچۇق تۇرغىنىغىمۇ؟ سىزنى تويۇقسىز ھەيران قالدۇرسام دەيمەن. - لېكىنزە... - ئىشەنمىسىڭىز ھېلىمۇ توختاپ قالسىڭىز ئۈلگۈرىسىز - ئىشەنمەيمەن دىگەنىم يوققۇ ـئەخمەق، يارىماي قالسام سۆزۈنى بىرىۋەتسىڭىزلا ئىشىڭىز تۈگەيدۇ، لېكىن مەنچۇ، بىر قېرى بوۋايمىدۇ دىسەممۇ، يەنىلا تەۋەككۈل كىلدىمغۇ - ئۇنداقتا كەچ سائەت يەتتىدە خاڭجۇ مېھمانسارىيىدا كۆرىشەيلى، ئادرىسى..... بىردەمدىنكېيىن ئىرىم ماڭا تېلىفۇن ئۇردى - ھلىقى يىڭى كاستومىمنى تەييارلاپ قويۇڭ، كەچتە شىركەتنىڭ مېھمانلىرى بار، كىگىز ئەسمەتۇللاھ - بۈگۈن مىجەزىم يوق تۇرىدۇ، بارمىسىڭىز بولمامدۇ؟ - ئېلىشىپ قالمىغانسىز بۈگۈن، مەن ئوينىغىلى ئەمەس خىزمەت قىلغىلى بارىمەن . مىجەزىڭىز بولمىسا ئاپىڭىزنىڭكىگە بېرىڭ، - ئەمىسە ئاچچىق چۈچۈك بىر نەرسە ئالغاچ كىلەلەمسىز.... - مەن بېرىپ ئىتىپ بىرەي ئەمدى ئاچچىق چۈچۈك تاماقنى، نىمانداق.... ئۇ شۇنداق دەپ غودۇڭشىغىنىچە تېلىفۇننى قويىۋەتتى، بوغۇزۇمغا بىر ئاچچىق يېغا كەپلەشتى، قانداق قىلاي، كىيىملىرىگە تۈجۈپىلەپ دەزمال سالدىم، ئاندىن بۇرۇن ئانچە مۇنچە دىندىن ساۋاق بەرگەن ئۇستازىمغا تېلىفۇن قىلدىم.ئۇستازىم مىنىڭ توقىغان ھىكايەمگە تىزلا ئىشەندى، كەچتە مېھمانسارايغا نىكاھىمىزنى يىڭىلىغىلى كېلىدىغان، گۇۋاچىلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدىغان بولدى.. 2 مەن ئۈندىدارغا ئۆچ 2 ئىرىم قايتىپ كەلدى، كېلىشىگە قولىغا قاراپتىمەن، توۋا، خۇددى مىنى ئويلىمىسىمۇ قورسىقىمدىكى بالىسىنى ئويلاپ بىرەر نەرسە ئالغاچ كېلىدىغۇ، دىگەن تەمادا... - بۈگۈن كېلەلمەسلىكىم مۇمكىن، مىنى ساقلىماي ئۇخلاۋىرىڭ، شىركەتتە ئىش بېسىۋالدى. ئۇ شۇنداق دېگىنىچە چىرايىمغىمۇ قارىماستىن چىقىپ كەتتى، شۇ تاپتا مېنىڭ مىسكىن كۆزلىرىمگە قارىسىڭىزچۇ، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ ، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ، دەپلا سوراپ قويسىڭىز ھەممىنى ، ھەممىنى بىراقلا دەۋەتمەسمىدىم؟ لېكىن سىزنىڭ ماڭا قارىغۇدەك تاۋىڭىز يوق جېنىم، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ھېلىقى چىڭ يېپىقلىق قاچىدىكى ئاشتا،.... كىيىم ئىشكاۋىمنى ئېچىپ ئىرىم بۇرۇن بەكمۇ ياقتۇرىدىغان قىزىل گۈل بېسىلغان ئاق كۆينىكىمنى ئېلىپ كەيدىم، ئۈستىگە قارا ئابايىمنى كىيىپ، قارا چۈمبەل بىلەن يۈزۈمنى ياپتىم ، قورسىقىم يەتتە ئاي بولاي دىگەن بولسىمۇ ، ئابايىدىن بەك بىلىنىپ كەتمەيتتى.... مەن مېھمانساراينىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە يەتتە يېرىمدىن ئاشقان ئىدى، ئۈندىدارنى ئاچتىم.. 