جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 723|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇر تىبابىتى دىئاگنۇستىكا ئىلمى بەدەن تەكشۇرۇش مەزمۇنلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر تىبابىتى دىئاگنۇستىكا ئىلمى بەدەن تەكشۇرۇش مەزمۇنلىرى
ئادەتتىكى تەكشۈرۈش

1.        جنىسى:
2.        يېشى:
3.        ھاياتلىق بەلگىسى: بەدەن تىمپىراتۇرسى، نەپەس، قان بېسىم، تومۇر سوقۇش(پولىيىس)
4.        ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى (بەدەن تىپى): ئىگىز- پاكار، ئوتتۇرا بوي
5.        ئوزۇقلىنىشى: ئۇرۇق-سېمىز، ئوتتۇرا (ئادەتتىكىچە)
6.        ئەس-ھۇشى: ئەس-ھۇشى ئوچۇق بولماسلىق، جۆيلۈش، بىخۇت ئۇخلاش
7.        چىراي –كۆرۈنىشى: قان ئاز چىراي، قاپقان چىراي كېسەل، قالقان بەزخىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش چىراي، بۆرەك كېسەل چىراي، تۇلۇنئاي چىراي، ئۆتكۈر كېسەل چىراي.
8.        تىرەشلىق پەرىدىلەر: رەڭگى، تاتىرىش، قىزىش، كۆكۈرۈش، سېرىقلىق چۈشۈش، پىگمىنىت ئولتۇرشۇش، پىگمىنتنى يوقۇتۇش، نەملىكى، تەرلەش، ئىلاستىلىكىلىقى، تىرە كىپەكلىشىش، قاناش، سۆسۈن داغ، ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ، جىگەر ئالقان، سۇلۇق ئىششىق، تاتۇق سىزىقلار، تىرە ئاستى ھاۋالىق ئىششىقى، مودۇرچاقىلارنىڭ ئەھۋالى
9.        لىمپا تۈكۈنچىسى: ئۆزەكى لىمپا تۈكۈنچىسىدىكى ئىششىق، قىزىش، باسقاندا ئاغرىش.
10.         بەدەن ئورنى: ئىختىيارى بەدەن ھالىتى، پاسسىپ بەدەن ئورنى، مەجبۇرى بەدەن ئورنى ئۈچ خىل بۇلىدۇ.
11.         قەدەم ھالىتى بەدەن قىياپىتى: قايچا شەكىللىك قەدەم ھالىتى، پۇتىنى ئىگىز كۆتۈرۈش ھالىتى، ھودۇقۇش قەدەم ھالىتى، ئىغىناپ مېڭىش قەدەم ھالىتى، تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇش قەدەم ھالىتى..
12.        ئۇيقىسى، ئىشتاھاسى ،پوڭ- كىچىك تەرىتى تۇمۇر رايى ......
باشنى تەكشۈرۈش
1.        باش سۆڭىكى: (1) چوڭ-كىچىكلىكى (كىچىك بالىلارنىڭ㎝،34چوڭلارنىڭ ㎝54) (2) سىرتقى شەكلى (كىچىك باش، چاسا باش، زور باش، ئۇچلۇق باش) (3) باش قىسىم نورىمالسىز ھەرىكىتى( ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچراش، باش قىسمىنىڭ ئىىتىيارسىز تىتىرىشى، ئارتىرىيە سوقۇشى بىلەن بىردەك بولغان باش لىكىلداش،( ئائورتاكىپلارنى تولۇق يېپىلالماسلىقتا كۇرلىدۇ).
2.        چاچ: رەڭگى، ئاقىرىش، دائىرلىك چاچ چۈشۈش، پاقىراقلىق دەرىجىسى، چاچ يىرلىش، چاچ چۈشۈش
3.        باش تىرىسى: تىرە رەڭگى، كىپەكلىشىش، تەمرەتكە، سىرتقى زەخمە، قانلىق ئىششىق، تاتۇق قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلىقى.
4.        كۆز: (1) ئالدىنقى كۆز(قاش، كىرپىك، قاپاق، كۆز ئالمىسىنىڭ ئورنى، ياش خالتىسى، كۆز بېسىمى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە) (2) كۆزنىڭ ئالدىنقى قىسمى( كۆز قارچۇقى، رەڭدار پەردە، كۆز گۆھىرى، كۆز ئېقى، مۈڭگۈز پەردە) (3)ئىچكى كۆز: (كۆز ئالمىسىنىڭ ئارقا قىسمى، كىرىستال تەنچە، كۆز تىگى)، نۇغا قارىتا رېفلىكىس، يىغىپ تەڭشەش رېفلىكىسى، مۈڭگۈز پەردە رېفلىكىسى، كۆرۈش كۈچى، رەڭ تونۇش ئىقتىدارى.
5.        قۇلاق: قۇلاق سۇپۇرىسى، سىرىتقى قۇلاق يولىنىڭ راۋان ياكى راۋان ئەمەسلىكى، سىرتقى قۇلاق يولىدا سۇيۇقلۇق ئېقىش ئەھۋالى، قۇلاق كىرى، يات ماددا ئەھۋالى، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى، قۇلاق ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە (قۇلاق پەردە ئەھۋالى يەنى ئورنى، رەڭگى، تىشلىش بار-يوقلىقى). ئاڭلاش ئىقتىدارى،  ئەمچەكسىمان ئۆسۈكچە،قۇلاق ئالدى ۋە ئارقا تەرەپ لىمفا تۈگۈنچە ئەھۋالى..
6.        بۇرۇن: سىرتقى شەكلىدە غەيرىلىك(مايماقلىق، پاناق بۇرۇن، ئىگە بۇرۇن، پاقا شەكىللىك بۇرۇن، كىپىنەك شەكىللىك سۆسۈن داغ) بۇرۇن چانىقىدا لىپىلداش، بۇرۇن يولىنىڭ راۋانلىقى، ئاجرالما ماددا ئاجراپ چىقىش، قاناش، بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى مايماقلىق، تىشلىش، بۇرۇن يان كاۋىكىنى باسقاندا ئاغرىش بار-يوقلىقى
7.        ئېغىز: (1) كالپۇك تاتىرىش، كۆكۈرۈش، قوقاق بار-يوقلىقى، ئېغىز جاۋغىيى شەلۋەرەش، ئېغىز مايماقلىق، كالپۇك قۇرۇش، كالپۇك يېرلىش، توشقان كالپۇك. (2). ئېغىز ئىچى شىللىق پەردىسى شەلۋەرەش، قاناش توچكىسى، قان قېيىىش دېغى، قىزىل كىسىلى شىللىق پەردە دېغى. (3). چىش: قۇرت يىگەن چىش، قالدۇق يىلتىز، كەم چىش، ئاچا چىش، يالغان چىش، چىش رەڭگى، تاش چۈشۈش.  (4). چىش مىلىكى: چىش مىلىكى سۇلۇق ئىششىقى، يىرىڭ چىقىش، چىش مىلىكى قاناش، چىش مىلىكى رەڭگى، چىش مىلىكى يىگىلەش، چىش مىلىكى ئۆسۈش.  (5). تىل: تىل گېزى، تىل رەڭگى، نەملىكى، قاتتىق-يۇمشاقلىقى، ھەركىتى، تىترەش بار-يوقلىقى، تىل يېرىلىش بار-يوقلىقى، تىل ئاستىدىكى ۋىنا.  (6).يۇتقۇنچاق قىسىم ۋە بادامسىمان بەز: ئېغىز يۇتقۇنچاق ئارقا دىۋارى، بوغۇر قىسىم ئەھۋالى، بادامسىمان بەزنىڭ ئەھۋالى، چوڭىيىش دەرىجىسى.  (7). كېكىردەك: ئاغرىش، يۆتۈلۈش، ئاۋاز چىقىرىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش، ئاۋاز يوقۇلۇش.نەپەس چىقىرىش خارەكتىرلىك نەپەش قىيىنلىشىشنىڭ بار-يوقلىقى.
8.        ئېغىز بوشلۇقىنىڭ پۇرىقى:
9.        قۇلاق ئاستى بېزىنىڭ ئىششىق ئەھۋالى:
10.        تۆۋەنكى ئېڭەك قىسمىدىكى لىمفا تۈگۈنچىنىڭ ئەھۋالى:


ۋاقتى: 2013-4-12 14:03:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ !


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش