新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 5581|ئىنكاس: 14

يەنە شۇ ئانانىزىم توغرىسىدا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار مۇشۇ ئانانىزىم(جەلەق) كىسىلى توغرىسىدا ئىلگىرى توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. (ئانانىزىم كىسىلى توغرىسىدا بىر نەچچە ئېغىز پاراڭ ۋە ئانانىزىم توغرىسىدىكى سۇئال - جاۋاپلار) بۇ تىمىلارنى كۈرۈڭ.
مەيلى مۇنبىرىمىز ياكى جىنسىيەت مۇنبىرى بولسۇن ياكى باشقا ساغلاملىققا دائىر مۇنبەرلەردە بولسۇن ھەتتاكى چ چ ۋە چ چ توپلىرىدا بۇ كىسەل توغرىسىدا مەسلىھەت سۇرايدىغانلار بەك كۆپ بۇلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزۈمنىڭ ئانانىزىم توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى بىر تىما قىلىپ يوللاشنى توغرا تاپتىم. قېنى بىرلىكتە بۇ تىمىنى كۈرۈپ ئەتىراپىمىزغا بۇ كۆز قاراشنى تارقىتىش ئارقىلىق بۇ نىجىس ئادەتكە يەتكەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ كىسەلدىن بالدۇرراق قول ئۈزىشى ۋە سالامەتلىكنىڭ تىزىراق ئەسلىگە كىلىشىگە مەدەت بىرىلى.
ئانانىزىمنى تۇنۇش: بالاغەتكە يەتكەن قىز - ئوغوللار داۋاملىق شەھۋانى گەپ - سۆزلەرنى ئاڭلاش، شەھۋانى خىياللارنى كۆپ قىلىش سەۋەبىدىن قول ۋە باشقا نەرسىلەر ئارقىلىق جىنسى ئەزانى غىدىقلاپ ھۇزۇرلىنىش ياكى مەنى ماڭدۇرۇشقا ئادەتلىنىڭ قېلىپ تاشلىيالمايدىغان، ئىرادە ۋە بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، تەپەككۇر ۋە ئەستە ساقلاش قابىلىيتىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بىرخىل پىسخىك خاراكتىرلىك روھى نورمالسىزلىق بۇلۇپ ئۇيغۇر تىبابىتىدە روھى كىسەللىكلەر بابىدا تىلغا ئېلىنىدۇ.

