جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 560|ئىنكاس: 0

ئەيدىز [AIDS] گە مۇپتىلا بولغان ئايال ۋە يېتىم قىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-29 18:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يۈكسەل بلوگ ئىلاۋىسى : مەزكۇر ئەسەردە ئېرى ئەيدىز [AIDS] بىلەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزىمۇ ئەيدىز [AIDS] دىن ئىبارەت رەھىمسىز جەددالنىڭ چاڭگىلىدا تىپىرلاۋاتقان گۈلشەن ئىسىملىك ئۇيغۇر ئانىنىڭ ئۆزىنىڭ 2 ئوغلى ۋە كېيىن بېقىۋالغان 1 يېتىم قىزىنى ( بۇ قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىمۇ ئەيدىز [AIDS] بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ) بېقىش جەريانىدىكى تولىمۇ تەسىرلىك ئەمەلىي ھايات كەچۈرمىشى بايان قىلىنغان بولۇپ،ئەلداۋا ساغلاملىق تورىدىكى بارلىق ئوقۇرمەنلىرىنى مەزكۇر ئەسەرنى باشتىن ئاخىرى ئوقۇپ چىقىشقا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە بۇ بىچارە ئانا – بالىلارغا ئوخشاش ئەيدىز [AIDS]نىڭ تەسىرىدا خار ۋە زەبۇن بولىۋاتقان كىشىلەرگە غەمخورلۇق قىلىشقا، ئەيدىز [AIDS]نىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ كۈچ چىقىرىشقا چاقىرىق قىلىدۇ.

ئاپتورى: شۇ شىن تىلماچ : غەيۇر ( تور ئىسمى )

ئىلى دەرياسى بويىدىكى بىر مەھەللىدە گۈلشەن ئىسىملىك كېلىشكەن، ئەمما بەختسىز بىر ئۇيغۇر ئايال ئولتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئېرى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان ۋە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، گۈلشەننىڭ ئائىلىسىدە تۆت تامدىن باشقا ھېچنېمە قالمايدۇ. ئۇ ئىككى بالىسىنى ئېلىپ، ئەسكى _ تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىش ئارقىلىق كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما، ئۇ كۈنىنى ئاران كۈن ئېتىپ كېتىۋاتقان چاغدا، ئەيدىز [AIDS]گە مۇپتىلا بولغان ئايال تاشلىۋەتكەن بىر قىز بوۋاقنى تېپىۋالىدۇ. گۈلشەن ئۈچ بالىسى بىلەن جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ…

ئېرىنىڭ ئۆلۈمى

گۈلشەن 1995 _ يىلى ساددا قادىرغا ياتلىق بولغان چاغدا، تويى بولىدىغان قىزلار ئادەتتە ئېلىپ ماڭىدىغان قىز مېلىنىڭ سىرتىدا، ئۇنىڭ ئىلكىدە بىر قورۇ جايمۇ بار ئىدى. تويدىن كېيىن، گۈلشەننىڭ ئېرى قادىر ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا كاۋاپچىلىق قىلدى، دەسلەپ بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشى ئىناق ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتتى. بىراق، ئۇلارنىڭ چوڭ ئوغلى دۇنياغا كېلىپ، ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي، گۈلشەن ئېرىنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ قالدى. ئېرىنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىشى تۈپەيلىدىن، ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يىغىپ كېلىۋاتقان پۇلى قاق پاكىز تۈگىدى. گۈلشەن 2 _ ئوغلىغا ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە، قادىر ئائىلىدىكى پۇلغا يارايدىغان ھەممە نەرسىنى ۋە ئىككى قورۇ جاينى زەھەرگە تېگىشىپ بولغانىدى…
قادىر 2000 _ يىلى كەچ كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە گۈلشەن باغدىكى قەبرىستانلىقتا ئۆلۈپ قالدى، خەقلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى بايقىغان چاغدا، زەھەر ئوكۇل قىلىدىغان شپىرىس ئۇنىڭ بىلىكىدە ئېسىقلىق تۇراتتى.
شۇ چاغدا گۈلشەن 2 _ ئوغلىنى يېڭىلا تۇغقان بولۇپ، قىرقى تېخى توشمىغانىدى، چوڭ ئوغلى بولسا، ئاران تۆت ياشتا ئىدى.
گۈلشەننىڭ ئاغرىقچان ۋە ياشىنىپ قالغان ئاتا _ ئانىسى قىزىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قايغۇ _ ئەلەم دەستىدىن كەينى _ كەينىدىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى. گۈلشەن ھېچ ئىلاج قىلالماي، ئاخىر يىراق بىرنەۋرە ھەدىسىگە دەردىنى ئېيتىشقا مەجبۇر بولدى، ھەدىسى ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان ھويلىدىكى بىر كىچىك ئامبارنى گۈلشەن ۋە ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئولتۇرۇشىغا بوشىتىپ بەردى.
گۈلشەننىڭ ئىشلەيدىغان ئىشى بولمىغاچقا، كىرىم مەنبەسى يوق ئىدى، ئەمما، بالىلىرىنى باقمىسا بولمايتتى. ئۇرۇق _ تۇغقان، دوست _ بۇرادەرلىرى ئۇنىڭغا بىر مەھەل ياردەم بەردى. بىراق، قەيسەر ئايال گۈلشەن خەقنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت كۈن ئۆتكۈزگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەسكى _ تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىش ئارقىلىق بالىلىرىنى بېقىشقا كىرىشتى، ئۇ مۇشۇنداق جاپا _ مۇشەققەتلىك ئەمگىكى ئارقىلىق بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزدى.
مەنبە: يۈكسەل بلوگ


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش