ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. مۇشۇ تور بەت بىلەن ھەپىلىشىپ بىرقىسىم تورداشلارنىڭ سورىغان مەسلىھەتلىرىگە جاۋاپ بىرىش جەريانىدا تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنىڭ ناھايتى كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر تىبابەت داۋالاش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا توختۇلۇشنى توغرا تېپىپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېنى يازمىنى يېزى ئۈزىڭىز بىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى زادى قانچىلىك؟ بىر ئويلاپ بېقىڭ.
ئۇيغۇر تىبابەت بۇ يىچە داۋالاش دىيىلگەندە كۈپۈنچى كىشىللىرىمىزدە ‹يىمەك ۋە ئىچمەك تەس بولغان قاڭسىق دورىلارنى يىيىش، ۋە ئۈزى ئامراق نەرسىلەردىن پەرھىز تۇتۇش› دىگەندەك ئۇقۇم بەيدا بۇلىدۇ. لىكىن ئۇيغۇر تىبابىتىمۇ ئىلگىرى تەرەققى قىلىپ مىڭىدىكى قۇرۇتنى ئېلىش دەرىجىسىگە يىتىپ بارغان. ئۇنداقتا شۇنچە تەرەققى قىلغان تىبابەت قانداق قىلىپ بۈگۈنكىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدى؟ بۇنى ئايرىم بىر تىما قىلىپ يوللىغان ياخشىراق. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ نەخ گەپكە كىلەيلى. ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەقىقەتەن كۆپ. تەجىربىلىك تىۋىپلىرىمىز بۇ ئۇسۇللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشلىتىپ بىمارلارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يىنىكلەتمەكتە. مەن بىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى تۈۋەندىكىچە:
1. روھى داۋالاش: بۇ ھەرقانداق كىسەللىكنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن قوللىنىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى بۇلۇپ بۇ خىل داۋالاشتا تىۋىپ بىمار بىلەن سۆھبەتلىشىپ بىمارنىڭ ئۈزگە ۋە داۋالاشقا بولغان ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق بىمارنىڭ داۋالاشقا بولغان ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
2. ھەركەت قىلدۇرۇپ داۋالاش: ‹ھەركەت ھاياتلىقنىڭ ئاساسى› ھەركەت بولمىغاندا بەدەندىكى مىتابولىزىم ھەركىتى ئاستىلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان سۇۋۇش، بەدەندە كىرەكسىز ماددىلار يىغىلىش ... قاتارلىقلار كىلىپ چىقىدۇ. كۈپۈنچە كىسەللىكلەر مۇۋاپىق ھەركەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق ياخشىلىنىدۇ ياكى دورىنىڭ ئۈنىمى تىزلەشتۈرۈش مەخسىتىدە ھەركەت قىلدۇرلىدۇ.
3. ئارام ئالدۇرۇش: بىر قىسىم كىسەللىكلەر ھەركەت قىلىش سەۋەبىدىن ئېغىرلىشىدۇ. مەسىلەن يۈرەك تىقىلمىسى، بۆرەك ياللۇغى.... قاتارلىقلار. بۇنداق كىسەللىكلەرگە قارىتا مۇۋاپىق دەم ئېلىش، ياخشى ئارام ئېلىش بۇيرىلىدۇ. ئارام ئالدۇرۇش ئارقىلىق كىسەللىكنىڭ قوزغلىش قېتىم سانى قاتارلىقلارنى تۈۋەنلىتىش مەقسىدىگە يەتكىلى بلغانلىقى ئۈچۈن بۇممۇ بىرخىل داۋالاش ئۇسۇلى ھىساپلىنىدۇ.
4. يىمەك - ئىچمەڭ بىلەن داۋالاش: بىرقىسىم ماددىسىز كىسەللىكلەرگە قارىتا يىمەكلىك بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنىمى ياخشى بۇلىدۇ. مەسىلەن ئىسسىق ئۈتۈپ قالغاندا دۇغاپ بىرىش، سوغوق ئۆتۈپ قالسا شورىپا ئىچىرىش قاتارلىقلار. بۇ يەردە ئاغزىم قىچىشىپ بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلغۇم كىلىۋاتىدۇ. كىچىك باللار كۈز ۋە قىش كۈنلىرى ئاسانلا يۈتۈلۈپ قالىدۇ. ئاتا - ئانا بولغۇچىلار ئەنسىرەپ كىتىدۇ ۋە نەچچە كۈن ئاسما - ئۇكۇل ئىشلىتىپ ئاران ئەسلىگە كىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىمۇ شۇنداق ئەھۋال بولغان بولسا بالىدا قىززىتما بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قوينىڭ قۇرۇق مېيى ۋە ناۋاتتا ھالۋا ئىتىپ بىرىپ بېقىڭ. 4 سائەتلەردىن كىيىن بالىڭىزىكى ئەھۋاللار قانداق بۇلىدۇ؟ مانا بۇ ئۇزۇقلۇق بىلەن داۋالاش.
5. دورا بىلەن داۋالاش: بۇ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل. كىسەللىكنىڭ سەۋەبىگە قارىتا دورا تەييارلىنىپ ئىستىمال قىلىشقا بىرلىدۇ.
6. ئۇۋلاپ داۋالاش: بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يەرلىك ئۇرۇندىكى (ئۇۋلانغان ئۇرۇن) قان ئايلىنىش، ماددا ئالىمىشىشنى كۈچەيتىپ يەرلىك ئۇرۇندىكى مىتابولىزىم ئەخلەتلىرىنىڭ سىرىتقا چىقىرلىشىنى تىزلەتكىلى بۇلىدۇ. ھازىر بۇ ئۇسۇلمۇ كەڭ كۈلەمدە ئۇمۇملاشقان بۇلۇپ كۈپۈنچە دوختۇرخانىلاردا قوللىنىلىۋاتىدۇ.
7. ئۇيقۇ ۋە ئويغاقلىقنى تەڭشەپ داۋالاش: ئېغىر ئۇيقۇسىزلىق تۈپەيلىدىن كىسەل بۇلىدىغانلىق بۇ ھەقىقەت قايسى بىر كىتاپتا 72 ‹ سائەت ئۇخلىمىسا كىشى قازا قىلىدۇ› دىگەن جۈملىنى ئۇقىغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپ ئۇخلاش سەۋەبىدىنمۇ نۇرغۇن كىسەللىك پەيدا بۇلىدۇ. كىسەللىكنىڭ سەۋەبى ئۇيقۇسىزلىق ياكى كۆپ ئۇخلاش بولسا بۇ سەۋەپنى يۇقۇتۇش ئارقىلىقمۇ داۋالاش ئۈنىمىگە ئىرىشكىلى بۇلىدۇ.
8. نۇر بىلەن داۋالاش: بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىمۇ كىلىنىكىلىق داۋالاش ئۈنىمى يۇقۇرى داۋالاش ئۇسۇلى بۇلۇپ بىز ئادەتتە كۈن نۇرى ئارقىلىق داۋالاشنى كۆپ ئىشلىتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا تەرەققى قىلغان رايۇنلاردا ھەرخىل رەڭدىكى چىراقلارنى يېقىش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىمۇ بار ئىكەن. دىيارىمىزدا لازىر نۇر بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرى بار.
9. قۇم بىلەن داۋالاش: بۇ ئۇسۇلنى تۇنۇشتۇرمىساممۇ بۇلىدىغۇ دەيمەن.
10. ئارشاڭغا چۈشۈرۈپ داۋالاش: دورىلۇق ئارشاڭلارغا چۈشۈش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى كىيىن تەپسىلى تۇنۇشتۇرىمىز.
11. ھوردۇتۇپ داۋالاش: بىرقىسىم كىسەللىكلەرگە بۇلۇپمۇ تىرە ۋە ئاياللار كىسەللىكلىرىگە قارىتا ئۈنىمى يۇقۇرى بولغان داۋالاش ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلدا مەخسۇس تەييارلانغان دورىىلار قاينىتىلىپ ھورداق ئۈسكىنىللىرىنىڭ ياردىمىدە بىمارنى ھوردايدىغان ئۇسۇل.
12. تۇمانلاشتۇرۇپ داۋالاش: بۇخىل داۋالاش ئۇسۇلى كىيىكى يازمىلاردا تەپسىلى سۆزلىنىدۇ.
13. ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش: كۆپ ئىشلىتىلدىغان ئۇسۇل.
14. سوغوق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش: ماددىسىز ئىسسىق كەيپىيات تەسىرىدىن بولغان ئاغرىقلارغا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى داۋالاش بولمىسا كىرەك. ئۇنىڭدىن سىرىت ئىچكى قاناشنى توختۇتۇش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
15. تىرىگە ئېلىپ داۋالاش: بۇ ئۇيغۇر تىبابىتى داۋالاش ئۇسۇللىرى ئىچىدە يوقاپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان داۋالاش ئۇسۇلى بۇلۇپ يېڭى سۇيۇلغان تىرىگە كىسەللىككە ماس دورىلارنى سىپىپ بىمارنى تىرە بىلەن ئۇراپ مەلۇم ۋاقىت تۇرغۇزىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى.
16.لوڭقا قۇيۇپ داۋالاش: بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنىمى ھەقىقەتەن ياخشى. تەپسىلاتىنى ئايرىم تىما قىلىپ يوللاش پىلانىم بار.
17. قان ئېلىپ داۋالاش: بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنىمى بەك ياخشى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئەپسۇس مۇشۇ كەمگىچە قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كىسەل داۋالىغاننى كۈرۈش ماڭا نىسىپ بولمىدى.
18.داغلاپ داۋالاش: ‹داغلاپ› دەپ بولغىچە كىنولاردىكى زەخملەنگەن يەرنى تۈمۈرنى قىززىتىپ داغلىغان كۈرۈنۈش كۆز ئالدىڭىزغا كەلدىغۇ دەيمەن. بۇ داغلاپ داۋالاش بولسا تۈرلۈك بۇيۇملارنى كۆيدۈرۈپ تىرىگە يېقىن تۇتۇپ تىرە ئاستىدىكى نىرىپلارنى جاللاندۇرۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى. مەسلەن ئەمەن پىلتىسىدا داغلاش..قاتارلىق.
19. قۇستۇرۇپ داۋالاش: بۇ ئاشقازاننى تازلاش، زەھەر قايتۇرۇش... قاتارلىق مەقسەتلەردە قۇستۇرۇش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە قان ئېقىتىپ داۋالاش، پاشۆيا قىلىش، ۋاننا قىلىش، زىماد تېڭىش، ئىسلاپ داۋالاش، چۈشكۈرتۈپ داۋالاش ..... قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى بۇلۇپ ۋاقىت يار بەرسە يۇقارقى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئايرىم ئايرىم ھالدا چۈشەندۈرۈپ ئۈتىمىز. ئەلۋەتتە يۇقارقى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۈزىگە خاس كەمچىللىكلىرى بار. بۇ داۋالاش ئۇسۇللىرى بىلەن تۇنۇشۇشنى ۋە بۇ ئۇسۇللارنى چۈشۈنۈشنى خالىسىڭىز نەزىرىڭىز ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت مۇنبىرىدە بولسۇن.