ئۇخلىغاندا دىققەت قىلشقا تېگىشلىك ئىشلار
1. تېببىي نوقتىدىن قارىغاندا، ياستۇقنىڭ ئېگىزلىكى سەككىز سانتىمېتىردىن 12 سانتېمېتىرغىچە بولسا مۇۋاپىق. بەك پەس بولسا، بوينىغا يەل تۇرۇپ قالىدۇ، يەنە مېڭىگە كىرىدىغان قان كۆپىيىپ كېتىپ، ئەتىسى باش ئاغرىيدىغان، قاپاق ئىششىيدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ؛ بەك ئېگىز بولسا نەپەسنىڭ راۋانلىقى توسالغۇغا ئۇچراپ، خورەك تارتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەم دوك بولۇپ قالىدۇ.
2.ئىككى قولنى ياستۇق قىلىپ ئۇخلاش قاننىڭ ئايلنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قول ۋە پۇت ئۇيۇشۇپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ قورساق دۇچ كېلىدىغان بېسىم كۈچىيىدۇ-دە، ئاخىرىدا <<تەتۈر ئېقىملىق قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى>> پەيدا بولىدۇ. 3. يوتقان بىلەن باشنى ئوراپ ئۇخلىغاندا نەپەس قىيىنلىشىشىدۇ، يەنە ئۆزى چىقارغان كاربون (4) ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋېلىپ سالامەتلىكىنى بۇزۇۋالىدۇ، ھەتتا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەتىرى كېلىپ چىقىدۇ.
4. ئېغىزنى يۇمۇپ ئۇخلاش ماغدۇرنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. ئېغىزنى ئېچىپ ئۇخلىغاندا توپا-چاڭلارنى سۈمۈرۈپلا قالماستىن، يەنە كاناي، ئۆپكە ۋە قوۋۇرغىغا سوغۇق تېگىدۇ.
|