سەۋەبى: 1. ئاخلاقسىز كىشىلەرنىڭ ئۈگىتىشى ۋە باشقا مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ.
ئەخلاقسىز كىشىلەرنىڭ ئۈگىتىشى ۋە جىنسى مۇناسىۋەت، جەلەق قاتارلىقلارنى سۆزلىشى نەتىجىسىدە پىسخىك يىتىلىشى ئاجىز بولغان قىز - ئوغوللاردا بۇ ئادەت شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىچىكلەر بار يەردە گەپ سۆزگە دىققەت قىلغان ياخشى.
2. ھەرخىل غىدىقلاشلارغا مۇناسىۋەتلىك.
ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن قىز - ئوغوللار ھەرخىل شەھۋانى سۈرەت، فىلىملارنى ياكى ھايۋاناتلارنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشىنى كۈرۈپ قېلىپ يۇمشاق ئۇرۇن، تار كىيىملەر جىنسى ئەزانى غىدىقلىغاندا ئىختىيارسىز ئادەتلىنىپ قالىدۇ.
3. ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلىشىش ياكى بىرگە يېتىش سەۋەبىدىن.
ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن مۇھەببەتلىشىش دىيارىمىزدا يوق دەپ ئويلايمەن. لىكىن بالاغەتكە يەتكەندىن كىيىنمۇ قېرىنداشلار بىر ئۇرۇندا ياتىدىغان ئىشلار بار. بۇنداق بولغاندا تۈرلۈك غىدىقلاشلار سەۋەبىدىن خىيال قىلىش قۇۋۋىتى كۈچۈيۈپ قالايمىقان خىياللارنى كۆپ قىلىپ يالغۇز قالغاندا جىنسى ئەزانى سۈركەپ ئويناپ بۇ يامان ئادەتكە ئۈگۈنۈپ قالىدۇ.
4. روھى ئامىللار سەۋەبىدىن
ھاياجانلىنىش، سەزگۈرلۈك ئېشىپ كىتىش، ئۈزىنى تۈۋەن تۇتۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن روھى نەپسانى قالايمىقانلىشىپ قالايمىقان خىياللارنى كۆپ قىلىپ بۇ يامان ئادەتكە ئۈگۈنۈپ قالىدۇ.
5. مىجەزگە مۇناسىۋەتلىك سەۋەپ
شەھۋانى مىمىجەز، ئاجىز، باشقىلار بىلەن ئارلاشمايدىغان كىشىلەر بۇ ئادەتكە تىز ئۈگۈنۈپ قالىدۇ.
6. ئىشقى مۇھاببەت مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن
مەشۇقىدىن ئەيمىنىش، ئۈزىنى تۈۋەن كۈرۈش، مەشۇقىغا يېقىنلاشماسلىق، ۋەسلىگە يىتەلمەسلىك، ھىجىران ئازابى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن قالايمىقان خىياللارنى كۆپ قىلىپ بۇ يامان ئادەتنى يۇقتۇرۋالىدۇ.
خۇلاسە: مەن ئاڭلىغان ۋە ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا باشقىلارنىڭ ئۈگىتىشى ۋە مۇھەببەتلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەن سەۋەبدىن بۇ ئادەتكە ئۈگۈنۈپ قالغانلار نىسپەتەن يۇقۇرى.  
ئالامىتى: 1. پىسخىك جەھەتتىكى ئالامىتى: بىمار كۈنسىرى خىيالچان ئىرادىسى ئاجىز، چىرايى سۇلغۇن بۇلۇپ قالىدۇ. ئەقلى ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىن ئاجىزلايدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۈۋەنلەيدۇ. خىجىلچان، يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. كىسىلىنى يۇشۇرۇن تۇتۇدۇ. ئۈزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۈۋەنلەيدۇ.
2. جىسمانى جەھەتتىكى ئالامەتلەر: ئۇرۇقلايدۇ، ئىشتاھاسى تۈۋەنلەيدۇ، بالدۇر قېرىلىق ئىپادىسى كۈرىلىدۇ. كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ، تىرىللىرى قۇرغاقلىشىدۇ. پىشانە ۋە كۆزنىڭ جىيىكىگە قۇرۇق چۈشىدۇ. ئاستىنقى قاپاق ساھەسىدە كۈكۈش داغ پەيدا بۇلىدۇ. ئوغوللاردا جىنسى ئەزا داۋاملىق سۈركىلىپ ماددا ئالىمىشىش ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن زەكەر يىگىلەش بولىدۇ ياكى زەكەرنىڭ ئۇچى توم، تۈۋى ئىنچىكە بۇلۇپ قالىدۇ. جىنسى ئەزا بىرتەرەپكە يانتۇ بۇلۇپ قالىدۇ.  زەكەرنىڭ سىزىمچانلىقى يۇقۇرلاپ كەتكەچكە مەنى بۇرۇن چىقىش، زەكەر تۇلۇق قايىم بولماسلىق ئەھۋالى كۈرلىدۇ. نىرۋا ئاجىزلايدۇ. ئېغىر بولغانلارنى ئۆيلەپ قويماق بولسا قەتتى قۇشۇلمايدۇ. ھەتتا توي قىلىشتىن قېچىپ ئۈلىۋېلىشنى ئويلايدۇ.
ئاياللاردا بۇ ئادەت دەسلىپى دىلچىق ۋە پەرەنجىنى غىدىقلاش بىلەن باشلىنىپ ئاخىردا ئوخشاش جىنىسلىقلار جىماسىغا يىتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئاياللارنىڭ كۈپۈنچىسى ئۆز يولدىشىدىن رازى بولمىغاندا بۇنداق يامان ئادەتكە ئۈگۈنۈپ قالىدۇ. ئېغىرلاشقاندا يولدىشىغا ئۆچ بوپ قېلىپ ئاجىرشىدۇ ياكى ئۆلتىرىۋىتىشنى ئويلايدۇ.
بۇ كىسەللىك كۈپۈنچە ئۇقۇغۇچى، مەھبۇس قاتارلىقلاردا كۆپ ئۇچىرايدۇ.
ئاقىۋىتى: يۇقۇردا سۆزلەپ ئۈتۈلگەندەك مەنى بۇرۇن كىتىش، روھى چۈشكۈنلۈك ..... قاتارلىقلاردىن سىرىت مەزى بىزى ياللۇغى، ئۇرۇقنىڭ ھاياتلىق كۈچى تۈۋەنلەش، خامۇشلۇق، جىنسى ئاجىزلىق، مىڭە ئاجىزلىق، قان ئازلىق ۋە بەدەن ئاجىزلىق، يۇقۇرى قان بېسىم ۋە قانتۇمۇر قېتىش، مالخولىيا، جۇنۇن  قاتارلىق كىسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ.
داۋالاش: بۇ بىر مۈشكۈل ۋەزىپە. يەنى ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغۇچى تاشلاشقا ئىرادە باغلىمىسا دورا ياكى ئۇكۇل بىلەن تاشلىتىش ناھايتى مۈشكۈل. تاشلاش ئىرادىسى شەكىللەنگەندىن كىيىن بىمار ساپ ھاۋالىق جايدا يالغۇز قالدۇرماي كۈتۈش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا (رەڭسىز سورۇن جۇمۇ، رەڭلىكى زىيان قىلىدۇ)، كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش، بۇ مەزگىلدە زەكەرنىڭ سىزىمچانلىقىنى تۈۋەنلىتىش مەقسىدىدە گۈل يېغى، بىنەپشە يېغى، قاپاق يېغى، سامساق يېغى، يەسىمەن يېغى قاتارلىقلارنى تاللاپ بىر خىلىنى ئىشلىتىش كىرەك. كۆپ تاپقىلى بۇلىدىغان گۈل يېغىنى تەشەببۇس قىلىمەن.  مىڭە - يۈرەكنى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە مەجۈنى داۋائى مىشكى، مەجۈنى نۇجاھ، مۇپەررىھ ئەۋرىشىم قاتارلىقلارنى تاللاپ ئىستىمال قىلىش ياخشى.  يەنە پىننە، يالپۇز، قانىسە، گاۋزىبان، ئۈستىقۇددۇس، پوستى خەشخەش، كاسنە ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى چايلىق قىلىپ ئىچىش ياخشى. ئەگەر مەزىبىزى ياللۇغى ئالامەتلەر كۈرۈلسە مەجۈنى كاكنەچ، ھەببى مەزى، ئەرەقى چۆچبچىن قاتارلىق دورىلاردىن مۇراپىق تاللاپ ئىتىمال قىلغان ياخشى.  يەنە تورداشلارنىڭ ۋە تەجىربىلىك ئۇستازلارنىڭ تەشەببۇسى ناماز ئۇقۇش ۋە رۇزا تۇتۇش شەھۋەتنى كىسىدۇ. بۇ قوللىنىشقا ئەرزىيدىغان ئۇسۇل.
ئانانىزىمدىن پۈتۈنلەي قول ئۈزگەندىن كىيىن (مىنىڭ تەشەببۇسۇم قول ئۈزۈپ 2 ئايدىن كىيىن) بەدەننى قۇۋىتلەش مەقسىتدە دورا قىلىنىدۇ.  دورا ئۈچۈن مىنىڭ تەشەببۇسۇم : داۋائى مىشكى ئەتىگەندە تاماقتىن بۇرۇن 10 گىرام، لوبوبى كەبىر ئەتتىگەن كەچ 10 گىرامدىن، ماددىتۇل ھايات ئەتتىگەن كەچ 10 گىرامدىن، ھەببى سالاجىت(0.3گىراملىق) ئەتتىگەن 5 تال، ھەببى مۇقەۋۋى باھ(0.3گىراملىق) چۈش 5تال، ھەببى ئىمساك(0.3گىراملىق) كەشتە 5 تال، ھەببى ئازاراقى(0.3گىراملىق) كەچ يېتىشتىن بۇرۇن 3 تال ئىستىمال قىلىشقا بىرىش بىلەن بىرگە بىلسان يېغى ياكى چۈمۈلە يېغى ۋە ياكى زەيتۇن يېغىدا كۈندە 2 قېتىم ياغلانسا بۇلىدۇ.  بۇ دورىلارنى ئۇدا بىر ئاي ئىستىمال قىلسا جىنسى ئاجىزلىق، بال ئاغرىش، مەنى بۇرۇن كىتىش، زەكەر تۇلۇق قايىم بولماسلىق، ئۇرۇقدان تەرلەش، سۈيدۈك تامچىلاش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۈۋەنلەش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.  بۇرۇن ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان تاشلىغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ لىكىن توي قىلىشتىن ئەنسىرەۋاتقانلارغا ماس كىلىدۇ.   شۇنىڭ بىلەن بۇ يازمىمۇ تاماملاندى.  يازمىنى يېزىش جەريانىدا ئۇيغۇر تىبابەت روھى كىسەللىكلەر ئىلىمى، ئىكسىر ئەزەم ..... قاتارلىق ئۇيغۇر تىبابەت كىتاپلىرىدىن پايدىلىنىپ يازدىم.
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت مۇنبىرىدىن ئەلسىھەت تەييارلىدى






ۋاقتى: 2012-12-7 17:09:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپرىن سىزگە ئەلسىھەت ئەپەندىم. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.....!!!! بۇ كىسەلنىڭ ئاقىۋىتى ناچار ئەگەر شۇغۇللانغۇچى بۇ كىسەل بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بولسا  قەتئى تاشلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .....بۇ ھازىرغىچە داۋالاۋاتقان كىسەللىرىمنىڭ ئىچدىكى جاھىل ،ئېغىرسۇزۇلماخاراكتىرلىك كىسەللىك بۇلۇپ ، مەزىبىزىنى ياللۇغلاندۇرغان بولسا باشقا سەۋەپتىن پەيدا بولغان مەزىبىزى ياللۇغىغا قارىغاندا داۋالاشنى ئەڭ تەستە قۇبۇل قىلىدىغان ئەگەشمىسىمۇ كۆپ ئادامنى ئاجىزلاشتۇرۇش جاھىللاشتۇرۇش روھسىزلاشتۇرۇش ئىشەنچىسىنى يۇقۇتۇش جەھەتتىمۇ باھايىتى يۇقۇرى ئۈنۈمگە ئىگە كىسەلنىڭ بىرسىدۇر باشقا ئەردە بولسىمۇ ئاياللاردا بولسىمۇ يەرلىك ئۇرۇننى پاتالوگىيلىك(كىسەللىك)ھالەتكە چۈشۈرۈشتىمۇ جاھىللىق خاراكتىرى بىر قەدەر ئېغىر بۇ كىسەللىك قىز ئاياللارغا قارىغاندا يىگىت ئەرلىرىمىزدە كۆپرەك كۈرۈلىۋاتىدۇ ...يەنە بىر قېتىم دىسەم بۇ كىسەلگە يېقىن كەلمىگەن؛ەر كۆپرەك شۈكرى قىلىپ تېخىمۇ يىراق تۇرىشىنى ئەگەر يۇقۇملانغانلار بولسا بۇ كىسەلنىڭ ئاسارىتىدىن تىزراق قۇتۇلشنى چىن نىيىتىدىن كۆڭلىگە پۈكۈپ قەتتى ئىرادە بىلەن تاشلىۋىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ساغلاملىق ھەممىمىزگە يار بولسۇن بۇ كىسەلدىن بۇ ھەركەتتىن قول ئۈزۈش قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس ئىرادىلىك بۇلۇڭلار قېرىنداشلار


