جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 538|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇر تىبابىتى دىئاگنۇستىكا ئىلمى بەدەن تەكشۇرۇش مەزمۇنلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بويۇن قىسمىنى تەكشۈرۈش
(1). قاراپ تەكشۇرگەندە:
تىك، سىممىتىرىكلىك ئەھۋالى، ھەرىكىتى يەنى جىددىيلىشىش ياكى قارشىلىقنىڭ بار-يوقلىقى، بويۇن ۋىيناسىنىڭ كۆپۈش بار- يوقلىقى، بويۇن ۋىيناسىدا سوقۇش بار-يوقلىقى، بويۇن ئارتىرىيەسىنىڭ سوقۇشىنىڭ سىرتىدىن كۆرۈنىدىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغانلىقى، ئارتىرىيە سوقۇشىغا ئەگىشىپ باش لىكىلداشنىڭ بار-يوقلىقى، قالقانسىمان بەز چوڭايغانمۇ يوق،بۇيۇن قىسىمدا ئىشىش ئەھۋالىنڭ بار يوقىلىقى.
(2).تۇتۇپ تەكشۈرگەندە: قالقانسىمان بەزنىڭ يوپۇرمىقى ۋە بوققۇچ قىسىمنىڭ ستىقى يۈزى، قاتتىق يۇمشاقلىقى، ئەتراپ قىرى، تۇتۇش ھەرىكىتى قىلدۇرغاندىكى ھەرىكىتى، ئەتراپ قىسمى چوڭ-كىچىكلىكى،تۇتقاندا ئاغرىشنىڭ بار-يوقلىقى، سىممىتىكلىكى، تىترەش بارمۇ-يوق، كانايدا ئوڭ-سولغا سىلجىش ئەھۋالى ۋە كاناي سىرىلىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلىقى، بويۇن ئالدى، ئارقىسى ۋە گەجگە قىسمىدىكى لىمفا تۈگۈنچىلىرى.
(3). تىڭشاپ تەكشۇرگەندە: ئارتىرىيەنىڭ سوقۇش قېتىمى، رېتىمى، شاۋقۇن بار-يوقلىقى، قالقانسىمان بەزدىكى شاۋقۇن ئەھۋالى، كانايچە نەپەس تاۋۇشى.
كۆكرەكنى تەكشۈرۈش
1)        كۆكرەك قەپىزى شەكلى: ياپىلاق كۆكرەك، توك كۆكرەك، راخىت كۆكرەك، سىممىتىرىكلىكى، ئولتۇرشۇش ياكى كۆپۈپ چىقىش ئەھۋالى، ئۇمۇرتقا غەيرىيلىكى
2)        كۆكرەك دىۋارى: تىرە ھاۋالىق ئىششىقى، كۆكرەك دىۋارىدىكى ئىششىق، ۋىينا تومۇرلىرىدىكى ئەھۋال،تۆش سۇڭەك، قۇۋۇرغا كۇمۇرچىكى، قۇۋۇرغا، قۇۋۇرغا ئارلىقى ۋە يۇمۇشاق تۇقۇلمىلارنى بىسىپ تەكشۇرگەندە ئاغىرىشنىڭ بار يوقلىقى ، توقۇلمىلارنىڭ ئىلاستىكىلىقى،
3)        سۈت بېزىنى تەكشۈرۈش: قاراپ: سىممىتىرىكلىقى، تېرە رەڭگى، سۈت بېزى تۈگمىسىدىكى ئولتۇرشۇش، كۆپۈش ئەھۋالى، سۇيۇقلۇق ئېقىش، سۇلۇق ئىششىق، ئاقما، تېرە كۆكىرىش، يېرىق ياكى يارا بار-يوقلىقى، تۇتقاندا مۇنەكچە بار-يوقلىقى، مۇنەكچە بولسا شەكلى، ماددىسى، ئەتراپ قىسىملىرى، ھەرىكەتچانلىقى، باسقاندا ئاغرىش بار-يوقلىقى، باشقا توقۇلمىلار بىلەن مۇناسىۋىتى.
4)        ئۆپكە ۋە كۆكرەك پەردىسىنى تەكشۈرۈش:
1) قاراپ تەكشۈرگەندە: نەپەس ھەرىكىتى(نەپەس ھەرىكىتى ئاجىزلاش ۋە يوقىلىش، نەپەس ھەرىكىتى كۈچىيىش)، نەپەس قېتىمى، رېتىمى، چوڭقۇرلۇق دەرىجىسى (ساكراتچە نەپەس  ئارلاپ توختاپ نەپەس، قوش تىنىقلىق نەپەس، نەپەس ئۇزۇلۇپ قېلىش)
2) تۇتۇپ تەكشۈرۈش: نەپەس ھەرىكىتى دەرىجىسى، ئاۋاز تىترەش سىزىمى، كۆكرەك پەردە سۈركۈلۈش سىزىمى
3)چىكىپ تەكشۈرۈش: (1) ئۆپكە ئۇچچىدىن تۆۋەنگە قاراپ ھەرقايسى قوۋۇرغا ئارىلىقىنى بويلاپ سىرتىدىن ئىچىگە قاراپ چىكىپ تەكشۈرلىدۇ. ئاۋال ئالدى، ئاندىن يان، ئارقىسىدا كەينى تەرەپ چىكىلىدۇ(ئوچۇق، بوغۇق، ئويۇق، دومباق تۋۇشنىڭ بار يوقلىقى).  (2) ئۆپكە ئۇچچى كەڭلىكىنىڭ چىگىرىسى(4-6 سانتىمىتىر) ، ئۆپكىنىڭ تۆۋەنكى چىگىرىسى (تاغاق ئاستى بۇلۇڭ سىزىقىدا 10-قۇۋۇرغا تەكشىلىكىدە يەنى 11-كۆكرەك ئۇمۇتقا ئۇسۇكچىسىگە ئۇدۇل كىلىدۇ) (3) ئۆپكە تۆۋەنكى چىگىرىسىنىڭ ھەرىكەتلىنىش دەرىجىسى (6-8 سانتىمىتىر، 4سانتىمىتىر كىچىك بولسا كېسەللىك )
4)تىڭشاپ تەكشۈرۈش: نورمالنى نەپەس تاۋۇش، ئۆپكە نەپەس تاۋۇشىنىڭ ئاجىزلاش ۋە كۈچىيىش ئەھۋالى، نورىمالسىز كانايچە پۈۋەكچە نەپەس تاۋۇشى، ھۆل-قۇرۇق چىقىرىپ، كۆكرەك پەردە سۈركۈلۈش تاۋۇشى، ئاۋاز تاۋۇشى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش لازىم.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش