نۇسرەتگۈل ئۆمەر
تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز ئېنىق بولمىغاچقا، دائىم خاتالىقلارغا ئۇچراپ تۇرىمىز.
بىرىنچى خاتالىق: ئىممۇنىتېت كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ دېيىش. ئىممۇنىتېت كۈچى خۇددى قان بېسىمى ۋە قان قەنتىگە ئوخشايدۇ، تۆۋەنلەپ كەتسە ئاسانلا باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار تەرىپىدىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، بەك يۇقىرىلاپ كېتىشمۇ بەدەنگە زىيانلىق بولىدۇ. ئىممۇنولوگىيەلىك رېئاكسىيە بەك شىددەتلىك، ۋەيران قىلىش كۈچى بەك چوڭ بولۇپ ئادەم ئاسانلا قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى ۋە رېماتىزم قاتارلىق ئۆزلۈكىدىن ئىممۇنىتېتلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ياخشى بولغان ئىممۇنىتېت كۈچى تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلىغان بولىدۇ ھەم ئۆز – ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى بولىدۇ.
ئىككىنچى خاتالىق: ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئۆزى قارشىلىق كۈچى دەپ قاراش. قارشىلىق كۈچى ئادەتتە ئىممۇنىتېت كۈچى، يەكلەش ئىقتىدارى ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى (ساقىيىش ۋە قايتا ھاسىل بولۇش ئىقتىدارى) قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى شۇلارنىڭ بىرسى خالاس. شۇڭا بەزى كىشىلەرنىڭ ‹‹ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ›› دېيىشى ئىلمىي ئەمەس.
3 – خاتا قاراش: ياشانغانلار بىلەن ئىككىلەمچى ساغلام كىشىلەر توپى دورا ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر زۆرۈرىيىتى بولمىسا دورا ئىستېمال قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولمايدۇ، چۈنكى دورىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا قارىتا كاشىلا قىلىشى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلار ۋە ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىنلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، دەپ ئاتالغان بەزى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولمىغاچقا، ئىستېمال قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.
4 – خاتا قاراش: بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغاچقا، ئالاھىدە قوغداشقا موھتاج بولىدۇ. بۇ قاراشقا بەك ئېسىلىۋالغاندا، بالىلار ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشىدە ئورگانىزملىرىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ، كىچىككىنە زەربىگىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز، چۈنكى ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلاپ ۋە چېنىقتۇرۇپ تۇرغاندا ئاندىن ئۇنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدۇ. بالىلاردا زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئىچى سۈرۈش، چوڭلاردا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان تاشما (ئەسۋە) پەيدا بولۇش، قىزىتمىسى يانماسلىق ۋە بوغۇملىرى ئىششىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتسە بولىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:
1.بالىنى ھەددىدىن زىيادە پاكىز بېقىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئەسلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارىتا ئىممۇنولوگىيەلىك ئەستە ساقلاشنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەگەر كېيىنكى قېتىمدا ئوخشاش بىر كېسەللىك باكتېرىيەسىگە يولۇقسا ناھايىتى تېزلىكتە ئۇنى يوقىتىدۇ. ئەگەر بالىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى بەك پاكىز بولۇپ كەتسە، يۇقۇملىنىشتىن ئانتىتېلا (قارشى تۇرغۇچى) لارنىڭ پەيدا بولۇش پۇرسىتى ئازىيىپ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
2.كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن ھوشيار بولۇش كېرەك. گەرچە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى كۈچلۈك بولسىمۇ، ناچار كەيپىيات ۋە بېسىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلاش ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ. ئەمما بېسىم ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بەدەننى زۇكام ياكى باشقا كېسەللەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىتىدۇ. بەدىنىدىكى بەزى بىئاراملىقلارنى سەزگەن ھامان ئۇيقۇ ۋە يېمەك – ئىچمەكتىن باشلاپ دىققەت قىلىش كېرەك. ياخشى ئۇيقۇ بەدەندىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى كۆپەيتىدۇ، جىگەرنىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدەنگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلار يوقىتىلىدۇ.
3.ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارنى تەكشى تولۇقلاش كېرەك. ياشانغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرىدىغان بەزى ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى يېيىش ئوزۇقلۇقنى تەكشى تولۇقلىغانغا يەتمەيدۇ، چۈنكى ئوزۇقلۇقلار ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاساسى بولىدۇ. كۈندە بىردىن تۇخۇم، 250 مىللىلىتىر سۈت ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، سۈپەتلىك ئاقسىل بىلەن تەمىنلەشكە كېپىللىك قىلىنىپ، ھايۋانات خاراكتېرلىك يېمەكلىك ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى ياسالمىلارنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئادەتتە چوقۇم تەركىبىدە مىكرو ئېلېمېنتلار، ۋىتامىنلار ۋە يېمەكلىك تالالىرى مول بولغان يېشىل يوپۇرماقلىق يېڭى كۆكتات ۋە يېڭى مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.
4. ھەرىكەت ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. مۇۋاپىق ھەرىكەت پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورگانىزم توقۇلمىلىرىنىڭ قېرىشى ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كېچىكتۈرىدۇ.
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى