ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. مۇنبەرنىڭ 2 ئايلىق ئىشلىرى كەينىگە كەتكەندىن بۇيان كومپىيوتۇر ئالدىدا ئولتۇرغۇممۇ كەلمەس بۇلۇپ قالغان ئىدى. بۈگۈن ئازىراق جىسمانى ئەمگەك قىلىپ كەيپىياتىم خېلى كۈتۈرلۈپ قالدى. شۇڭا بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تورداشلارنىڭمۇ يۇقالغان تىما ۋە ئىنكاسلارغا كۆڭلى يېرىم بولغان بۇلىشى ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى ئىشتىن كىيىن كۈندە بىر قېتىم ساندان زاپاسلاۋاتىمەن. يەنى كەچ سائەت 8:30 بولغاندا. دىمەك بۇ قېتىم ساندان يۈتۈپ كەتمەيدۇ. خاتىرجەم ھالدا تىما يېزىپ يوللاپ مۇنبەرنى بۇرۇنقىدەك ئاۋات قىلىۋىتىلى. قېنى مەن تىما يوللاشنى باشلىدىم.
ئۇيقۇ ۋە ئۇيقۇسىزلىق
ئۇيقۇ دىگەن ھەركەتسىزلىكنى پەيدا قىلغۇچى. ئۇيقۇسىزلىق دىگەن ھەركەتنى پەيدا قىلغۇچى. چارچىغاندىن كىيىن دەم ئېلىش قۇۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. ئۇيقۇ دىگەن روھنىڭ تاشقى بەدەندىن ئىچكى بەدەنگە قايتىشىدىن ئىبارەت. ئەسلى ھارارەت غىزا يىگەندىن كىيىن ئۇنى پۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىچكى-تاشقى غەرىزىيە ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ. ئۇخلاش ئالدى بىلەن ئوڭ تەرەپ تەڭ كىچىدىن كىيىن سول تەرەپنى بېسىپ، ئىسسىق يېتىش بىلەن بولسا ياخشىدۇر.
ئېىقىن سۇ بويىدا، دەرەخ تۈۋىدە ئۇخلاش مىزاجى ياخشى كىشلەرگە مۇۋاپىق. كۈندۈزى ئاچ قۇرساق تۇرۇپ ئۇخلاش رەڭگى-روھىنى بۇزۇدۇ. تالغا زىيانلىق، ئېغىزنى بەدبوي قىلىدۇ. ئىچكى قۇۋەتلەرنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئادەمنىڭ زىھنىنى ئېغىر قىلىدۇ. خۇسۇسەن، قىشلىقتا كۈندۈزى ئۇخلاش، نەزلە، زۇكام، سىل، پالەچ، بەل ئاغرىقى، قار بىسىس (كابوس) سەرئى (تۇتقاقلىق كىسەل) سەكتە (ئۈلۈكتەك بىھۇشلۇق) كىسىلى پەيدا قىلىدۇ. ئارتۇقچە ئۇيقۇسىزلىق مىڭىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. غىزانىڭ سىڭىشىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. بەدەننى ئۇرۇقلىتىدۇ.