ۋاقتى: 2012-12-7 17:12:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-7 17:23  

يەنى بۇكىسەلنى تاشلاشقا ياردەم بىرەلەيدىغان سىزنىڭ ئاۋال تاللاپ قىلسىڭىز بۇلىدىغان مەشخۇلاتلاردىن ئاساسلىقلىرىنى ئەلسىھەت ئەپەندىم سۆزلەپتۇ مەنمۇ تۇللۇقلىشىپ بىرەي         يالغۇز قېلىشتىن ساقلىنىش  ، ئۆزى ئەيمىنىدىغان، ھېيىقىدىغان، ئىلمى ياخشى ،بىر دوس تۇتۇپ شۇلار بىلەن پىكىرلىشىپ، مۇنازىرلىشىپ تۇرۇش، تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىپ بىرىش ، تۇرمۇش رېتىمىنى تىزلىتىپ خىزمەت بېسىمىنى بىر ئاز ئاشۇرۇشمۇ چارچاتقاندەك قىلسمۇ بۇ كىسەلدىن قىتۇلۇشقا ياردەم بىرىدۇ بۇ چارە تەدبىرلەر ئىرادىسى تەۋرىنىپ تۇرغانلارغا ياخشى ياردەمدە بۇلالايدۇ دەپ قارايمەن ئەلۋەتتە يۇقۇردا دىيىلگەن‹‹ ناماز ئۇقۇش، روزا تۇتۇش ››ھەقىقەتەن شەھۋەتنى پەسەيتىش شەھۋەتتىن ئۆزنى تارتىشقا بولغان ئۈنۈمىمۇ ۋە باشقاجەھەتتىكى ئۈنۈمىمۇ بەك ياخشى بۇ ھەرزامان تەكىتلەپ تۇرۇشقا ئەرزىيدىغان زىيانسىز مەشخۇلات بولغاچقا مەنمۇ يەنە  قايتا تەكىتلىدىم ئاللاھ ھەممىمىزگە ساغلام تەن ئاتا قىلسۇن  


ۋاقتى: 2012-12-8 19:06:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرازىلىيەدە  بىر  بالا  بىر كچىدە 72 قېتىم  ئاننازىم   قىلىپ  ئۈلۈپ  كېتىپتۇ  ...


ۋاقتى: 2012-12-10 19:06:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا بۇرۇن ئاڭلىغان ئەمما قانداق كىسەللىكىنى  بىلمەپتىكەنمەن .ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ئەلسىھەت ئەپەندىم ياخشى تىما يوللاپسىز.


ۋاقتى: 2012-12-13 13:53:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىسەل مىلتىمىز دىكى  ياش ئوغۇل قىزلار ئۇچۇن داۋالاش بىر  تەس بولغان  خۇمار بوپ قېلىش تىپىدىكى جاھىل خاراكتىرلىك كىسەل.    بۇ كىسەلنى  داۋالاشتا  ئالدى  شۇ كىشنىىڭ  ئا نالزىمدىن  قول ئۇزگىدەك  مۇستەكەم  ئىرادىسى بۇلىشى لازىم.   ئۇللۇغ ئاللا  بارلىقبەندىلىرىمزنى  بۇ نىجىس كىسەلدىن  ساقلىسىۇن!!!!!!!!!


ۋاقتى: 2012-12-19 18:49:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە ...ئانالىزىم تەسېردىن بولغان...سۇدۇك تامچىلاپ كىلىش.بەزىدە ئاچىماق كىلىش،مەنئى بالدۇر ككتىش ئالامەتلىرى بار...بۇ ناچار ئادەتنى تاشلىغىلى 2يىلچە بولدى..قانداق دورلارنى ئېشلەتسەم بولىدۇ ...مەسلەھەت بەرگەن بوسىڭىز
توي قىلغىلى 5ئاي بولدى تىخى پەرزەنتلىك بولالمىدىم ....ئاۋارە كورمەي مەسلھەت بەرگەن بولسڭىز ....رەخمەت....


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-12-20 17:07:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياردەم يوللىغان ۋاقتى  2012-12-19 18:49
مەندە ...ئانالىزىم تەسېردىن بولغان...سۇدۇك تامچىلاپ كىل ...

يازغان تىمىڭىزغا جاۋاپ قايتۇردۇم شۇ يەردىن كۈرۈڭ.


ۋاقتى: 2013-3-16 22:00:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللاھ  ساخلىغۇن !!!!!


ۋاقتى: 2013-4-10 13:28:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سزگە ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن ئەلسىھەت ئەپەندىم ياخشى تىما يوللاپسىز.ئېي.. قېرىنداشلا ئېمانىڭلارنى مۇستەكەم قىلىڭلار..شۇنىڭدىلا بۇ نىجىس كىسەلدىن ساقلىلالىنايسىلە،،،،


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش