سۈگەل
سۆگەل بولسا تىرىدىن كۆتۇرلۇپ تۇرىدىغان رەڭگى قارا، قىزىل، سارغۇچ، بەزىلىرىنىڭ ئۇچى توم، تۇۋى ئىنچىكە، ئۇچى يېرىلغان ھالەتتە بولىدىغان ئۆسمىلەردىن ئىبارەت.
سەۋەبى: بەلغەم خىلىتىگە قۇيۇق غەيرى سەۋدانىڭ ئارىلىشىپ تىرە تۆكىلىشدىن پەيدا بولىدۇ. بەزى قانغا سەۋدانىڭ ئارىلىششىدىن بولىدۇ.
ئالامىتى: يۇقارقى شەكىلدىكى ئۆسمىلەرنىڭ پەيدا بۇلۈشى بىلەن يۈز ساھەسىدە پەيدا بولغانلىرى زېدىلنىپ زەرداپ ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇغدايسىمان كىچىك بولغانلىرى قىچىشىش بىلەن قاشلىسا ئاغرىش، بەزى ئەتراپلىرى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرلىدۇ.
داۋالاش: ئالدى بىلەن بەلغەم سەۋدانىڭ مۇنزىچ-مۇسھىللىرىنى بىرىپ قان تازىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن مەتبۇخ ئەفتىمۇننى كۆپرەك بىرىش كىرەك، ئەگەر قاننىڭ غالىپلىقىدىن بولسا قان ئېلىش، قانغا سەۋدا ئارىلاشقاندىن بولسا سەۋدانىڭ مۇنزىچىغا شاھتەررە قۇشۇپ بىرىش لازىم. ئىسىتىمال قىلىش ئۈچۈن مەجۈنى چۆبچىن، ھەببى مۇقەل، چىلان شەربەتلىرىنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرۇپ ئىچىش لازىم.
زىمادى ئۈچۈن: 100گىرام بىدەنجىر يېغىغا سىيادان، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، جاڭگال توغرىغۇسى 15گىرامدىن ئېلىپ سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ چېپىلسا چۈشۈرىدۇ ياكى سىركە، تۇز، گۇڭگۇرت يېغى، زەرنەخ، ھاكلارنى بىرلەشتۈرۈپ چاپسىمۇ مەنپەئەتلىك.
غىزاسىغا: بەلغەمگە سەۋدا ئارىلاشقاندىن پەيدا بولغانلارغا قوي، كەپتەر، تۇخا گۆشلىرىنىڭ شورپىلىرى بىرىلسە، سۈت چايلىرى بىرىلسە بولىدۇ. قانغا سەۋدا ئارىلاشقاندىن بولغانلىرىغا ۋاقتىنچە قورۇلغان گۆشلەر بىرىلمەيدۇ. بەلغەمگە سەۋدا ئارىلاشقاندىن پەيدا بولغان سۆگەل كىسلى بارلارغا كالا، بېلىق، ئۆچكە گۆشلرى، گاڭپەن، ئۈگرە ئاشلار، جىگەر، تال، قورۇلغان تۇخۇم سەيلەر بىرىلمەيدۇ.