جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 580|ئىنكاس: 2

ئانا تىبابىتىمىز چۈشىنىشكە مۆھتاج!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. ناھايتى ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. تىما مەزمۇنىنى كۈرۈپ ئۈزىڭىزنىڭ تىبابىتىمىزگە بولغان كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەپ بېقىڭ.
تۈنگۈن (2013.01.15) كۈندىكىدەك دۇكانغا چىقىپ كىسەل كۈرۈپ، دورا ياساپ ئولتۇرغان ئىدىم. سائەت 10 لار ئەتىراپىدا بىر يېقىن تۇنۇشۇم كىرىپ كەلدى ۋە بەك ھۇدۇققان ھالدا ‹زۈرۈر ئىش چىقىپ قالدى. يېرىم سائەت ھايال بۇلىسىلەر. يۈرۈڭلار› دىدى. نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمىسەممۇ بىرەر جىددى ئىش بارلىقىنى پەمىلەپ ‹كىسەل كۈرىدىغان ئىش بولسا ئىككى قۇلۇمنى بۇنۇمغا تىقىپ بارسام دورا ئېلىۋالمىسام بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن نىمە ئىشلىقىنى بىر دىگەن بولسىڭىز› دىدىم.
ئەسلىدە بۇ كىشىنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسى ھۇشىدىن كىتىپ يەنە ھۇشىغا كىلىپ يەنە ھۇشىدىن كىتىپ دىگەندەك ئەھۋال بولغان ئىكەن. بىمارنىڭ يېشىنى سورىغاندىن كىيىن قىزلاردا كۆپ كۈرلىدىغان ‹ھېستىرىيە› دىن گۇمان قىلدىم ۋە سۇمبۇل ھىندى، داۋائى مىشكى، قۇرسى شىپا دىگەن دورۇللىرىمنى ئېلىپ ئۇ كىشى بىلەن باردىم. ئۇلارنىڭ ئۈيى دۇكىنىمدىن 7 كىلومىتىر يىراقتا بۇلۇپ بېرىپ بولغىچە كۆڭلىمدە ‹خەلىقىمىزنىڭ تىبابىتىمىزگە بولغان كۆز قارىشى خېلى ئۆزگىرىپتۇ، تىبابىتىمىز خېلىلا قوللاشقا ئىرىشكىدەك› دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى خېلى ياخشى بۇلۇپ قايسى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارسا ياكى قايسى دوختۇرنى تەكلىپ قىلسا شارائىتى يار بىرەر ئىدى.
شۇ خىياللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈيىگىمۇ يىتىپ كەلدۇق. بىمارنىڭ يېنىغا كىردىم. بىمار ھۇشسىز ياتقان بۇلۇپ دورا ئىچكۈزۈش ئىمكانىيتى يوق ئىدى. بىماردىكى ئەھۋاللارنى كۈرۈپ پەرىزىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى جەزىملىدىم . شۇنداقتىمۇ قائىدە بۇيىچە تۇمۇرىنى تۇتۇپ، قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندىن كىيىن ئېلىپ كەلگەن سۇمبۇلنى كۆيدۈرۈپ بىمارغا پۇراتتىم. تەخمىنەن 3 مىنۇتلاردا بىمار كۈزىنى ئاچتى. بىراق ئەتىراپقا قارىشى، سۇئالغا جاۋاپ بەرمەسلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ تۇلۇق ئەسلىگە كەلمىگەنلىكنى پەرەز قىلدىم ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ 2 تال قۇرسى شىپا ئىچىرگەندىن كىيىن داۋائى مىشكىدىن 5 گىرام شۇمۇشكە بەردىم. 10 مىنۇتلاردىن كىيىن تۇلۇق ئەسلىگە كەلدى.
بىمارنىڭ ئاتا – ئانىسىغا باشقا ئىش يوقلىقىنى بىمارنى ساياھەت قىلدۇرسا ۋە كۆڭلى خوش بۇلىدىغان ئىشلارنى قىلسا تۇتۇش قېتىمىنىڭ ئازلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر نەچچە خىل دورا ياساپ بىرىشكە كىلىشىپ يانماقچى بولدۇ. شۇ ۋاقىتتا قىزنىڭ ئانىسى ‹كىچىدىن نەچچە قېتىم شۇنداق ھۇشىغا كىلىپ يەنە ھۇشىدىن كىتىپ قىلغان بولسا بىر ئاز كۈزۈتۈپ باقساق تۇرغاچ تۇرسىڭىز› دىدى.
