سەھەر يۈرەك كېسىلى ۋە قان يېتىشمەسلىك تىپىدىكى سەكتە ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت . تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا ، بۇنى سەھەردە قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدىغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ناشتا قىلمىسا، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، ئاسانلا يۈرەك كېسىلى ۋە قان يېتىشمەسلىك تىپىدىكى سەكتە يۈز بېرىدىكەن.
ناشتا قىلىش پەقەت ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن ، تېخىمۇ مۇھىمى يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر .
سەيدۇللا سەمەت تەرجىمىسى
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى