新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 521|ئىنكاس: 0

دۇنيا ئەيدىز كۈنى ۋە 2015-يىللىق نىشان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
دۇنيا ئەيدىز كۈنى ۋە 2015-يىللىق نىشان

  2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى جەنۋە-«نۆلگە چۈشۈرۈشكە تىرىشىش-ئەيدىزدىن يىڭى يوقۇملانغۇچىلار سانىنى نۆلگە چۈشۈرۈشكە تىرىشىش، ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۈلۈپ كىتىدىغانلار سانىنى نۆلگە چۈشۈرۈشكە تىرىشىش، ئەيدىزدىن يوقۇنلانغۇچىلارغا بولغان كەمسىتىشنى نۆلگە چۈشۈرۈشكە تىرىشىش»، مانا بۇلار 2012-يىللىق دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ باش تېمىسى ئىدى. ئەيدىزنىڭ ھازىرقى تارقىلىش ئەھۋالىغا قارىغاندا، بۇنىڭغا يېتىش قىيىندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  2011-يىلى يىڭىدىن يوقۇملانغۇچىلار سانى 2.5 مىليون بولۇپ، ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەر 1.7 مىليون بولۇپ، ئون يىل ئاۋۋالقىغا سىلىشتۇرغاندا يىڭىدىن يوقۇملانغۇچىلار سانىدا 700 مىڭى ئازايغان، ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرسانىنى 2005-يىلىدىكىگە سىلىشتۇرغاندا 600 مىڭى ئازايغان.

نەتىجە ۋىروسقا قارشى دورىلارغا مەنسۇپ

  يۇقارقى نەتىجىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ۋىروسقا قارشى دورىلاردىن كەلگەن بولۇپ، بۇ دورىلار يوقۇملانغۇچىنىڭ قىنىدىكى ئەيدىز ۋىروسى سانىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ ساغلام ھالەتتە تۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، يەنە ئۆزىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىروسنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇش خەۋپىنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ. 2011-يىلى ب د ت ۋە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى 2015-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 15 مىليون ئەيدىز يوقۇملانغۇچىنى دورا بىلەن تەمىنلەش توغرىلىق بىر پىكىرگە كەلدى. ھازىرقى سىتاتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ھازىرقى تىرىشچانلىقىنى ساقلاپ قالالىسا، يۇقارقى نىشانغا يىتىش تامامەن مۇمكىن ئىكەن.

«گەرچە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا يولۇققان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دورا بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتتى، شۇڭا 2015-يىللىق نىشانغا يىتىش مۇمكىنچىلىكى زور دەپ قارايمەن» دەيدۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەيدىز باشقارمىسىنىڭ باشلىقى دوكتور گوتفرەد فېرنشەل.

ھازىر تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك دۆلەتلەردىكى 8 مىليون كىشى ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى دورىلارنى يەۋاتقان بولۇپ، 2003-يىلىدىكى 400 مىڭغا سىلىشتۇرغاندا خېلىلا يوقۇرى.

دۇنيادا بەزى كىشىلەر توپى يەنىلا ئېرىشىشكە تىگىشلىك داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ

دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە يەنىلا بەزى كىشىلەر توپى ئېرىشىشكە تىگىشلىك داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. مەسىلەن: بالىلارنىڭ دورىغا ئېرىشىشى يەنىلا قىيىنغا توختىماقتا ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دورا بىلان قاپلىنىش نىسبىتى ھىلىھەم تۆۋەن بولۇپ پۈتۈن دۇنيادىكى دورا بىلەن داۋالاشقا تىگىشلىك ئەيدىز ۋىروسىدىن يوقۇملانغان بالىلارنىڭ ئاران %28 تى دورىغا ئېرىشەلەيدىكەن.

بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەپلىرى نۇرغۇن بولۇپ، جوغراپىيىلىك ئورۇن سەۋەبىدىن بەزىلىرىگە دورا ۋە باشقا مۇلازىمەتلەرنى يەتكۈزۈش تەسكە تۇختىغان. يوقۇملىنىپ قالغان بالىلارغا قارىتا كەمسىتىش ۋە بەزى قانونى ئىشلارمۇ بالىلارغا تىگىشلىك مۇلازىمەتنى يەتكۈزۈشكە توسالغۇ بولىدۇ.

بويىغا يەتمىگەن قىزلار، جىنسى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلۈگۈچىلەر، بەچچىۋازلار ۋە زەھەر چەككۈچىلەر يەنىلا ئاجىزلار توپى بولۇپ چەتكە قىقىلىشقا دۈچ كەلمەكتە. كۈچمەنلەرمۇ سەھىيە-ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەتلىرىگە ياخشى ئىرىشەلمەيۋاتىدۇ. بۇ ئەيدىز ۋىروسىغا قارشى دورىلارغا ئېرىشىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مەنبە: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تور بىتى

http://www.who.int/mediacentre/n ... 21129/en/index.html

يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش