ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. بۈگۈن بىر قېرىندىشىمىز دانخورەك توغرىسىدا بىر مەسلىھەت سۇراپتىكەن. قارىسام دانخورەكتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلار خېلى كۆپ ئوخشايدۇ. بۈگۈن شۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتسەك. دانخورەكنى بىلمەيدىغانلار يوقتۇ؟ بۇلۇپمۇ مۇشۇ كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ قوپقاندا يوتقانغا كىرىپلا كىتدىغانلاردا بەك كۆپ جۇما بۇ.
قېنى ئۇنداقتا ئۇ نىمە سەۋەپتىن پەيدا بۇلىدۇ؟ قانداق داۋالايمىز بىر كۈرۈپ باقامسى؟
سەۋەبى: قانغا قويۇق بەلغەم خىلىتىنىڭ ئارىلىشىشىدىن بولىدۇ.
ئالامىتى: يۈز، بۇيۇن، كۆكرەك، ئۇچا ساھەسىگە كىچىكى تېرىقتەك، چوڭى ماش چوڭلۇقىدا پەيدا بۇلىدىغان قىزىل مۇدۇر بولۇپ پەيدا بولۇپ 1-2 كۈندىن كېيىن ئۇچى ئاقىرىپ سىقسا ئاق سۈت سىمان سۈيۇقلۇق چىقىدىغان مودۇرلاردۇر. بۇ قىچىشمايدۇ، ئاغرىمايدۇ، سىقسا ئورنى ئويمان، قوتۇر بولۇپ قالىدۇ.
داۋالاش: قويۇق بەلغەمنى تازلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بەلغەمنىڭ مۇنزىچى 9 كۈن بىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئايارەنجى پېيقىرا بىرىپ بەدەن تازلىنىدۇ. ماددا تازلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەتىگەن تاماقتىن كېيىن جاۋارىش ئامىلە، كەش تاماقتىن كېيىن ئىتتىرفىل كەشنىز بىرىش لازىم.
زىماد ئۈچۈن: قىزىل گۈل، يۇمغاق سۈت، شاھتەررە ھەر بىرى 30 گىرامدىن، سىركە 500 گرام ئېلىپ دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ سىركە بىلەن مەلھەم قىلىپ دانىخورەك بار يەرگە چېپىلىدۇ.
ئەمدى مەن بۇ دانىخورەك كېسەللىكىنى دۇكىنىمدا داۋالاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۇتەي. ئاۋۋال بىمارغا قان تازلاش مەقسىتىدە مەتبۇخ شاھتەررە ياكى شەربىتى ئۆشبە بىرىمىز. ئاندىن سىرتىدىن مەلھىمى كىبىرىت بىلەن كۈندە 2 ۋاخ مايلايمىز. 4 كۈندە بىر قېتىم قانلىق لوڭقا قۇيىمىز. بۇ داۋالاش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپمۇ ياخشىلىمىغاندا ئاندىن يۇقۇردا دېگەن مۇنزىچ - مۇسھىل ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز. لېكىن ھازىرغىچە كىيىنكى ئۇسۇل بىلەنلا كۆزلىگەن مەقسەتكە يىتىۋاتىمىز.