7# ئەسمەتۇللاھ مەن كىلىپ بولدۇم ، - سىز دىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئەكەلدىم، توخۇ گۆشى قورۇمىسى، كاۋاپ، گازىر پۇرچاق، يەنە تېخى سىز ئالاھىدە جىكىلىگەن لەمپۇڭمۇ بار، پەقەت سىزلە كەم . - راستىنلا جىددىيلىشىۋاتىمەن، - نىمانداق كېلىپ بولالمايسىز ، كىشىنى تەشنا قىلىپ... ـمېنى ئالداپ قويدىڭىزمۇ يا - گەپ قىلسىڭىزچۇ ئارقا ئارقىدىن كېلىۋاتقان ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ئاچچىق كۈلدۈم، ئەمدى كەينىمگە يېنىشقا ئامال يوق، بۇ ئويۇننى ئوينىغانكەنمەن ئاخىرىغىچە ئوينىشىم كېرەك! - مانا كىرىۋاتىمەن، نىمانچە پىت ئۈچەيسىز، لېكىن سىزنى كۆرىدىغىنىمنى ئويلىسام پۇت قولۇم تىترىشىپ قەدەمنىمۇ تۈزۈك ئالالمايۋاتىمەن، ئوتىڭىز يامانكەن جۇمۇ شۇ ئارىدا ئۇستازىم ئىككى تالىپىنى ئەگەشتۈرۈپ يىتىپ كەلدى، ئالدىغا سالامغا باردىم ۋە نۇرغۇن تەكەللۇپلاردىن كىيىن ئۇلارنى باشلاپ ماڭدىم، تاك. تاك. تاك... ئىشىك ئېچىلدى، ئەنە مەن سۆيگەن مەن ئىشەنگەن، مەن ئۆمۈرلۈك تايانچىم قىلىپ تاللىغان ئىرىم ھاياجان بىلەن ئىشىكنى ئاچتىيۇ، مەن بىلەن بىللە كەلگەنلەرنى كۆرۈپ لەسسىدە بولغىنىنى باشقىلاردىن يۇشۇرالىسىمۇ مەندىن يۇشۇرالمىدى، - نىكاھ تولىمۇ مۇقەددەستۇر ، بالىلىرىم ، نىكاھىڭلارنى قەدىرلەڭلار، بۈگۈن يەنە بىر يەرگە چارقىرىپتىكەن، كۆپ سۆزلىيەلمەيدىغان بولدۇم ، نىكاھنى باشلايلى، قىزىم ، ئىسمىڭىز نىمىكىن؟ - پاتىمە... پىچىرلاپ دىگۈدەك جاۋاپ بەردىم، خۇددى ئۇنىڭ تونۇۋېلىشىدىن قورققاندەك، قارىغاندا بۈگۈن ئىرىمگە بەكلا تەگكۈم كەلگەن چېغى.... 8# ئەسمەتۇللاھ ئۇ مىنى پاتىگۇل دەپ ئاتاپ كۆنۈپ كەتكەچكىمۇ، ئىسمىمغا بەك ئىرەن قىلمىدى. - سىزچۇ ئوغلۇم؟ - ئالىم... - تويلۇقچۇ؟ - پۇل قويساممۇ بولامدۇ؟ - بولىدۇ. ئۇ ئىككى مىڭ يۈەننى ئۈستەلگە قويدى. ئايەت ۋە دۇئالاردىن كىيىن موللامنىڭ ‹ پاتىمەخان، مۇنۇ ئىككى مىڭ يۈەن مەھرى بىلەن ، مۇنۇ ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن، ئۆزلىرىنى ئالىمجانغا خاتۇنلۇققا قوبۇل ئەتتىلىمۇ› دىگەن سوئالىغا پىچىرلاپ دىگۈدەك ‹قوبۇل قىلدىم› دەپ جاۋاپ بەردىم، ئىرىممۇ مېنى قوبۇل قىلدى، لېكىن ئۇنىڭ خىيالىدىكى مەھبۇب زادىلا مەن ئەمەس ئىدىم... شۇنداق قىلىپ موللام ئۆزىگە تېگىشلىك 200يۈەننى ئېلىپ، ئىرىمنىڭ داستىخانغا تۇتقانلىرىغا قارىماي خوشلاشتى.... ئەمدى ياتاقتا ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق، خۇددى ئۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن يالغۇز قېلىپ باقمىغاندەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتاتتىم، يۈرىكىم خۇددى بېشىمغا چىقىۋېلىپ سەكرەۋاتقاندەك قىلاتتى، ‹كەلمەڭ جېنىم، يېنىمغا كەلمەڭ، مەن ئايالىمنى ياخشى كۆرىمەن، دەپ يېنىمدىن كېتىپ قېلىڭ› شۇنداق دەپ ئۈنسىز نىدا قىلاتتىم ، ياشلىرىم يامغۇردەك تۆكۈلمەكتە، ئۇ ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى، ئاخىرقى بىر قەدەمنى ئالسىلا يېنىمغا كىلەتتى. مەن بۇ ئويۇننىڭ خاتىمىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئوينىشىم كىرەك ئىدى.... 9# ئەسمەتۇللاھ ئاھ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تىترىمەكتە، ئاجىز يۈرىكىم تىترىمەكتە، خۇددى يىڭى توي كېچىسىدىكى قىزدەك، بىراق ئوخشىمايدىغىنى، يۈرىكىم تويۇم بولغان كېچىدىكى شىرىن قورقۇنچ بىلەن ئەمەس، ئەلەملىك ئازاپ بىلەن تىترىمەكتە...... قانداق قىلاي، ئۇ يۈزۈمنى ئېچىشتىن بۇرۇن يۈگىرەپ ياتاقتىن قېچىپ كېتەيمۇ ۋە ياكى مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە چۈمپەردىنى ئېلىپ تاشلاپ ئۇنى پۇخادىن چىققۇچە تىللايمۇ؟.... ئۇ قۇلاق تۈۋىمدە بىر نىمىلارنى دەپ شىۋىرلايتتى، قۇلىقىمغا ھېچ نەرسە كىرمەيدۇ، بەلكىم مۇھەببەتلىك شىرىن پاراڭلىرى بىلەن ئاغزى ئېچىلمىغان بۇ تاماقنى مەززە قىلىپ يىمەكچىدۇ؟ ئەي ئەرلەر، سىلەر نىمىشقا قانائەت قىلمايدىغانسىلەر، نىمىشقا ؟...قەلبىمدە ئۈنسىز نىدالار چۇقان كۆتۈرمەكتە...... ئۇ ئاستا ماڭا يېقىنلىشىپ كەلدى ، يۈزۈمنى ئۆرىۋالدىم، - ناز قىلما جېنىم، ئەمدى سەن مېنىڭ بولدۇڭ، جامالىڭنى ماڭا كۆرسەت..... بەدەنلىرىم تىكەنلەشتى، كاشكى ، ئەي ئەر! ئۆيۈڭدە سېنى كۈتىۋاتقان ئاشۇ ئاجىزە ئايالىڭغىمۇ شۇنداق تەلپۈنسەڭ! ئۇ مۈرىلىرىمدىن تۇتۇپ مىنى ئۆزىگە قاراتتى ۋە چۈمپەردەمنى ئاستا ئاچتى، ئاچتىيۇ، خۇددى ئەرۋاھ كۆرگەندەك تاتىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ قوللىرى تېخىچە بېشىمدا ئىدى، نەدىن كەلگەن كۈچ، بىلمىدىم، يېغلاپ ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىش ئورنىغا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم، ئۇ قاتتىق كۈلكەمدىن چۆچىدىمۇ، كەينىگە داجىدى. - شۇنداق، مەن جېنىم ، مىنى تونىمايۋاتامسەن،ـئۇنى ئۆمرۈمدە سەنلەپ سۆزلىگىنىمنى بىلمەيتتىم، - تونىمايۋاتامسەن، تېخى بىر يىلنىڭ ئالدىدا باغرىڭغا بېسىپ تۇرۇپ ‹سېنى سۆيىمەن› دىگەن گۈلۈڭ مەن، كۈن كۈنلەپ سېنىڭ قايتىپ كېلىشىڭنى كۈتۈپ قورسىقىمدىكى پەرزەنتىڭ بىلەن بىللە يولۇڭغا تەلمۈرگەن ھالال جۈپتىڭ مەن! سەن كېچە ئىشلەيمەن دەپ كېچىلەپ ئۆيگە قايتمىغاندا، ساڭا ئىشىنىپ ئەخمەق بولغان كالۋا ئايالىڭ مەن، سەن نىمىنى بىلىسەن ، سەن سېنى ياخشى كۆرگەن ئايالىڭنى قانچىلىك چۈشىنىسەن، سىنىڭ بىلىدىغىنىڭ ئۇنىڭ جىسمى ، ئۇنىڭ تېنى، ئۇنىڭ ئاشۇ ئاجىز ۋۇجۇدىغا قانچىلىك كۈچلۈك غەزەپ يۇشۇرۇنغىنىنى سەن بىلمەيسەن، ئەگەر بىلسەڭ ئىدىڭ ئايال دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئويۇنچۇق دىگەنلىك ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدىمۇ سېنىڭكىگە ئوخشاش، ياق، بەلكى سېنىڭكىدىن كۆپ پاك بىر قەلىبنىڭ بارلىقىنى بىلگەن بولساڭ، اللە بۇيرىغان بۇ مۇقەددەس نىكاھىنى ئۆزۈڭنىڭ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرىدىغان قورال قىلىۋالمىغان بولار ئىدىڭ... كەل، داستىخانغا كەل ئىرىم، بۇ بىزنىڭ توي زىياپىتىمىز، مۇنداقچە ئېيتسام بۇلار ئېغىر ئاياق ئايالىڭنىڭ سېزىكىلكىدە سېغىنغان يىيىشكە نائىل بولالمىغان يىمەكلىكلىرى.... كەلمەمسەن، بىز بىللە ئولتۇرۇپ غىزالانمىغىلى نىكەم،بۈگۈن بىزنىڭ نىكاھىمىز قايتىدىن ئوقۇلدى، ئەمما تاماقتىن كىيىن مېنىڭ ئازابىم بەدىلىگە داۋاملىشىۋاتقان بۇ نىكانىڭ ئاخىرلىشىشىدىن ئۈمىدلىكمەن.... توۋا دەيمەن ، كۆزۈمدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقمايتتى ، خۇددى مەن بۇ ئىشلار ئۈچۈن زادىلا ئازاپلىنىپ باقمىغاندەك..... ئۇ تېخىچە قېتىپلا تۇراتتى، بەلكىم يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ھەيران قېلىۋاتقاندۇ، بەلكىم يىيىشكە ئىنتىزار بولغان ئاغزى ئېچىلمىغان تاماقنىڭ، ئەسلى ئۆزى ئاللىقاچان يەپ بىزار بولغان تاماقلىقىنى بىلىپ ' كۆڭلى يېرىم بولغاندۇ،.... مەنچۇ، مەن يەۋاتىمەن، خۇددى بارلىق ئىشلارنىڭ سەۋەپچىسى مۇشۇ تاماقلاردەك، غەزەپ بىلەن يەۋاتىمەن.... - مېنى كەچۈر... ئۇ شۇ گەپلەرنى قىلدى ۋە بايا سېلىۋەتكەن كاستومىنىمۇ ئالماي ياتاقتىن چىقىپ كەتتى، ئشىك يېپىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىچىمدىكى يېغا كەلكۈنى توغاننى بۇزدى، .... - مەن ئۈندىدارغا ئۆچ!!!! شۇنداق دەپ توۋلىغىنىمچە ئۆزۈمنى كارىۋاتقا ئېتىپ بۇقۇلداپ يېغلىۋەتتىم....... تۈگىدى
   
     مەنبە؛نۇرتورى


ۋاقتى: 2013-6-15 21:48:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ بۇ ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ۋەقەلىككەن.بۇ راسمىدۇ...........


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-15 22:48:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم راستۇ نىمىلامبوپسۇن بەكتەسىرلىك يىزىىپتۇ


ۋاقتى: 2013-6-15 23:31:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ -رەخمەت .


ۋاقتى: 2013-6-16 12:49:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم، رەھمەت


ۋاقتى: 2013-6-16 12:49:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىشلار ئەينەنلا ئىپادىلنىپتۇ


ۋاقتى: 2013-6-17 15:05:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىرىڭىزگە دەرت كەلمىسۇن


ۋاقتى: 2013-6-18 10:07:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،ياخشىمۇ سىلەر!مەن يېڭى دىن كىرگەن دوستۇڭلار بۇلىمەن. مەن بۇ تور بەتتىكى مەزمۇنلار نى ئارىلا    ۋېتىپ،مەزكور يازمىنى كۈرۈپ قالدىم دە،دەرھال دوسلار نىڭ بۇ يازمىغا قارىتا بىرىلگەن كۆز قاراشلىرىغا سەپسالدىم،قارىسەم ھەممە دوسلار دىگۈدەك ناھايتى ئاز دىيەرلىك ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇ،ھەم ئىنكاس مەز مۇنىمۇ بەك ئاددى،خۇددى بىر تەسىرلىك يىكايە ئاڭلىغان دەك،پەقەت لا بۇ ۋەقەلىك نىڭ راسيالغان لىقىنى،تەسىرلەنگەن لىكىنى لا سۆزلەپ تۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ جەمىئىتىمىزدە ھەقىقى يۈزبىرىۋاتقان ئىشلار نىڭ بىرى،مانا بۇ تېما بىز ئۇيغۇرلارنىڭ خانىم قىزلىرىمىز نىڭ قەدىرقىممىتىگە،تۇرمۇشقا،مۇقەددەس نىكاھقا،پەرزەنتىمىز نىڭ كىلەچىكىگە سەلقارىغان كىشىلەرگە بىرىلگەن ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە! جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەركەك لىرىمىز نىڭ قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىش تىن تۈگۈل، خانىم قىز لىرىمىز نىڭ يولدىن چىقىشىغا،ئىناق ئائىلىنىڭ بۇزۇلىشىغا،سەبى باللىرىمىز نىڭ يىتىم بۇلىشىغا سەۋەپ چى بۇلىۋاتىدۇ! ئاياللار نىڭ شەيتىنى يامان كىلىدۇ،شۇڭا يېنىدا چۇقۇم بىر ئىشەنچىلىك،كۈيۈمچان،تىرىشچان،غورور لۈق،تەقۋادار،مەسھۇلىيەتچان بىر ئەر بولغاندا،شۇ ئايال نى ياخشى يىتەكلەپ،پەرزەنت لەر گە ئۈلگە قىلىشى تولىمۇ مۇھىم ئىدى،ئەمما ھازىر جەمئىتىمىز نىمەبۇلىۋاتىدۇ؟ئاياللار نىڭ باغرى يۈمشاق كىلىدۇ،ئۇلار مىھىر مۇھاببەت كە،ھۆرمەتكە،قەدىرلەشكە مۇھتاج!شۇندىلا ئۇلار ھەرقانداق بەدەل تۆلەش كە رازى بۇلىدۇ،سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان كىچىككىنە بىر ئىشلىرىڭىز ئۇنىڭغا زور ئۈمۈتلەرنى ئاتاقىلىدۇ،ئائىلىڭىز نى گۈللەندۈرىدۇ.ئەگەر سىز ئۇنىڭ قەدىر قىممىتىنى قىلماي، شەرىئەتنى دەستەك قىلىپ،ئايالىڭىزنى چۈمبەلگە ئوراپ قۇيۇپ،ئۈزىڭىز سىرىتلاردا ھاۋايى ھەۋىسىڭىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ،شەرىئەت ھۈكۈمىدىكى بىر ئەر گە4 خۇتۇن ھالال دىگەن ھۈكۈمنى ھوقۈقنى قۇلىڭىزدا چىڭ تۇتىۋېلىپ،خانىم قىزلىرىمىز نى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ،ئۇيۇنچۇق ئورنىدا كۈرۈپ،ئاياللار نىڭ ئېزىپ كىتىشىگەسەۋەپچى بۇلىۋاتىدۇ،نىكاھنى كۆزگە ئىلماي،قىيامەتكۈنى نىمەكۈننى كۈرە ھە؟ كۈپ خۇتۇنلۇق بۇلۇش نىڭمۇ يولىبار،ھازىر قى ئەرلىرىمىز ئەينىزامان دىكى ئۇلۇغ لىرىمىز نىڭ يولىنى تۇتالمايدۇ،شۇ بىر ئايال بىلەن كۇپايە قىلسا ،شۈكرى قىلسا،مىللىتىمىز راۋاج تاپقان بۇلارئىدى!ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە كۈرۈپ تۇرغۇچى،ئەرلىرىمىز نىڭ ۋە ئاياللىرىمىز نىڭ ئىنسابىنى تىلەيلى،ئاياللار نىڭ بۇ ئازاپقا سەبىرقىلالماي گۇناھكار بۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،ھەقىقى غورور لۇق ئەركەك بولسىڭىز بىر ئايال بىلەن توختاپ قېلىڭ!


