ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. ئەلسىھەت ئەپەندىمنىڭ مۇشۇنداق بىر تور بەتنى قۇرۇپ چىققانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن يېڭى ئەزا. مۇنبەرگە كۈرۈشۈش سۈپىسى سۈپىتىدە بىر تىما ئالغاچ كەلدىم.
ساغلام تەننىڭ دۈشمىنى ئەيدىز ،
زەئىبلىكنىڭ يىلتىزى ئەيدىز .
پاك ۋۇجۇدتا ئەقىل كۈلىدۇ ،
شەيتانلارنىڭ رىشتىسى ئەيدىز .
غاپىللقتىن كۈلگەن نادانلىق ،
نادانلقنىڭ ئۇلى قاراملىق ،
ھالاكەتنىڭ تۇغى يامانلىق ،
ياخشىلىقنىڭ زۇلمىتى ئەيدىز .
مۇھەببەتكە قارايدۇ تەتۈر ،
ئازدۇرىدۇ گويا چۈشتەك سۈر ،
غايىلىك بول ، روھىڭ پاكلاپ يۈر ،
غەيرەتسىزنىڭ چىن دوستى ئەيدىز .
ئەسلى ھايات گۈلگۈن سۆيۈملۈك ،
چىن ئەقىدە ئۆمۈرگە تۈۋرۈك ،
ساپ سۆيگۈدىن ئىزىمىز بۈيۈك ،
قۇت ، ئىناقلىق تۇتقۇنى ئەيدىز .
مەنبە: جىنسىيەت تورى