نىمە دەيمەن بىر ئانا ئۆز پەرزەنتىدىن ئەنسىرىمەي قانداقمۇ تۇرالىسۇن. مەن ئۆز تەجىربەمگە ئاساسلىنىپ ‹بىر سائەتلەردىن كىيىن بىر تۇتۇشى مۇمكىن، شۇ ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم مەن قىلغاندەك قىلساڭلار بۇلىدۇ. دۇكاندا ئازىراق ئىشىم بار ئىدى، مەن ماڭغاچ تۇراي› دىدىم. بىراق ئۇلار قەتتى ئۇنىمىدى.
بوپتۇ دەپ بىر ئاز ئولتۇرۇپ قالدىم. ئارلىقتا داستىخان سېلىپ تاماققا باشلىدى. داستىخانغا كىرگەندە ناتۇنۇش 2 كىشىنى (بىر قېرى ئايال، بىر ياش ئەر) نى كۆردۈم. ئۇلار بىلەن سالاملىشىپ بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالاندۇق. بۇ جەرياندا ھېلقى ئەرنىڭ بۇ ئۆيگە تۈنگۈن ئەتتىگەن كەلگەنلىكى، ئايال كىشىنىڭ ئاخشام كەشتە كەلگەنلىكىنى بىلدىم.
يۇقارقى مەزمۇننى ئۇقۇپ كاللىڭىزدا ‹بۇ ئەلسىھەت دىگەن بۇرادەر ساراڭمۇ نىمە؟ بىر ئوپتان ئىش بولسا نىمگە كۆڭلى يېرىم، ئۈمۈتسىز بوپ قالغاندۇ؟› دەپ ئويلىغانسىز. ئەمدى تۈۋەندىكى ئىشلارنى ئۇقۇپ بېقىڭ.
ئەسلىدە بۇ بىمار ئۈلۈشكۈنى كەچتە مەكتىپدىن تەتىل قىلىپ كەلگەن بۇلۇپ كەلگىچە يولدىمۇ نەچچە قىتىم ھۇشىدىن كەتكەن ئىكەن. نەچچە دوختۇرخانىغا كىرسە ‹ئۇزۇقلۇق يىتىشمەپتۇ› دەپ قۇۋەت ئۇكۇلى ئېسىپتۇ. ئۆيگە كەلگەن كۈنى كەچتىمۇ نەچچە ئايلىنىپ كەتكەندىن كىيىن قىزنىڭ ئاتىسى ھېلقى دوختۇرنى تېپىپ كەپتۇ. دوختۇر كەچكىچە ئۇكۇل ئېسىپ باققان بولسىمۇ كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىش تۈگۈل ئېغىرلىشىپ كىتىپتۇ. ئاندىن قىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى يىغىلىپ قىزنى بىر ئۇقۇتۇپ باقماق بوپتۇ. ھېلقى ئايال داڭلىق دۇئاخان (داخان) ئىكەن. كىچىچە قىزنى ئۇقۇپ قىلمىغان ئىش قالماپتۇ. لىكىن سەھەردىن باشلاپ قىز ھەر 10 مىنۇتتا بىر دىگۈدەك ھۇشىدىن كىتىپ 5~10 مىنۇتتا ئەسلىگە كەپتۇ. ئەڭ ئېغىر بولغاندا 30 مىنۇت ھۇشسىز يېتىپتۇ. ئاندىن مەن ئىسىگە كىلىپ كىرىپتىمەن.
تاماقتىن كىيىن بىمارنىڭ قېشىغا چىقتىم. بىرئازدىن كىيىن يەنە بىر قېتىم كىسىلى تۇتتى. شۇ ۋاقىتتا 55 مىنۇت بولغان ئىدى. بۇ قېتىم ئاۋالقىدەك قاتتىق تۇتمىدى. تۇتۇش ۋاختىمۇ 3 مىنۇت ئەتىراپىدا بولدى. بىمار ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ئاندىن قايتىم. يولدا كەلگەچ ۋە بۇ تىمىنى يازغۇچە تۈۋەندىكى ئىشلار كاللامغا كىرىپ بىئارام قىلدى.
بۈگۈنكىدەك بىر زاماندا ئۇيغۇر تىبابىتى ئۈزىنىڭ ئاجايىپ مۇكەممەل نەزىرىيە ئاساسى، پۇختا بولغان داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ئاجايىپ ئۈنۈملىك دورىللىرى بىلەن كەڭ خەلىقىمىزنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتى دەپ يۈرسەك بىز بىر داخانچىلىك بۇلالماپتۇق. ئاغرىق ئازابىنى تارتقۇچى بىمار ۋە بىمارنىڭ يېقىن تۇقانلىرى بىزنى پەقەت ئامال بولمىغاندا ئاندىن ئىسىگە ئالىدىكەن. دىمەك خەلىقىمىزنىڭ ئانا تىبابىتىمىزگە بولغان چۈشەنچىسى ناھايتىمۇ تۈۋەن، ئىشەنچىسى يوق دىيەرلىك ئىكەن. بۇنداق بۇلىشى ئۇيغۇر تىبابىتىنى دۇنياغا ئەمەس ئۆز خەلقىمىزگە تۇنۇتۇش ئىشىنىڭمۇ تېخى ئادا بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال مەن ۋە ماڭا ئوخشاش بۈيۈك غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تىبابىتىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن كىچە – كۈندۈز ئىزدىنىۋاتقان، خەلىقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مەيلى جەمىيەتتە ياكى توردىن ئىبارەت بىر مەۋھۇم دۇنيادا ئۈن تۈنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان تىۋىپلار ئۈچۈن ئېغىر كىلىدۇ. بۇ بىزگە، ئانا تىبابىتىمىز بولغان ئۇيغۇر تىبابىتىگە قىلىنغان ھاقارەت. ھەممىمىز ئۇيغۇر، تىبابىتىمىز ئۇيغۇر تىبابىتى، بۇ تىبابەتنى بىز تەرەققى قىلدۇرمىساق، بىز قوللىمىساق، بىز چۈشەنمىسەك كىم كىلىپ چۈشىنە؟ كىم كىلىپ قولاپ بىرەر؟ ئەگەر قوللاش، چۈشۈنۈش بولمىسا 2500 يىلدىن كۆپىرەك تارىخقا ئىگە تىبابىتىمىزنىڭ كەلگۈسى نىمە بۇلار؟ … بۇلارنى ئويلاپ يەنە كۆڭلۈم يېرىم بولماسلىقى مۇمكىنمۇ!


ۋاقتى: 2013-4-5 01:54:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى كىشىلەرگە بىرنەرسە دەپ بولغىلى بولمايدىكەن قىرىندىشم ، بەزى ساختىپەر تىۋىپلار شۇنداق قىلىپ سىلەردەك كىلىشىلەرنىڭ نامىغا داغ تەككۈزىدۇ ،


ۋاقتى: 2013-11-28 01:45:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىبابىتى مېنىڭ نەزىرىمدىمۇ مۇكەممەل تىبابەت ھسابلىنىدۇ. ھەر قېتىم ئۇيغۇر تىبابىتى نەزەرىيەسى نى كۆرگىنىمدىمۇ، دورا، رېتسىپلىرىنى كۆرگىنىمدىمۇ قايىل بولماي تۇرالمايمەن. بىراق كەلگۈسىدىن مەنمۇ ئەنسىرەيمەن. ھۆكۈمىتىمىزنىڭ يېتەرلىك قوللىشىبولمىغاچقا بارغانسېرى تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. باشقۇرۇشمۇ تەرتىبسىز بولغاچقا كىملا بولسا تىۋىپ بولىۋالىدىغان، دۇكان ئاچسىلا خوتەننى، ئاتا مىراسىنى شىپى كەلتۈرىدىغان، سەييارە تىۋپلىق قىلىپ ئادەم ئالدايدىغانلار تىۋىپ -ھەكىملەرنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ بولدى.  
مېنىڭ نەزىرىمدە بىر ئۆيدە چىۋىن كۆپ بولسا غەرپ تىبابىتى دۇرا چېچىپلا چىۋىننى يوقىتىدۇ. قالدۇق دۇرا پۇرىقى بەدەنگە زىيان قىلىدۇ. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن يەنە چىۋىن بېسىۋالىدۇ. بىراق ئۇيغۇر تىبابىتىدە مۇكەممەل نەزىرىيە ئاساسى بولغاچقا ئاۋال چىۋىننىڭ كىرىۋېكىش سەۋەبى ئېنىقلىنىدۇ. ئاندىن شۇنىڭغا چارە قىلىدۇ. يەنى چىۋىنلار ئامراق نەرسىلەرنى يوقىتىدۇ. چىۋىنلار تەبىئىيلا كىرمەيدۇ.
غەرپ تىبابىتى تېز تەسىر قىلغان بىلەن بەدەنگە زىيان قىلىدۇ. شۇڭا دورىنىڭ ئۆزى زەھەر دېگەن گەپ تارقالغان.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش