جىگەر مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلىنى داۋالاش لاھىيەسى
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەلسىھەت بىلوگىنىڭ ئەزىزى ئۇقۇرمەنلىرى . كەلگەم قەدىمىڭلارغا مەرھابا!
ئالدىنقى يازىمىمىزدا قەنىت سىيىش كىسىلى توغرىسىدا توختالغان ئىدۇق. بۈگۈنكى يازمىمىزدا قەنىت سىيش كىسللىكنىڭ بىر تۈرى بولغان جىگەر مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسەللىكنى تۇنۇش ۋە داۋالاش توغرىسىدا توختىلىمىز. قېنى يازمىنى ئۇقۇشتىن بۇرۇن ئاستى ئۈستىدىكى ئىلانلارنى بىر چىكىۋىتىڭ. ئۈنۈملىك ئىلان چىكىش ئۇسۇلى ئىلاندىكى بەت ئېچلغاندىن كىيىن ئىچىدىكى بىرەر مەزمۇننى كۈرۈشتىن ئىبارەت.
جىگەر مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلدىمۇ قەنىت سىيىش كىسىللىكدىكى 3 كۆپ 1 ئاز ئالامىتى كۈرلىدۇ. قاندىكى قەنىت مىقدارى يۇقۇرى چىقىدۇ. سۈيدۈكتىن قەنىت ماددىسى كۈرلىدۇ. بۆرەك مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسەللىكدىن پارقلىنىدىغان ئالامىتى بىماردا ئۇسۇلۇق بۇرۇن باشلىنىپ ئاندىن كۆپ سىيىش ئالامىتى كۈرلىدۇ. بىمارنىڭ مىزاجى قۇرۇقلۇققا مائىل بۇلىدۇ. ئىغىز تەمى ئاچچىق بۇلۇپ تىلى قۇرغاق كۈرۈلىدۇ.
داۋالاشتا ئادى بىلەن سەۋدا بىلەن بەلغەم خىلتىنىڭ مۇنزىچى 9~15 كۈن بىرلىدۇ. قاندىكى قەنىت ماددىسىنى تۈۋەنلىتىش، ئاشقازان ئاستى بىزىنى ئويغۇتۇپ ئىنسولىن ئىشلەش ئىقتىدارنى ياخشىلاش مەقسىتىدە قۇرسى زىئابىت، سىفوفى زىئابىت بىرلىدۇ. جىگەر ئىقتىدارنى ياخشىلاش مەقسىتىدە شەربىتى بۇزۇرى بانادۇقنى شىكەرسىز تەييارلاپ بىرىش ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇلۇق پەسەيتىش مەقسىتىدە چاھار تۇخۇم تەركىپلىك چايلىق تەييارلاپ بىرىلىدۇ.
قەنىت سىيىش كىسەللىكنىڭ پەرىزى بەك ئېغىر بۇلۇپ پەرىز تۇتالىغاندىلا كىسەللىك ئۈستىدىن غالىپ كەلگىلى بۇلىدۇ. تامىقىغا ئاساسلىق ئاق چامغۇر، پېتىگەن(چەيزە)، پالەك، سامساقنى ياش قوينىڭ بۆرەك ياغلىرى بىلەن ئارپا ئېشى ياكى شويلا قىلىپ بىرىش، ئارپا نېنى بىرىش، قۇشۇمچە يېمەكلىكلەردىن بىلىق، قېتىق سۈزمىسى، كۆك شاپتۇل، ئامۇت قاتارلىقلار بىرىلسە بۇلىدۇ. بۇغداي ئۇنى تامىقى، سوغوق ئىچىملىك، مال گۈشلىرى قاتارلىقلاردىن پەرىز قىلىنىدۇ. يەڭگىل ھەركەت قىلىش، سىمىز كىشىلەر كۈندە 3~4 كىلومىتىر يول مېڭىپ بىرىشنىڭ ئۈنىمى ياخشى.
تىلغا ئېلىنغان دورىلارنىڭ رىتسىپى:
بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلتىنىڭ نۇسخىسى: گاۋزىبان ھىندى، بادىرەنجىبۇيا، ئۈستىقۇددۇس، ئەفتىمۇن، سەرپىستان، قاراھېلىلە ھەر بىرى 21 گىرامدىن، ئارپا بادىيان، رۇمبادىيان، چىڭسەي ئۇرۇغى، قىزىلگۈل، پىرسىياۋشان، بىخسۇس مۇقەششەر ھەر بىرى 30 گىرامدىن، نېپىز زەنجىۋىل، رەۋەن چىينى ھەر بىرى 12 گىرامدىن، ئەنجۈر قېقى ، قۇرۇق ئۈزۈم 45 گىرامدىن.
تەييارلىنىشى: رەۋەن، ئەفتىمۇندىن باشقا دورىلارنى چالا سۇقۇپ ئۈزۈمنى تىتىپ 3 كىلوگىرام سۇغا بىر سوتكا چىلاپ ئۇندىن كېيىن 1.5 كىلوگىرام قالغىچە قاينىتىپ سۈزۈپ سۈيىگە رەۋەن چىينى بىلەن ئەفتىمۇننى يۇمشاق سۇقۇپ شەربەتكە قۇشۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە 3 ۋاخ ھەر قېتىمدا 100 گىرامدىن تاماقتىن بۇرۇن ئىچىلىدۇ.
كېسەللىك ماددىسى پىشقاندىن كېيىن مۇسھىل ئۈچۈن ئايارەنجى لوغانزىيادىن كۈندە بىر ۋاخ 10 گىرامدىن ئۈچ كۈن بىرىلىدۇ. ئۇندىن كېيىن 7 كۈندىن 15 كۈنگىچە ھەببى دىئابىت بىرىلىدۇ.
قۇرسى زىيابىتنىڭ نۇسخىسى: گۈلدارچىن، سەئىدى كۇفى، شاقاقۇل، تاباشىر، جۇپتى بەللۇت، خۇلىنجان، جوز بۇۋا، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ھەر بىرى 30 گىرامدىن، قىزىل گۈل، يالپۇز، سەمىغى ئەرەبى ھەر بىرى 20 گىرامدىن، نېپىز زەنجىۋىل، زۇرەنبات، بالەنگۇ ئۇرۇقى ھەر بىرى 15 گىرامدىن.
تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ بىر ھەسسە ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ نۇقۇت چوڭلۇقىدا ھەب تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە 3 ۋاخ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ 7 دانىدىن 13 دانىغىچە بىرلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ يازمىمۇ پۈتتى. كىلەركى قېتىم بۆرەك مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلىنى تۇنۇش ۋە داۋالاش ئۈستىدە توختىلىمەن. نەزىرىڭىز داۋاملىق
ئەلسىھەت بىلوگى ۋە
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت مۇنبىرىدە بولسۇن.