新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر تىبابىتى دىئاگنۇستىكا ئىلمى بەدەن تەكشۇرۇش مەزمۇنلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۈرەكنى تەكشۈرۈش:
1)        قاراپ تەكشۈرگەندە: يۈرەك ئالدى رايۇنىنىڭ ئولتۇرۇشۇش، كۆپۈش ئەھۋالى، يۈرەك ئۇچچى سوقۇش ئورنى، سىرتىدىن كۆزۈتۈش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ دائىرىسى، يۈرەك سوقۇشنىڭ رېتىمى، قېتىمى، يۈرەك ئۇچچى سوقۇشىنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى، يۈرەك ئالدى رايۇنىدىكى باشقا ئورۇنلاردىكى سوقۇش ئەھۋالى.
2)        تۇتۇپ تەكشۈرۈش: يۈرەك ئۇچچى ۋە يۈرەك ئالدى رايۇنىدىكى سوقۇش، يۈرەك ئۇچچى سۇقۇشنىڭ ئورنى، دائىرىسى، كۈچلۈك-ئاجىزلىقى، يۈرەك ئالدى رايۇنىدا تىترەشنىڭ بار-يوقلىقى، يۈرەك قېپى سۈركۈلۈش سىزىمى،
3)        چىكىپ تەكشۈرۈش: يۈرەكنىڭ بوغۇق تاۋۇش چىگىرىسىنى چىكىش ئارقىلىق يۈرەكنىڭ چوڭىيىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلىقى، دەرىجىسى، چوڭايغان ئورۇنلارغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
4)        تىڭشاپ تەكشۈرۈش: ھەرقايسى كىلاپان تىڭشاپ تەكشۈرۈش رايۇنىنى تەكشۈۈش ئارقىلىق يۈرەك رېتىمى، قېتىمى، يۈرەك تاۋۇشى، قوشۇمچە يۈرەك تاۋۇشى، شاۋقۇن يۈرەك قېپى، سۈركۈلۈش تاۋۇشى تىڭشىىلىدۇ.
قورساق قىسمىنى تەكشۈرۈش:
1)        قاراپ تەكشۈرگەندە: قورساق قىسمىنىڭ ئولتۇرشۇش ياكى پولتىيىپ چىقىش ئەھۋالى، نەپەس ھەرىكىتى، قورساق دىۋارىدىكى ۋىينا، ئاشقازان ئۈچەي قىمىرلاش دولقۇنى، شەكلى بار-يوقلىقى، قورساق تىرىسى ۋە كىندىك ئەھۋالى، قورساق بەدەن ھالىتى، قورساق قىسىمدا غەيرى سوقۇشنىڭ بار-يوقلىقى.
2)        تۇتۇپ تەكشۈرۈش: (1) ئۆزە قىسىمنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا قورساق دىۋارىنىڭ جىددىيلىك دەرىجىسى، قورساق دىۋارى ۋە تېرە ئاستىدىكى مۇنەك ھاۋالىق ئىششىقى  (2) چوڭقۇر پاتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا ھەرقايسى باسقاندا ئاغرىش نوقتىلىرى بېسىپ تەكشۈرلىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزى بىلەن سازاڭسىمان ئۆسۈكچە رايۇنىنى بېسىپ ۋە بېسىپ قويۇپ بىرىپ تەكشۈرلىدۇ، ئوت رايۇنىدا مورفىسىنىت سىنىقى ئىشلىنىدۇ.   (3) چوڭقۇر پاتۇرۇپ بېسىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا قورساقنىڭ ھەرقايسى قىسمىدىكى مۇنەكچە بار-يوقلىقى، دوۋساق، بالىياتقۇ ئەھۋالى تەكشۈرلىدۇ
(4)ئىككىنى بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدا تال، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ ئەھۋالى تەكشۈرلىدۇ.
(5)جىگەرنى تەكشۈرگەندە  جىگەر بۇيۇن ۋىينا  قايتىش بەلگىسى تەكشۈرلىدۇ. ھەمدە سۇ دولقۇنى تەۋرىنىش سىزىمى (مىلىقلاش سىزىمى) تەكشۈرلىدۇ.
3)        چىكىپ تەكشۈرۈش: ۋاستىلىق چىكىپ تەكشۈرلىدۇ. (1) قورساق قىسىمنىڭ ھەرقايسى توققۇز رايۇنلىرى ئەتراپلىق چىكىپ تەكشۈرلىدۇ. (2)  جىگەرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن چىگىرىسى ئىنىقلىنىدۇ. (9-11 سانتىمىتىرغىچە)  .   (3) ئۆت خالتا رايۇنى چىكىپ ئاغرىش بار-يوقلىقى ئىنىقلىنىدۇ. (4) كاللىنى چىكىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق كاللىنىڭ كەڭلىكى، سول تەرەپ قولتۇق تۇتىشىش سىزىقى 9-قوۋۇرغا ئارلىقىدىن 11-قوۋۇرغا ئارلىقىغىچە (4-7سانتىمىتىر ئارلىقىدا) بولسا ئالدى تەرىپى سول تەرەپ قولتۇق ئالدى سىزىقىدىن ئاشمايدۇ.(5) ھەرىكەتچان ھەرىكەتچان بوغۇق تاۋۇش بار-يوقلىقى چىكىلىدۇ. (6) قوۋۇرغا-ئۇمۇرتقا بۇلىڭى يەنى بۆرەك رايۇنى چىكىپ تەكشۈرلىدۇ. (7) دوۋسۇن قىسىم چىكىپ تەكشۈرلىدۇ.
4)   تىڭشاپ تەكشۈرۈش:  (1) ئۈچەي كوكىراش تاۋۇشى، مىنۇتىغا (4-5قېتىم ئەتراپىدا) ( 10 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە تىزلەش، مىنۇتىغا بىر قېتىمدىن ئازلاپ كەتسە ئاستىلاش، ئاڭلانمىسا يوقىلىش، كىندىك ئەتراپىدا ياخشى ئاڭلىنىدۇ) (2) سۇ چايقىلىش تاۋۇشى ئۈستۈنكى قورساق رايۇنىدىن ئاڭلىنىدۇ. (3) قان-تومۇر شاۋقۇنى ( قورساق ئوتتۇرا سىزىقىدىن قورساق ئورتا شاۋقۇنىنى، بۆرەك ئارتىرىيە شاۋقۇنىنى، ئوڭ-سول يانپاش غول ئارتىرىيە شاۋقۇنىنى، كىندىك ئەتراپىدىن دەرۋازا ۋىينا بېسىمى ئاشقاندىكى ۋىينا شاۋقۇنىنى ئاڭلايسىز) (4) سۈركۈلۈش تاۋۇشى يەنى تال، جىگەر، ئۆت، قورساق پەردە رايۇنلىرىدا نەيەسكە ئەگىشىپ پەيدا بۇلىدىغان سۈركۈلۈش تاۋۇشى تىڭشىلىدۇ.

ئومۇرتقا تۈۋرىكى ۋە تۆت مۆچىنى تەكشۈرۈش
1.ئومۇرتقىنى قاراپ تەكشۈرگەندە: (1)ئومۇرتقىنىڭ تۈز ياكى ئەمەسلىكى، فىزولوگىيىلىك ئەگرىلىك ھالىتى، ئالدىغا، ئارقىغا ياكى يانغا ئىگىلىشنىڭ بار-يوقلىقى، ئۇمۇرتقا تۈۋرىكىنىڭ يەنى بويۇن ۋە بەلنىڭ ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى، (2)ئومۇرتقا تۈۋرىكى بىسلىق ئۆسۈكچىسىنى ۋە ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنى باسقاندا ئاغرىشنىڭ بار-يوقلىقى، (3)ئۇمۇرتقا تۈۋرىكى بېسلىق ئۆسۈكچىسى ۋە باش چۇقا قىسىمىدىن چەككەندە ئاغرىشنىڭ بار-يوقلىقى تەكشۈرلىدۇ.
2. تۆت مۆچىنى تەكشۈرۈش.. قاراپ تەكشۈرۈش: باربان چوكىسىمان بارماق ، قوشۇقسىمان تىرناق، سۇلۇق ئىششىق، تىز ئىچىگە( X شەكىللىك)، سىرتىغا (O شەكىللىك ) ئۆرۈلۈش غەيرىلىكىنىڭ بار-يوقلىقى، پۇت ئىچى-تېشىغا ئۆرۈرۈش غەيرىلىكىنىڭ بار-يوقلىقى (ئىچ مايماق، تاش مايماق) موسكۇللار  ئاتۇرپىيەلىنىش بار يوقلىقى، سۇلۇق بوغۇملاردا چىقىق ۋە غەيرىلىك بار-يوقلىقى، لىمفا كانىلى ياللۇغىنىڭ بار-يوقلىقى، ۋىينا ئەگرى-بۈگرى كۈيۈش، مۆچە ئارتىرىيە تۇرۇمبا توسۇلۇش خارەكتىرلىك ئارتىرىيە ياللۇغىنىڭ بار-يوقلىقى، مۆچە ھەرىكىتىنىڭ ۋە بوغۇم ھەرىكىتىنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچراش، يوقۇلۇش ياكى ھەرىكەت نورىمالسىزلىقنىڭ (تىترەش، ئۇسۇلغا ئوخشاش ھەرىكەت، پۇت-قول قېمىرلاش كىسىلى بوشلۇقنى سىلاش، پۇت-قول تىترەش بار-يوقلىقى) بوغۇملاردىن بېغىش بوغۇمىدىكى غەيرىلىك (پەي غىلاپ تېيىلغاق پەردە ياللۇغى، پەي غىلاپ خالتىلىق ئىششىقى، پەي غىلاپ ماي تالا ئۆسمىسى بار-يوقلىقى) ،بارماق بوغۇم شەكلىدە ئۆزگىرىش بار-يوقلىقى، مۆچە تىرللىرىنىڭ ئەھۋالى.
2.تۇتۇپ تەكشۈرۈش: ھەرقايسى بوغۇملاردا تۇتقاندا ئاغرىش، غەيرىلىك، مۇنەك ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلىقى، قولتۇق جەينەك ئالدى، شراق، تېقىم قىسمىدىكى لىمفا تۈگۈنچىلىرىنڭ ئەھۋالى، مۇسكۇل كۈچى قاتارلىقلار تەكشۈرلىدۇ.


ۋاقتى: 2013-3-27 21:02:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن رەھمەت....................... تىمىلىرىڭىزدىن كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز............


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش