新疆维吾尔医疗网 - Powered by Discuz!
جەمئىي مىكروبلوگ 149 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • فارۇق222 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مەن كەلدىم

  • 844208 2014-4-9 14:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار  مەندىن ھەممىڭلارغا سالام !

  • شىپالىق 2014-4-3 11:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلە؟قانداق ئەھۋالىڭلا؟

  • جاھان 2014-3-30 20:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشچىسىنى نەدىن تاپالايمىز؟  سىبىلىس كېسىلىگە ئىشلىتى.....

  • خىيال147 2014-3-23 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ،  ئەلسىھەت مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار ،  ياخشىمۇسى....

  • بىلىم 2014-3-13 10:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ قانداق ئەھۋالىڭلار؟

  • ئەلسىھەت 2014-3-4 22:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى مۇنبەرنبىرىمىزنىڭ چ چ ئارقىلىق كىرىش ئىشىگى ئوڭشالدى! سىناپ بېقىڭ!

  • ئەخلاق 2014-4-20 15:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھلى جامائەت ياخشىمۇ سىلەر. ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۇشمىگىلى .

  • لوتفىيە 2014-4-6 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى - يېڭى غەلبىلەر ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا!!!

  • لوتفىيە 2014-3-30 21:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋاپادار، كۆيۈمچان بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.

  • جاھان 2014-3-30 20:47 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەلسىھەت دوختۇر  ياخشىمۇ سىز ؟ئۆشنە بىلەن سىماپ كۈشتىسى سىلىدە بامۇ؟

  • 135135 2014-3-19 22:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوزۇلماخارەكتىرلىك ئۈچەي ياللۇغى   قانداق كىسەللىك  دورىسى قانداق دورا چۈ...

  • ئۇيغۇر777 2014-3-12 13:16 [ئىنكاس(0)] [...]

    يەنىلا   ئەلسىھەت تورى  ئەستايىدىل  مۇئامىلە قىلدىكەن جۇما .

  • مودەن 2014-3-4 04:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالام دوستلار مەن يۇرەك كسەللكدئن مەسلھەت سورماقچئ ئدئم.

كۆرۈش: 925|ئىنكاس: 5

بالىلاردىكى سىيىپ يېتىشكە بەش رېتسىپ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-14 17:21:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بالىلاردىكى  سىيىپ يېتىشكە بەش رېتسىپ
1) ياۋا توشقان بېشى بىلەن داۋالاش. ياۋا توشقان بىشىنى ئۈكلىگەندىن كېيىن 25گرام قارا ماش بىلەن قوشۇپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىش كېرەك، سۇغا سامساق، سۇڭپىياز، زەنجىۋىل ۋە تۇز سېلىنىدۇ. يېمەكلىك تەييارلانغاندىن كىيىن سىيگەك بالىغا توشقان بېشىنىڭ گۆشىنى يېگۈزۈش، مۇھىمى شورپىسىنى ئىسسىقىدا ئىچۈرۈش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى ئۇدا بىر ئايغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.2) ياۋا توشقان كاۋىپى بىلەن داۋالاش. ياۋا توشقان گۆشىنى ئوتتا قاقلاپ كاۋاپ قىلىش، كاۋاپقا مۇۋاپىق مىقداردا قارىمۇچ، زىرە قاتارلىق دورىلارنى سېپىپ، كاۋاپى سىيگەك بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا يېگۈزۈش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
3) ياڭاق بىلەن داۋالاش. ياڭاقنى قوقاسقا كۆمۈپ 15مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن شاكىلىدىن ئايرىپ سىيگەك بالىلارغا يېگۈزۈش لازىم. بىر ياشقا توشىمىغان بالىلارغا بىر دانە، بىر ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بالىلارغا ئىككى دانە، ئۈچ ياشتىن ئاشقان بالىلارغا ئۈچ دانىدىن بەش دانىغىچە ياڭاقنى ھەركۈنى كەچتە يۇقىردىكى ئۇسۇلدا يېگۈزۈش كېرەك.
4) قۇرۇق ئۈزۈم بىلەن داۋالاش. قۇرۇق قىزىل ئۈزۈمنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋىتىپ، بىر دانە قۇرۇق قىزىل ئۈزۈمگە بىر دانىدىن قارىمۇچ قوشۇپ، ئاندىن ئۇنى مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭاق مېغىزى بىلەن يۇمشاق سوقۇپ، سىيگەك بالىلارغا ئۇدا بىر قانچە ئايغىچە يېگۈزۈش كېرەك، ھەركۈنى كەچكە يېقىن يېگۈزۈش مۇۋاپىق.
5) 15گرام قانىسە (توخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى سېرىق پەردىسى)نى قورۇپ ئۇندەك سوقۇپ، 15گرام ئاپېلسىن پوستى قاينىتىلغان سۇ بىلەن قوشۇپ سىيگەك بالىلارغا كۈندە بىر گرامدىن، ھەركۈنى 2-3ۋاخ ئىچۈرۈپ بەرگەندە ئۇ ئاجايىپ ئۈنۈم بېرىدۇ.
مەنبە: غازىباي مۇنبىرى


ۋاقتى: 2012-11-14 21:03:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-نۇسخا مەندىمۇ بار ئىدى.ھەقىقەتەن ئۆزگىچە رېتسىپلاركەن.قوللايمەن


ۋاقتى: 2012-11-16 17:16:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسان تاپقىلى بولىدىغان نەرسىلەر بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى يوقمۇ؟


ۋاقتى: 2013-5-3 16:07:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنمۇ  ئاسانراق  تىز پايدا  قىلدىغان  ئۇسۇل  يوقما


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-3 17:54:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تامچە يوللىغان ۋاقتى  2012-11-16 17:16
ئاسان تاپقىلى بولىدىغان نەرسىلەر بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ...

قايسى كۈنى  غول پىياز يىلتىزىنى يۇمشاق سۇقۇپ كىندىك ئاستىغا تېڭىشنى نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرسا ئوڭشىلىدۇ دەپ كۆردۈم سىناپ بېقىڭ!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-5-3 17:55:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزھار5 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-3 16:07
يەنمۇ  ئاسانراق  تىز پايدا  قىلدىغان  ئۇسۇل  يوقما

قايسى كۈنى  غول پىياز يىلتىزىنى يۇمشاق سۇقۇپ كىندىك ئاستىغا تېڭىشنى نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرسا ئوڭشىلىدۇ دەپ كۆردۈم سىناپ بېقىڭ!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



چوققىغا قايتىش