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2شۆھرەت +16 تىللا +25 تۆھپە +13 يىغىش سەۋەبى
ئەلسىھەت + 10 + 10 + 10 ياخشى ئىنكاس.
poskam + 6 + 15 + 3 ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن .

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-6-18 10:37:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋىر يوللىغان ۋاقتى  2013-6-18 10:07
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،ياخشىمۇ سىلەر!مەن  ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم سەۋىر قىرىندىشىم مۇنبىرىمىزگەخۇشكەپسىزبۇنىڭدىن كىيىنمۇداۋاملىق مۇنبىرىمىزنى زىيارەت قىلىپتۇرۇڭ
راستىنى دىسەم سىزنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىڭىزغا قايىل بولدۇم ئاللاھ سىزدىن جۈملىدىن باھارلىق مۇسۇلمان ئەر-ئاياللاردىن رازى بولسۇن
چىن ئېمان-ئېتىقات بەخىش ئەتسۇن،مۇنبىرىمىزدىن نادىرتىمىلىرىڭىزنى ۋەئىنكاسلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىزئاللاھ رەخمەت قىلسۇن


ۋاقتى: 2013-6-18 15:19:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ماڭا شۇنچىلىك ياخشى باھا بىرىپ سىز،رەھمەت سىز گە! مەن ئۇ يازمىنى كۆرگەندىن كىيىن ھاياجىنىم نى باسالماي كۆپ سۆزلەپ سالدىم،چۈنكى ئەتراپىمىزدا بۇنداق ئىشلار بەك جىق،.ادەم كۆزدە كۈرۈپ،قۇلىقى ئاڭلاپ تۇرغاش قىمۇ،شۇنداق يولنى ئۈزىگە ھەمرا قىلىۋالغان قېرىنداشلىرىمىز غا نەسىھەت قىلغۇسى كەپ قالىدىكەن!!!چۈنكى ئاياللار دىگەن بىرمىللەت نىڭ ئوبرازى،ئىپپەتلىك ئايال،بىلىملىك ئايال شۇمىللەت نىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ،(ئەلۋەتتە ئاللاھ ھەممىنى ئالدىن بىلگۈ چى ۋە ئورۇنلاش تۇرغۇچى)..... ئۈزەم غۇ بەك بىلىم لىك ئەمەس،لىكىن بۇتوغۇرلۇق سۆزلىسە گەپ تۇگمەيدىكەن،شۇڭا ئەرئاياللارنىڭ ئىنسابىغا دۇئاقىلايلى دەپلا ئاخىرلاشتۇردۇم.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش